«ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» خاتىرىسى: ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويۇپ ئۈچ يىلدىن كېيىن «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» نىمە ئۈچۈن يەنىلا قىيىن بولىدۇ؟
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-27 16:07

ئۈچ يىل بۇرۇنقى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى، ئەنگلىيە «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» چىقماسلىقنى ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويۇشنى قارار قىلدى. ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويۇشتىن ئىلگىرىكى نۇرغۇن ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنىڭ ئەكسىچە، ئەنگلىيە خەلقى %48كە قارشى %52 ئاۋاز بىلەن «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش»نى تاللىدى.

بۇ «قارا ئاققۇ»نىڭ بارلىققا كېلىشى شۇ چاغدىكى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېروننىڭ ئىستېپا بېرىشىگە بىۋاسىتە سەۋەب بولدى. ھالبۇكى، ئۈچ يىل ئۆتۈپ كەتتى، كامېروننىڭ ئىز باسارى ترېسا مايمۇ پەرىشان تەختتىن چۈشتى، ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» مۇساپىسى يەنىلا تاماملانمىدى.

ئۇزارتىلغاندىن كېيىنكى «ئەڭ ئاخىرقى مۆھلەت»كە يەنە تۆت ئاي ۋاقىت بار، ئەنگلىيەنىڭ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» مۇساپىسى يەنىلا مۇرەككەپ. بىر مەيدان «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» كۈرۈشى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ ئىككى باش ۋەزىرىنى مەجبۇرى تەختتىن چۈشۈردى.

بۇ ئۈچ يىلدىن بۇيان، ئەنگلىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدا «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» مەسىلىسى ئۈستىدە توختىماي كۈرەش بولدى، «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش»نى قوللىغۇچىلار بىلەن بۇنىڭغا قارىشى تۇرغۇچىلار كۆپ قېتىم نامايىش ئۆتكۈزدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، داۋاملاشقان ئېنىقسىزلىق ئەنگلىيە ئىقتىسادىغا توسالغۇ بولۇپ،ئېقتىسادنىڭ ئېشىشى سۇسلىشىپ كەتتى.

بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈشتىن مەلۇم بولۇشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان %80 ئەنگلىيىلىك «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» تېمىسىنىڭ ھەر كۈنى خەۋەردە كۆرۈلۈشىدىن جاق تويغانلىقىنى بىلدۈرگەن؛ %60 تىن ئارتۇق كىشى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» تېمىسىغا قاتنىشىش كەلتۈرۈپ چىقارغان تەشۋىشلىنىشنىڭ روھىي ساغلاملىققا زىيانلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

1973-يىلى ئەنگلىيە ياۋروپا ئورتاق گەۋدىسىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولغاندىن كېيىن، ئەزەلدىن «شەرەپ بىلەن يېتىم قېلىش» ئەنئەنىسىگە ئىگە ئەنگلىيە بۇ گۇرۇھقا زىددىيەتلىك پوزىتسىيە تۇتقان. ياۋروپا قەرز كىرىزىسى ۋە مۇساپىرلار كىرىزىسىدىن كېيىن، ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدە ياۋروپادىن گۇمانلىنىش پىكىر ئېقىمى بارغانسېرى كۈچەيدى.

كامېرون 2013-يىلى 1-ئاينىڭ 23-كۈنى دۆلەت ئىچىدىكى سىياسىي بېسىمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، 2015 - يىلى غەلىبە قىلسا، ئومۇمىي خەلق ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدا داۋاملىق قېلىش - قالماسلىقىنى قارار قىلىشقا ۋەدە بەردى. شۇ قېتىمقى سايلامدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى يېرىمدىن ئارتۇق ئورۇنغا ئېرىشىپ، ئۆز ئالدىغا ھۆكۈمەت تەشكىللىدى، كامېرون مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىدى.

كامېرون ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىش ئۈچۈن، 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 23-كۈنى «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» نى ئەنگلىيەدە ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويدى. ھالبۇكى، كامېروننىڭ ئۆزى، كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى، ھەتتا نۇرغۇن مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئويلىمىغان يېرىدىن ئاۋازغا قويۇش نەتىجىسىدە %52 ئەنگلىيەلىك «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش»قا قوشۇلدى.

6-ئاينىڭ 24-كۈنى كامېرون پارتىيەنىڭ رەھبىرى ۋە باش ۋەزىرلىكىدىن ئىستىپا بەردى، بۇنىڭ بىلەن پارتىيەنىڭ رەھبەرلىك ھوقۇقىنى تالىشىش جېڭى باشلاندى. 7-ئاينىڭ 13-كۈنى كامېرون باش ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىدىن رەسمىي ئىستېپا بەردى، ئۇنىڭ ۋەزىپىسىنى ترېسا ماي ئۆتكۈزۈۋالدى.

خەۋپ-خەتەر ئالدىدا ۋەزىپە تاپشۇرۇپ ئالغان ترېسا ماينىڭ يادرولۇق ۋەزىپىسى ئەنگلىيىنى باشلاپ «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» ئىدى.

2017-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى ترېسا ماي ياۋروپا ئىتتىپاقىغا خەت يېزىپ، «لىسبون شەرتنامىسى» نىڭ 50-ماددىسىنى رەسمىي قوزغىتىپ، «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» تەرتىپىنى يولغا قويدى. ئۇ تېخىمۇ چوڭ ئورۇن ئەۋزەللىكىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ، 4-ئاينىڭ 18-كۈنى مۇددەتتىن بۇرۇن سايلام ئۆتكۈزىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ۋاھالەنكى، بۇ قېتىمقى سايلامدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى كۆپ سانلىق ئورۇندىن ئايرىلىپ قېلىپ ، بىرلىشىپ كابىنېت تەشكىللەشكە مەجبۇر بولدى. بۇ باش ۋەزىرنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ ئېغىر خاتا ھۆكۈم دەپ قارالدى.

ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان سۆھبەت ئاسان ئىش ئەمەس، ئىككى تەرەپ كۆپ قېتىم ئېلىشتى، 2018- يىلى 11 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» كېلىشىم لايىھەسى ئېلان قىلىندى. 11-ئاينىڭ 25-كۈنى، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ئەزا 27 دۆلەت بۇ لايىھەنى ماقۇللىدى، ئارقىدىن ياۋروپا ئىتتىپاقى «سۆھبەت يولى تاقالدى» دەپ جاكارلىدى.

گەرچە بۇ كېلىشىم تەستە قولغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئەنگلىيە دۆلەت ئىچىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشەلمىدى، بولۇپمۇ شىمالىي ئىرېلاندىيە چېگراسىغا مۇناسىۋەتلىك «كاپالەت تەدبىرى» تالاش-تارتىش قوزغىدى. 2019 - يىلى 1-ئايدىن باشلاپ، ئوخشاش بولمىغان نۇسخىدىكى كېلىشىم ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تۆت قېتىم ئەنگلىيە پارلامېنتى تۆۋەن پالاتاسى تەرىپىدىن رەت قىلىندى، ئەسلىدە 3-ئاينىڭ 29-كۈنى دەپ بېكىتىلگەن «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» ۋاقتىمۇ كېچىكتۈرۈلدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» مۇساپىسىنىڭ بىر ئىزدا توختاپ قېلىشىنىڭ تەسىرىدە، 5-ئايدا ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ يەرلىك پارلامېنت سايلىمى ۋە ياۋروپا پارلامېنت سايلىمىدا ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بولدى. 5-ئاينىڭ 24-كۈنى تېرىسا ماي پەرىشان ھالدا مەيداندىن ئايرىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. 6-ئاينىڭ 7-كۈنى، ئۇ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن رەسمىي ئىستىپا بەردى.

نېمە ئۈچۈن ئۇدا ئىككى نۆۋەتلىك باش ۋەزىر «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش»تا مەغلۇپ بولىدۇ؟ تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ قارىدى: تۈپ سەۋەب شۇكى، ئەنگلىيەنىڭ دۆلەت ئىچىدە خەلق رايى پارچىلاندى، يېرىمى چېكىنىپ چىقىشنى، يېرىمى قېلىشنى ئويلاشتەك رىئاللىق ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى ھەمدە تۆۋەن ئۈنۈملۈك پارتىيە - گۇرۇھلار سىياسىسىمۇ ئىختىلاپلارنى تۈگىتىشكە پايدىسىز بولۇپ قالدى.

6-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەنگلىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقى ۋە كېيىنكى نۆۋەتلىك باش ۋەزىر نامزاتلىرىنىڭ رىقابىتى ئاخىرقى باسقۇچقا كىردى، ئىزچىل ئالدىنقى قاتاردا تۇرغان «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش»نىڭ باش سەركىسى جونسون بىلەن«قارا دۇلدۇل» ھازىرقى دىپلوماتىيە ۋەزىرى خۇنت رىقابەتلىشىدۇ. كېيىنكى قەدەمدە ئىككىيلەن بىر قاتار سايلام رىقابىتى پائالىيەتلىرىنى ئۆتكۈزىدۇ، تاللاش ھوقۇقى 160 مىڭ كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسى ئەزاسىغا بېرىلىدۇ، ئاخىرقى نەتىجە 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا رەسمىي ئېلان قىلىنىدۇ.

ئەڭ ئاخىرىدا مەيلى جونسۇن ياكى خۇنت غەلىبە قىلسۇن، دوۋنىڭ كوچىسى 10-نومۇرلۇق قورونىڭ يېڭى ئىگىسىگە قالدۇرۇلغان ۋاقىت ئىنتايىن چەكلىك. ئۈچ يىلدىن بۇيان ھەل قىلىش قىيىن بولغان «ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن چېكىنىپ چىقىش» مەسىلىسىنى كېيىنكىلەر ئۈچ ئاي ئىچىدە ھەل قىلالامدۇ؟ ھازىر بۇنىڭغا ھېچكىم جاۋاب بېرەلمەيدۇ.