ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

بۇ ئىشنى كۆرۈڭ! ئۆگزىدە ئاپتوموبىل ھەيدەشنى مەشىق قىلغان بارمۇ؟

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-21 15:21

 

يېقىندا، «چۇڭچىڭدىكى مەلۇم شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ كۇرسانتلىرى يەتتە قەۋەتلىك بىنانىڭ ئۆگزىسىدە ئاپتوموبىل ھەيدەشنى مەشىق قىلىۋاتىدۇ» دېگەن تېمىدىكى بىر ۋىدېيو توردا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى. تورداشلار شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ ئۆگزىدە كۇرسانتلارغا ئاپتوموبىل ھەيدەشنى مەشىق قىلدۇرۇشى قائىدىگە خىلاپ ھەم خەتەرلىك قىلمىش دېيىشتى.

19-نويابىر چۈشتىن كېيىن، چۇڭچىڭ شەھىرى جيۇلۇڭپو رايونلۇق قاتناش باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتچىلىرى بۇ ئىشقا ئىنكاس بىلدۈرۈپ، جيۇلۇڭپو رايونىدىكى كاڭچياۋ شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ يەتتە قەۋەتلىك بىنانىڭ ئۆگزىسىدە كۇرسانتلارغا ئاپتوموبىل ھەيدەشنى مەشىق قىلدۇرۇش مەسىلىسىگە قارىتا، شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكى ھەمدە بۇ ئاپتوموبىل مەشىق مەيدانىنى ئەنگە ئالدۇرمىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەنلىكىنى ئېيتتى.

 

 

 

نېمە دېگەن خەتەرلىك! شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ كۇرسانتلىرى يەتتە قەۋەتلىك بىنانىڭ ئۆگزىسىدە ئاپتوموبىل ھەيدەشنى مەشىق قىلدى

ۋىدېيودا كۆرسىتىلىشىچە، چۇڭچىڭدىكى مەلۇم جايدىكى يەتتە قەۋەتلىك بىنانىڭ ئۆگزىسىگە ئاق سىزىق سىزىلغان بولۇپ، شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ كۇرسانتلىرى ئاپتوموبىلنى ئىسكىلاتقا ھەيدەپ كىرىش، بۇرۇلۇش قاتارلىق ئىمتىھان تۈرلىرىنى مەشىق قىلىۋاتاتتى.

ئىگىلىنىشىچە، بۇ شوپۇرلۇق مەكتىپى چۇڭچىڭ شەھىرى جيۇلۇڭپو رايونىدىكى غەربىي رايون ئەشيا ئوبوروتى ۋە سودا مەركىزىنىڭ ئۆگزىسىگە جايلاشقان. بۇ بىنا مۇستەقىل بىنا بولۇپ، ئەتراپتىكى يوللار بىلەن تۇتاشتۇرۇلمىغان. پۈتكۈل بىنا ئۆگزىسى ئىككى رايونغا بۆلۈنگەن بولۇپ، يېرىمى شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ مەشىق مەيدانى قىلىنغان، مۇخبىر نەق مەيدانغا بارغاندا كۇرسانتلار يەنە ئاپتوموبىل ھەيدەشنى مەشىق قىلىۋاتاتتى. ئۆگزىنىڭ قالغان يېرىمى ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قىلىپ ئىشلىتىلگەن بولۇپ، ماشىنىلار توشۇپ كەتكەنىدى. بىنانىڭ ئاستىدا يەنە مەخسۇس يول كۆرسىتىش تاختىسى بار بولۇپ، ئاپتوموبىللارنىڭ بىنانىڭ ئۆگزىسىگە چىقىش يولى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.

شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ تىرېنېرى مۇناسىپ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ قوللىنىلغانلىقىنى ئېيتتى.

ئەمىسە، ئەمەلىي ئەھۋال قانداق؟

بۇنىڭغا قارىتا نۇرغۇن تورداش ئەندىشىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ناۋادا كۇرسانتلار ماي كىلاپانىنى تورمۇز ئورنىدا خاتا دەسسەپ سالسا، ئاپتوموبىل ئۆگزىدىن چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدۇ دېيىشتى.

يەنە بەزى تورداشلار ئۆزىنىڭ بۇ شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ كۇرسانتى ئىكەنلىكى، بۇ يىل 6-ئايدا بۇ شوپۇرلۇق مەكتىپىگە بېرىپ ئاپتوموبىل ھەيدەشنى ئۆگىنىشكە تىزىملاتقانلىقى، 1-تۈر ئىمتىھانىنى بېرىپ بولۇپ، 8-ئايغا كەلگەندە ئاندىن باشقىلاردىن 2-تۈر مەشىق مەيدانىنىڭ غەربىي رايون ئەشيا ئوبوروتى ۋە سودا مەركىزىنىڭ ئۆگزىسىگە كۆچۈرۈلگەنلىكىنى بىلگەنلىكىنى ئېيتىشتى.

بۇ شوپۇرلۇق مەكتىپىدىكى چيەن فامىلىلىك تىرېنېرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، شوپۇرلۇق مەكتىپى يەر يۈزىدىن تەخمىنەن 20 مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، بۇنىڭدىن ئىلگىرى بۇ يەر ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانى قىلىنغان، كېيىن مەزكۇر شوپۇرلۇق مەكتىپى بىر قىسمىنى ئىجارىگە ئالغان، ئومۇمىي كۆلىمى 6000 كىۋادرات مېتىردىن ئارتۇق بولۇپ، 10 ئاپتوموبىلدا بىرلا ۋاقىتتا مەشىق قىلغىلى بولىدىكەن. ئۇ يەنە شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ ئەتراپىدا رېشاتكا بولۇپلا قالماي، يەنە بىر نەچچە قەۋەت مۇداپىئە ئەسلىھەسى ئورنىتىلغان، بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى جايىدا قوللىنىلدى، دېدى.

ئەمما، مۇخبىر نەق مەيدانغا بېرىپ، مەشىق مەيدانىنىڭ سىرتقى تېمىغا يېقىن ئورۇنغا توسۇق، بالون قاتارلىق ئەسلىھەلەر ئورنىتىلغاندىن سىرت، باشقا مۇستەھكەملەش ۋە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنىڭ يوقلۇقىنى كۆردى. شۇنىڭ بىلەن  بىر  ۋاقىتتا، مەشىق مەيدانىنىڭ ئوتتۇرىسىدا بىنانىڭ ھاۋا ئالماشتۇرۇش ئېغىزى بار ئىكەن، لېكىن ئۇنىڭغا ئاگاھلاندۇرۇش بەلگىسى قويۇلمىغان، بەزى مەشىق ئاپتوموبىلىدا كۇرسانتلار يالغۇز مەشىق قىلىۋېتىپتۇ.

مەشىق مەيدانى ئەنگە ئېلىنمىغان، ئالاقىدار تارماقلار ئىشلىتىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان

بىنانىڭ ئۆگزىسىنى شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ مەشىق مەيدانى قىلغىلى بولامدۇ؟

تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ۋۇخەن، شېنجېن قاتارلىق جايلاردا بەزى شوپۇرلۇق مەكتەپلىرى بىنانىڭ ئۆگزىسىدە مەشىق مەيدانى قۇرۇپ، يېقىن ئەتراپتا تۇرىدىغان كۇرسانتلارنى مەشىق قىلدۇرغان. ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئاشكارىلىغاندىن كېيىن، شۇ جايدىكى قاتناش تارماقلىرى ئۇ مەكتەپلەرنى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلغان.

چۇڭچىڭ شەھىرى جيۇلۇڭپو رايونلۇق قاتناش باشقۇرۇش ئورنىنىڭ ئالاقىدار خىزمەتچىسى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەزكۇر شوپۇرلۇق مەكتىپى مەشىق مەيدانىنى ئەنگە ئالدۇرمىغان، 19-نويابىر چۈشتىن كېيىن بىز شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ مەسئۇلى بىلەن سۆھبەتلەشتۇق. بىنانىڭ ئۆگزىسىدە ئاپتوموبىل ھەيدەشنى مەشىق قىلىش بەلگىلىمىگە خىلاپمۇ-ئەمەسمۇ بۇ ھەقتە ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارنى تەكشۈرۈۋاتىمىز، ئاخىرىدا بىر ئېنىق چۈشەنچە بېرىمىز. ئالاقىدار مەسىلىلەرمۇ بىر تەرەپ قىلىنىۋاتىدۇ، بىز شوپۇرلۇق مەكتىپىگە مەيداندىكى مەشىقنى توختىتىشنى ئۇقتۇردۇق.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

بۇ ئىشنى كۆرۈڭ! ئۆگزىدە ئاپتوموبىل ھەيدەشنى مەشىق قىلغان بارمۇ؟

يېقىندا، «چۇڭچىڭدىكى مەلۇم شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ كۇرسانتلىرى يەتتە قەۋەتلىك بىنانىڭ ئۆگزىسىدە ئاپتوموبىل ھەيدەشنى مەشىق قىلىۋاتىدۇ» دېگەن تېمىدىكى بىر ۋىدېيو توردا قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى. تورداشلار شوپۇرلۇق مەكتىپىنىڭ ئۆگزىدە كۇرسانتلارغا ئاپتوموبىل ھەيدەشنى مەشىق قىلدۇرۇشى قائىدىگە خىلاپ ھەم خەتەرلىك قىلمىش دېيىشتى.