ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ئىككى يىغىنغا نەزەر: ۋەكىللەر ۋە ئەزالار يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش جېڭى ھەققىدە قانداق تەكلىپلەرنى بەردى؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:پاتىگۈل مەمەت|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-05-22 16:28

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 5-ئاينىڭ 22-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

بىر قانچە ئايدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر مىليارد 400مىليون جۇڭگو خەلقىنى باشلاپ، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا دېگەننى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، مەملىكەت بويىچە ھەرىكەتكە كېلىپ، زور يۇقۇمغا قارشى تۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى ئىدىيەسى ئارقىلىق قول تۇتۇشۇپ،  قىيىنچىلىقنى بىرلىكتە يەڭدى، جۇڭگو قەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىش ۋە غايەت زور قۇربان بېرىش ئارقىلىق  ۋىرۇسنىڭ تارقىلىشىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، يەر شارى  يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش جېڭى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى، بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى.

نۇرغۇن ۋەكىللەر ۋە ئەزالار مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ قېتىمقى يۇقۇم مەزگىلىدە، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇشتىكى ئاساسى داۋالاش ئاپپاراتى بولغان ــ مەھەللە، يېزا بازار ئاساسى قاتلام شىپاخانىلىرىدا ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە كىچىك، تارقاق، ئاجىز بولۇش مەسىلىسى كۆرۈلدى، بۇ زور يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ ۋە قاندۇرالمايدۇ.

مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، بېيجىڭ شەھىرى فېڭتەي رايونى فاڭجۇاڭ  مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋۇ خاۋ ئاساسى قاتلامنىڭ داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرىنى ئاممىۋىي سەھىيە ۋەقەلىرىنى كۆزىتىدىغان قاراۋۇلخانا ۋە سىنكۆزگە ئوخشاتتى، ئۇنىڭ قارىشىچە، ئاساسىي قاتلام داۋالاش سەھىيە ئاپپاراتلىرى تۆۋەندىكى بىرقانچە تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى قىلىشى كېرەككەن: بىرىنچى، ئاساسى قاتلام تېببىي خادىملىرىنى ئاممىۋىي سەھىيە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش بويىچە پەرقلەندۈرۈش، يۇقىرىغا دوكلات قىلىش، ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەش ۋە ئالاقىدار قانۇن نىزام قاتارلىق جەھەتلەردىن تەربىيەلەش، ئىككىنچى، ئاساسى قاتلامنىڭ زور مىقداردىكى مەلۇمات جەدۋىلى خىزمىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىپ، شەكىلۋازلىق قىلماسلىق.

ئىككى يىغىن مەزگىلدە يەرشارىنىڭ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋەزىيىتى ياخشى بولمىدى، جەمئىي دىياگنوز قويۇلغان بىمار 5مىليوندىن ئاشتى، مۇرەككەپ يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش ۋەزىيىتى ئالدىدا ۋاكسىنا قاتارلىق ھالقىلىق سۆزلەر كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى تارتتى. پەن تەتقىقاتتا قاچان بۆسۈش ھاسىل قىلىش ھەممە كۆز تىككەن قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو تېببىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ باشلىقى، ئاكادېمىك ۋاڭ چېن تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك دۆلەت تىببي پەنلەر ئاكادېمىيەسى قۇرۇپ، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەلا سۈپەتلىك تەتقىقات بايلىقىنى بىرلەشتۈرۈپ، مېدىتسىنا پەن تېخنىكىسىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك كۈچىنى يېتىشتۈرۈش شۇنداقلا ئۇنىڭغا دۆلەتنىڭ تېببىي ساغلاملىق تەتقىقاتى ۋە باشقۇرۇش پەن تېخنىكا بايلىقىنى پىلانلاش، بىرتۇتاش پىلانلاش، ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش ۋەزىپىسىنى يۈكلەش كېرەك.

يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش مەزگىلىدە ۋىرۇس تەتقىقاتىغا قاتناشقان چېن ۋېينىڭ يەنە بىر سالاھىيىتى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزاسى، ئۇ تەييارلىغان تەۋسىيە ــ ئېلىمىزنىڭ جانلىقلار بىخەتەرلىكى ئىلىمى ۋە كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇش. چېن ۋېي تەكلىپ بېرىپ مۇنداق دېدى: جانلىقلار بىخەتەرلىكى پەن تەتقىقاتى، كەسىپ قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەردىكى كۈچلەرنى يۇغۇرۇپ، پەن گىرەلەشمە سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئەسلىي يېڭىلىق يارىتىشتىن تەييار مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشقىچە بولغان بارلىق ھالقىلارنى بىرلەشتۈرۈپ، نەتىجىلەرنى ئۆزلەشتۈرۈشنىڭ  ئەڭ ئاخىرقى بىر كىلومېتىرىنى ئېچىپ، خەلقنىڭ ساغلاملىقى، بىخەتەرلىكىگە تېخىمۇ ياخشى، تېخىمۇ تېز كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ئىككى يىغىنغا نەزەر: ۋەكىللەر ۋە ئەزالار يۇقۇمغا قارشى تۇرۇش جېڭى ھەققىدە قانداق تەكلىپلەرنى بەردى؟

بىر قانچە ئايدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىر مىليارد 400مىليون جۇڭگو خەلقىنى باشلاپ، ھاياتلىق ھەممىدىن ئەلا دېگەننى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ