ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

℃25-! شىنجاڭدا يەنە قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:米克丽古丽|     يوللانغان ۋاقىت: 2021-02-21 18:23

 

شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى خۇددى ئاياللارنىڭ كۆڭلىگە ئوخشايدۇ، ئۆزگىرىمەن دەپلا ئۆزگىرىدۇ! مانا، يەنە قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىغان بولدى! 

بۇ ھەپتە شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قار ياغىدۇ! 

ھاۋارايىدىن مەلۇمات 

21-فېۋرال كېچىدىن 22-فېۋرال كۈندۈزگىچە، ئىلى ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، شىخەنزە شەھىرى، ئۈرۈمچى شەھىرى، سانجى ئوبلاستى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە ئىلى ئوبلاستىنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئوتتۇرھال ياكى قېلىن قار ياغىدۇ، شامال ئېغىزىدا سەككىز بال ئەتراپىدا غەربىي شىمال شامىلى چىقىدۇ. 
22-فېۋرال كېچىدىن 23-فېۋرال كۈندۈزگىچە، ئىلى ئوبلاستىنىڭ شەرقىي قىسمى، جەنۇبىي قىسمى، تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، ئالتاي ۋىلايىتىنىڭ شىمالىي قىسمى، شەرقىي قىسمى قاتارلىق جايلارنىڭ قىسمەن رايونلىرىدا ئازراق قار ياغىدۇ.

دىققەت! سوغۇق ھاۋا ئېقىمى كىرىدۇ... 

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا قار يېغىپ، تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ. 

ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆلدىن تۆۋەن 25 سېلسىيە گىرادۇسقا چۈشىدۇ 

  

كەلگۈسى يەتتە كۈندە شىنجاڭنىڭ ھاۋا رايى مۇنداق بولىدۇ

 

ئۈرۈمچى: 3 كۈن قار ياغىدۇ، كەلگۈسى 7 كۈندە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃12-قا چۈشىدۇ

تېمپېراتۇرا ℃5 تىن بىراقلا ℃1-گە چۈشۈپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى ℃6 بولىدۇ.

 

چىڭگىل: ئۇدا 3 كۈن قار ياغىدۇ، كەلگۈسى 7 كۈندىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃24- قا چۈشىدۇ

تېمپېراتۇرا ℃2-دىن بىۋاسىتە ℃12-قا چۈشىدۇ، تۆۋەنلەش نىسبىتى ℃10 كە يېتىدۇ 

 

ئالتاي: 3 كۈن قار ياغىدۇ، كەلگۈسى 7 كۈندە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا  ℃25- قا چۈشىدۇ

تېمپېراتۇرا℃3 تىن ℃6 قا  تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى ℃9 كە يېتىدۇ 

 

سانجى: 3 كۈن قار ياغىدۇ، كەلگۈسى 7 كۈندە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃17- قا چۈشىدۇ

 

بورتالا: 3 كۈن قار ياغىدۇ، كەلگۈسى 7 كۈندە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃16- قا چۈشىدۇ 

 

قۇمۇل: 1 كۈن قار ياغىدۇ، كەلگۈسى 7 كۈندە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃6- قا چۈشىدۇ

 

شىخەنزە شەھىرى: ئۇدا 4 كۈن قار ياغىدۇ، كەلگۈسى 7 كۈندىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃16-قا چۈشىدۇ

 

غۇلجا: 3 كۈن قار ياغىدۇ، كەلگۈسى 7 كۈندە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃8- قا چۈشىدۇ

تېمپېراتۇرا  ℃10 دىن بىۋاسىتە ℃0 گە چۈشۈپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى℃10 غا يېتىدۇ 

 

چۆچەك: ئۇدا 3 كۈن قار ياغىدۇ، كەلگۈسى 7 كۈندىكى ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا℃23- قا چۈشىدۇ

تېمپېراتۇرا ℃ 8دىن ℃8-گە بىۋاسىتە تۆۋەنلەپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى ℃16 غا يېتىدۇ. 

 

كورلا:2 كۈن قار ياغىدۇ، كەلگۈسى 7 كۈندە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃8- قا چۈشىدۇ 

كۇيتۇن: 3 كۈن قار ياغىدۇ، كەلگۈسى 7 كۈندە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃12- قا چۈشىدۇ 

 

قەشقەر: كەلگۈسى 7 كۈندە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃3- قا چۈشىدۇ

ئاقسۇ: كەلگۈسى 7 كۈندە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃1- قا چۈشىدۇ

 

قاراماي: 5 كۈن قار ياغىدۇ، كەلگۈسى 7 كۈندە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃11- قا چۈشىدۇ 

 

خوتەن: 1 كۈن يامغۇر ياغىدۇ، كەلگۈسى 7 كۈندە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃1 قا چۈشىدۇ 

 

ئارال: 1 كۈن قار ياغىدۇ، كەلگۈسى 7 كۈندە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃4- قا چۈشىدۇ 

 

تۇرپان: كەلگۈسى 7 كۈندە ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃1- قا چۈشىدۇ 

 

سىز خاتا كۆرۈپ قالمىدىڭىز! 

شىنجاڭنىڭ ھاۋارايى يەنە بىر مەيدان قاتتىق ئۆزگىرىدۇ! 

كۆپ قىسىم رايونلاردا قار ياغىدۇ. 

ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا ℃25-گە چۈشىدۇ! 

(تېمپېراتۇرا توپتوغرا ℃16 تۆۋەنلەيدۇ! )

 

 

 

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

℃25-! شىنجاڭدا يەنە قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدۇ

شىنجاڭنىڭ ھاۋاسى خۇددى ئاياللارنىڭ كۆڭلىگە ئوخشايدۇ، ئۆزگىرىمەن دەپلا ئۆزگىرىدۇ! مانا، يەنە قار يېغىپ تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەيدىغان بولدى!