باش بەت>>كوچا پاراڭلىرى
خې يىچېڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5- نۆۋەتلىك باش مەمۇر نامزاتىغا يۇقىرى ئاۋاز بىلەن ئېرىشتى
مەنبەسى:خەلق تورى |تەھرىر:مېھرىگۈل | يوللانغان ۋاقىت:2019-08-28 11:14:31

  ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5- نۆۋەتلىك باش مەمۇر سايلىمى 25- چېسلا ئۆتكۈزۈلدى. خې يىچېڭ بىردىنبىر نامزات بولۇش سۈپىتى بىلەن 392 ئاۋاز بىلەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5- نۆۋەتلىك باش مەمۇرىنىڭ نامزاتى بولۇپ سايلاندى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 دا، سايلام ئارقىلىق بېلەت تاشلاش ئاۋمىن شەرقىي ئاسىيا تەنھەرىكەت مۇسابىقە سارىيى خەلقئارا يىغىن مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلدى، 400 نەپەر باش مەمۇر سايلام ھەيئىتىنىڭ ئەزالارنىڭ ھەممىسى نەق مەيدانغا كېلىپ ئىسىمسىز بېلەت تاشلىدى.

  ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ «مەمۇرىي باشلىق سايلىمى قانۇنى»دىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، سايلام ھەيئىتىنىڭ بارلىق ئەزالىرىنىڭ ئۈچتىن بىر قىسىمى نەق مەيدانغا كېلىپ بېلەت تاشلىسا ئاندىن كۈچكە ئىگە بولىدۇ؛ نامزاتلارنىڭ ئېرىشكەن ئاۋاز سانى سايلام ھەيئىتىنىڭ بارلىق ئەزاسىنىڭ يېرىمىدىن ئېشىپ كەتسە سايلانغان بولىدۇ.

  بىر سائەتتىن ئارتۇق بېلەت تاشلاش ۋە بېلەت ساناپ ھېسابلاش نەتىجىسىدە، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرىنى سايلاشنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ رەئىسى سۇڭ مىنلى: خې يىچېڭنىڭ ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5- نۆۋەتلىك باش مەمۇر نامزاتى بولۇپ سايلانغانلىقىنى جاكارلىدى. خې يىچېڭ 392 ئاۋازغا ئېرىشىپ، %98 ئاۋازغا ئېرىشتى. سايلام باشقۇرۇش كومىتېتى، نامزاتلارنىڭ بېلەت نازارەتچىلىرى ۋە تاراتقۇلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا، پۈتكۈل سايلام جەريانى تەرتىپلىك بولدى.

  ئاۋمېن نېگىزلىك قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ مەمۇرىي باشلىقىنى كەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە مەمۇرىي باشلىق سايلام ھەيئىتى قانۇن بويىچە سايلاپ چىقىدۇ، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ تەيىنلىشى بىلەن ۋەزىپىگە تەيىنلىنىدۇ. ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ 5- نۆۋەتلىك مەمۇرىي باشلىقىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى 2019- يىلى 12- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 2024- يىلى 12- ئاينىڭ 19- كۈنىگىچە بولىدۇ.

ھەمبەھىرلەش
كېيىنكىسى
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
يەنە قىزىق نۇقتا
يەنە ئاۋات سۈرەتلىك خەۋەرلەر
يەنە تەنتەربىيە
يەنە پەن-تېخنىكا
يەنە غەلىتە ئىشلار
يەنە كوچا پاراڭلىرى
يەنە ساغلاملىق