باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
مەركىزىي بانكا ئېلان چىقىرىپ، شەخسلەر ئۈچۈن يېڭىدىن تارقىتىلىدىغان سودا خاراكتېرلىك قەرز پۇللارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى سىياسىتى تەڭشىلىدۇ، دېدى
مەنبەسى:خەلق تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل | يوللانغان ۋاقىت:2019-08-28 11:18:23

  جۇڭگو خەلق بانكىسى 25- چېسلا ئېلان چىقىرىپ، بۇ يىل 10- ئاينىڭ 8- كۈنىدىن باشلاپ، شەخسلەر ئۈچۈن يېڭىدىن تارقىتىلىدىغان سودا خاراكتېرلىك تۇرالغۇ قەرز پۇللارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى يېقىنقى بىر ئايلىق مۇناسىپ قەرەلدىكى قەرز پۇل بازىرىدا باھا مەلۇم قىلىش ئۆسۈم نىسبىتى (LPR)نىڭ باھا بېكىتىش ئۆلچىمى بويىچە شەكىللىنىدۇ، دېدى.

  بۇ ئۆزگىرىش ئاساسلىقى شەخسلەر ئۈچۈن يېڭىدىن تارقىتىلغان قەرز پۇللارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىگە قارىتىلغان بولۇپ، ھازىرقى شەخسلەر قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى يەنىلا ئەسلىدىكى توختام بويىچە ئىجرا قىلىنىدۇ.

  باھا بېكىتىش ئۆلچىمىگە ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلگەندىن كېيىن، مەملىكەت مىقياسىدا يېڭىدىن تارقىتىلغان تۇنجى يۈرۈش شەخسىيلەر تۇرالغۇ قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى مۇناسىپ مۆھلەتتىكى LPR (8- ئاينىڭ 20- كۈنى بەش يىللىقتىن يۇقىرى بويىچە LPR %4.85 بولىدۇ)دىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك؛ 2- يۈرۈش شەخسلەر تۇرالغۇ قەرز پۇلىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى مۇناسىپ مۆھلەتتىكى LPR غا 60 ئاساسىي نۇقتا قوشۇشتىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك (8- ئاينىڭ 20- كۈنى بەش يىللىقتىن يۇقىرى بولۇش بويىچە LPR %5.45 بولىدۇ )، بۇ نۆۋەت ئېلىمىزنىڭ شەخسلەر تۇرالغۇ قەرز پۇلىنىڭ ئەمەلىي ئەڭ تۆۋەن ئۆسۈم نىسبىتى سەۋىيىسى بىلەن ئاساسىي جەھەتتىن ئوخشاش بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، خەلق بانكىسىنىڭ تارماق ئاپپاراتلىرى ئۆلكە دەرىجىلىك بازارلارنىڭ ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە باھا بېكىتىشتە تەلەپچان بولۇش مېخانىزمىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، شۇ جاينىڭ LPR تۆۋەن چېكىنى ۋاقتىدا بېكىتىدۇ. نۇقتا قوشۇشتىكى سانلىق قىممەت پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ۋە شۇ جاينىڭ تۇرالغۇ كرېدىت سىياسىتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن بولۇشى، قەرز پۇلنىڭ خەۋپ-خەتىرى ئەھۋالىنى گەۋدىلەندۈرۈشى، توختام مۇددىتى ئىچىدە ئۆزگەرمەسلىكى كېرەك. ئىسلاھاتتىن ئىلگىرىكىگە سېلىشتۇرغاندا، ئاھالىلەر شەخسىي تۇرالغۇ قەرز ئېلىشنى ئىلتىماس قىلسا، ئۆسۈم چىقىمى ئاساسەن تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.

  نۆۋەتتە، قەرز پۇل بازىرىدا باھا مەلۇم قىلىش ئۆسۈم نىسبىتىنىڭ بىر يىللىق ۋە بەش يىلدىن يۇقىرى دېگەندەك ئىككى خىل قەرەللىك تۈرى بار. ھەمدە بىر يىللىق ۋە بەش يىلدىن يۇقىرى بولغان شەخسىي تۇرالغۇ قەرز ئېلىش نىسبىتىنىڭ بىۋاسىتە ماس كېلىدىغان ئۆلچىمى بار، بىر يىللىق ۋە بەش يىلدىن يۇقىرى شەخسىي تۇرالغۇ قەرز ئېلىش نىسبەت ئۆلچىمىنى قەرز بەرگۈچى بانكا ئىككى مۇددەتلىك تۈر ئىچىدە ئۆز ئالدىغا تاللىسا بولىدۇ. پايدىلىنىش ئۆلچىمى بېكىتىلگەندىن كېيىن، نۇقتا قوشۇش سانلىق قىممىتىنى تەڭشەش ئارقىلىق، قەرەل ئۆسۈم پەرقى ئامىلىنى گەۋدىلەندۈرگىلى بولىدۇ.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق