\ ناچار ئۇچۇرلارنى پاش قىلىش: mzjubao@cnr

مەستانىلەر سېغىنغان بۇ كارتوننىڭ داۋامى چىقماقچى

مەنبەسى:央广网     |تەھرىر:乌斯曼江|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-10-09 18:38

10-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئىنوئۇئې تاكېخىكو ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتىدە، «ۋاسكېتبول ماھىرى»نىڭ يېڭى رەسىملەر توپلىمى «PLUS/SLAM DUNK ILLUSTRATIONS2»نىڭ ئىشلىنىۋاتقانلىقىنى، 2020-يىلى 4-ئايدىن باشلاپ سېتىلىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن. 1997-يىلى، ئىنوئۇئې تاكېخىكو ئەسلى رەسىملەر توپلىمىنى ئېلان قىلغان، بۇ 23 يىلدىن بۇيان «ۋاسكېتبول ماھىرى»نىڭ تۇنجى قېتىم يېڭىلىنىشى ھېسابلىنىدۇ.

ئىنوئۇئې تاكېخىكو بولسا دەرىجىدىن تاشقىرى ئالقىشقا ئېرىشكەن ھەجۋىي كارتون «ۋاسكېتبول ماھىرى»نىڭ ئاپتورى. «ۋاسكېتبول ماھىرى»، 1990-يىلىدىن 1996-يىلىغىچە «ھەپتىلىك ئۆسمۈرلەر ژۇرنىلى JUMP»دا بۆلۈپ بېسىلغان بولۇپ، «كىچىك پۇتبول ماھىرى»، «كالتەك توپ قەھرىمانى» بىلەن بىرلىكتە، ياپونىيە تەنتەربىيە ھەجۋىي كارتونىدىكى ئۈچ كىلاسسىك ئەسەر دەپ ئاتالغان، ئايرىم بېسىلغان كىتاب 17 دۆلەت ۋە رايوندا تارقىتىلغان. كىتابتىكى رۇكاۋا، ساكۇراگى قاتارلىق پېرسوناژلار، بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ قەلبىدىكى چولپانلار ھېسابلىنىدۇ.

يېڭى رەسىملەر توپلىمىنىڭ مۇقاۋىسى

ھازىر، ئىنوئۇئې تاكېخىكونىڭ ئىجادىيىتى بولغان «ۋاسكېتبول ماھىرى»نىڭ يېڭى رەسىملەر توپلىمى «PLUS/SLAM DUNK ILLUSTRATIONS2»نىڭ مۇقاۋىسى ئېلان قىلىنغان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، يېڭى رەسىملەر توپلىمىغا 130 دىن ئارتۇق قىستۇرما رەسىم كىرگۈزۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە 11 يېڭى قىستۇرما رەسىم ئىنوئۇئې تاكېخىكونىڭ يېڭى ئىجادىي ئەسىرى ئىكەن.

 

中央广播电视总台 央广网 版权所有