ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

ھەر يىلى بۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغانلار بىر مىليونغا يېتىدۇ

مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈلبەھرەم مۇختار|     يوللانغان ۋاقىت: 2020-11-21 09:55

 

20-نويابىر، 7-قېتىملىق «جۇڭگو يۈرەك تىقىلمىسىنى داۋالاش كۈنى». كىلىنىكىلىق سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئېلىمىزدە ھەر يىلى جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسى بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغانلار بىر مىليونغا يېتىدىكەن. كۆپ قىسىم بىمارلار يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى كېسەللىك ئالامەتلىرىگە سەل قارىغانلىقتىن، جىددىي قۇتقۇزۇش ۋاقتىنى كېچىكتۈرۈپ قويىدىكەن.

يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئامىللار ھاياجانلىنىش، زىيادە چارچاش، كۆپ مىقداردا تاماكا چېكىش، ھاراق ئىچىش، ھاۋا كىلىماتىنىڭ تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. جىددىي خاراكتېرلىك يۈرەك مۇسكۇلى تىقىلمىسىنىڭ دائىم كۆرۈلىدىغان كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆكرەك ئاغرىش، دېمى سىقىلىش ياكى دۈمبە ئاغرىش، كۆپ تەرلەش قاتارلىقلار.

تېببىي خادىملار شۇنى ئەسكەرتىدۇكى: يۇقىرى قان بېسىم، دىيابېت ئاغرىقلىرى، خىزمەت بېسىمى ئېغىر بولۇش سەۋەبىدىن دائىم تۈنەيدىغانلار، تاماكا چېكىدىغان، ھاراق ئىچىدىغان، بولۇپمۇ 40 ياشتىن ئاشقان كىشىلەردە كۆكرەك قىسمى ئاغرىش، تەرلەش، كۆڭلى ئېلىشىش، قۇسۇش قاتارلىق كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلسە، دەرھال دوختۇرغا كۆرۈنۈش كېرەك.                        

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有

ھەر يىلى بۇ كېسەل بىلەن ئۆلۈپ كېتىدىغانلار بىر مىليونغا يېتىدۇ

20-نويابىر، 7-قېتىملىق «جۇڭگو يۈرەك تىقىلمىسىنى داۋالاش كۈنى