ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

دۆلەت لايىق تېپىشىپ بەرسە، تورداشلار: تېزراق ئەمەلىيلەشتۈرۈلسۇن

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:古丽拜克拉木|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-27 18:51

 

ئۆيلىنىش مەسىلىسى ئىزچىل ياشلار ۋە ئاتا-ئانىلار كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مۇھىم ئىش ھېسابلىنىدۇ، خۇبېيگە ياردەم بەرگىلى بارغان سېسترا قىز تيەن فاڭفاڭنىڭ ئارزۇسى يادىڭلاردا بارمۇ؟-«يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ماڭا بىر ئوغۇل دوست تېپىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!!!»

ئادەمنىڭ «يۈرىكىنى سەل ئېچىشتۇرىدىغان» بۇ ئارزۇ مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى تەن جيەنفېڭنىڭ دىققىتىنى تارتتى. بويتاق ياشلارنىڭ بۇ خىل ئەندىشىسىگە قارىتا، ئۇ بۇ يىل تاپشۇرغان لايىھەدە، مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئۆيلىنىش-مۇھەببەتلىشىشنى تىزىملىتىش ئۇچۇر تەكشۈرۈش سۇپىسىنى ئېچىۋېتىشنى مۇراجىئەت قىلدى، ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىنىڭ پۇقرالارنىڭ سالاھىيەت ئۇچۇرى سىستېمىسىغا تەقلىد قىلىپ، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلار بىلەن بىرلىكتە مەملىكەت بويىچە بىر تۇتاش ئۆيلىنىش-مۇھەببەتلىشىش تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى سۈرۈشتۈرۈش سۇپىسى قۇرۇپ، قانۇندىكى بەلگىلىمە بويىچە پۇقرالارغا ئۆيلىنىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش ئىقتىدارىنى مۇۋاپىق تەمىنلەپ، ئۆيلىنىش-مۇھەببەتلىشىش تور بەتلىرى ۋە لايىق تونۇشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ خېرىدارلارنىڭ ئۆيلىنىش ئەھۋالىنى ئۈنۈملۈك پەرقلەندۈرۈشىگە كاپالەتلىك قىلىپ، يامان غەرەزلىك كىشىلەرگە يوچۇق قالدۇرماسلىقنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇ يەنە كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى مەركىزىي كومىتېتى قاتارلىقلار باشلامچى بولۇپ، بويتاق ياشلارغا ئىشەنچ ۋە ئالاقە سۇپىسى قۇرۇپ بېرىش تەكلىپىنى بەردى.

مەزكۇر تەكلىپ تېزلىكتە تورداشلارنىڭ كەڭ مۇنازىرىسىنى قوزغىدى، كۆپ قىسىم تورداش بۇ تەكلىپنى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، «دۆلەت ئاخىرى لايىق تېپىشىپ بېرىدىغان بولدى.»

ئەمەلىيەتتە، دۆلەت ياشلارنىڭ ئۆيلىنىش-مۇھەببەتلىشىش مەسىلىسىگە ئۇزۇندىن بۇيان كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى، «ئوتتۇرا، ئۇزاق مەزگىللىك ياشلار تەرەققىيات يىرىك پىلانى (2016-2025-يىلغىچە)»دە، ياشلارنىڭ ئۆيلىنىش-مۇھەببەتلىشىش مەسىلىسى ئون چوڭ تەرەققىيات ساھەسىنىڭ بىرى قىلىنغان، ھەمدە مۇنۇلار ئوتتۇرىغا قويۇلغان: ياشلاردا ئۆيلىنىش-مۇھەببەتلىشىش قارىشى، ئائىلە قارىشى تەربىيەسى ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىش ئارقىلىق، ياشلارنىڭ ئۆيلىنىش-مۇھەببەتلىشىش، دوستلىشىشىغا ھەقىقىي مۇلازىمەت قىلىش؛ ياشلارنىڭ جىنسىي ساغلاملىق تەربىيەسى ۋە سۈپەتلىك تۇغۇش، سۈپەتلىك تەربىيەلەش تەشۋىق-تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش؛ ياشلارنىڭ ھامىلىدارلىق مەزگىلى، تۇغۇت مەزگىلى، ئېمىتىش مەزگىلىدە بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىك قانۇندا بەلگىلەنگەن ھوقۇق-مەنپەئەتلىرىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئارقىلىق، ياشلاردىكى ئۆيلىنىش-مۇھەببەتلىشىش قارىشىنىڭ تېخىمۇ مەدەنىي، ساغلام، ئەقلىي بولۇشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش كېرەك؛ ياشلارنىڭ ئۆيلىنىش، ئائىلە ۋە تۇغۇت-كۆپىيىش ساغلاملىق مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈش؛ ياشلارنىڭ ئالاقىدار قانۇنىي ھوقۇقىنى تېخىمۇ ياخشى كاپالەتلەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويدى.

    中央广播电视总台 央广网 版权所有

    دۆلەت لايىق تېپىشىپ بەرسە، تورداشلار: تېزراق ئەمەلىيلەشتۈرۈلسۇن

    ئۆيلىنىش مەسىلىسى ئىزچىل ياشلار ۋە ئاتا-ئانىلار كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مۇھىم ئىش ھېسابلىنىدۇ، خۇبېيگە ياردەم بەرگىلى بارغان سېسترا قىز تيەن فاڭفاڭنىڭ ئارزۇسى يادىڭلاردا بارمۇ؟-«يۇقۇم ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، دۆلەتنىڭ ماڭا بىر ئوغۇل دوست تېپىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن!!!»