ترامپ ئىرانغا قارىتىلغان ھەربىي ھەرىكەتنى توختاتقانلىقى، ئىران بىلەن ئۇرۇش قىلىش ئويىنىڭ يوقلىقىنى ئىسپاتلىدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىمىنجان ئىسمائىل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-27 16:07











 ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپ 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئىراننىڭ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ئۇچقۇچىسىز رازۋېتكا ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەنلىكىدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن ئامېرىكا ئارمىيەسىگە ئىرانغا زەربە بېرىشكە تەييارلىق قىلىش ھەققىدە بۇيرۇق بەرگەنلىكى، ئاخىرىدا بۇيرۇقىنى بىكار قىلغانلىقىنى ئىسپاتلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: ھەربىي ھەرىكەتنى توختىتىش ئىراندا «باراۋەر بولمىغان » ئۆلۈش – يارىلىنىش كېلىپ چىقىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلىدۇ، مېنىڭ ئىرانغا ئۇرۇش قوزغاش ئويۇم يوق.

ترامپ 6-ئاينىڭ 21-كۈنى، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسى تىۋېتتىردا سۆز قالدۇرۇپ ۋە تېلېۋىزىيە تاراتقۇلىرىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىراندىن ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك ھۇجۇمنى توختاتقانلىقىنى ئاشكارلىدى.

ترامپنىڭ تەسۋىرلىشىچە، ئەسلىدە ئىراننىڭ ئۈچ يېرىگە زەربە بېرىش نىشانى بېكىتىلگەن بولۇپ، 6-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچتە تەييارلىق پۈتۈپ بولغان. ھەرىكەت باشلىنىشتىن تەخمىنەن يېرىم سائەت ئىلگىرى، ھەربىي تەرەپ ئۇنىڭدىن ئەڭ ئاخىرقى بۇيرۇقنى سورىغان، ترامپ ئىراندا ئۈلۈش-يارىلىنىش ئېھتىماللىقى بار يوقلۇقىنى سورىغاندا، ھەربىي تەرەپ 150 ئادەم ئۆلىدۇ، دەپ جاۋاب بەرگەن.

ترامپ بۇ سان بىلەن ئىران ئېتىپ چۈشۈرگەن ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانى ئوتتۇرىسىدا «باراۋەرسىزلىك بار » ئىكەن، «مەن ياقتۇرمايمەن»، «زەربە بېرىشتىن 10 مىنۇت بۇرۇن، مەن ھوجۇم قىلىشنى توختىتىش بۇيرۇقى بېرىمەن» دىگەن.

«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ ئىلگىرىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ترامپ زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى بىكار قىلىشتىن بۇرۇن، ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بوشلۇققا كۆتۈرۈلۈپ بۇيرۇق كۈتۈپ تۇرغان، ھەربىي پاراخوتلارنىڭ تەييارلىقىمۇ پۈتكەن. بىراق، ترامپنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ئەينى چاغدا ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى بوشلۇققا كۆتۈرۈلمىگەن.

ئىران ئىسلام جۇمھۇرىيىتى قوغدىنىش قىسمى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 4-RQ تىپلىق «يەر شارى بۈركۈتى» ناملىق يۇقۇرى ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇزۇن مۇددەت ئۇچالايدىغان ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرۈپ، بۇ ئايروپىلان ئىراننىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە بۆسۈپ كىرىپ رازۋېتكا قىلدى دەپ كۆرسەتتى. ئامېرىكا بۇ ئايروپىلان ئەينى ۋاقىتتا خەلقئارا ھاۋا بوشلۇقىدا ئۇچۇۋاتاتتى، دېدى.

ترامپ 6-ئاينىڭ 20-كۈنى: ئىران «چوڭ خاتالىق ئۆتكۈزدى» دېدى، لېكىن ئامېرىكىنىڭ قورال كۈچى بىلەن ئىنكاس قايتۇرىدىغان – قايتۇرمايدىغانلىقىنى ئېيتمىدى. ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئەگەر ئېتىپ چۈشۈرۈلگىنى ئامېرىكىنىڭ ئۇچقۇچىلىق ئايروپىلانى بولغان بولسا، ۋەقەنىڭ خاراكتېرى « قەتئىي ئوخشىمايتتى»، دېدى.

ئىران ئىنقىلابى قوغدىنىش قىسمى ئاۋىئاتسىيە ئالەم قاتنىشى قوراللىق كۈچلىرىنىڭ قوماندانى ئەلى ھاجىزادە 6-ئاينىڭ 21-كۈنى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ 8- P تىپلىق سۇ ئاستى پاراخوتىغا قارشى چارلاش ئايروپىلانى ئەينى ۋاقىتتا شۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان ئەتراپىدا ئۇچۇۋاتقان ئىدى، ئۇنىڭغا «35 ئادەم ئولتۇرغان» بولۇپ، ئوخشاشلا ئىراننىڭ ھاۋا تەۋەلىكىگە بېسىپ كىرگەن. بىز ئەسلىدە ئۇنىمۇ ئېتىپ چۈشۈرەلەيتۇق، لېكىن ئۇنداق قىلمىدۇق، چۈنكى ئىراننىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاننى ئېتىپ چۈشۈرۈشتىكى مەقسىتى ئامېرىكىغا «ئاگاھلاندۇرۇش» بېرىش.

ئامېرىكا مەملىكەتلىك رادىئو شىركىتى 6-ئاينىڭ 21-كۈنى كەچتە ترامپنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى كۆرسەتتى. ترامپ: مەن ھازىر ئۇرۇشنى قوغلاشمايمەن،دېدى. ئۇ ئالدىنقى كۈنى تاراتقۇ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: مەن بۇنداق ئايىغى يوق ئۇرۇشلاردىن قۇتۇلىمەن، بۇ مېنىڭ سايلام رىقابىتى مەزگىلىلدىكى تەشەببۇسىم،دېگەن ئىدىم.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ترامپنىڭ ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىنى بىكار قىلىشتىكى سەۋەب، ئۇ قورال ئىشلىتىشنىڭ كۆرۈشنى خالىمايدىغان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ، جۈملىدىن كەڭ كۆلەملىك ئۇرۇشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى تونۇپ يەتكەن.

ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى ۋە رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرچى ئەربابنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ ئېيتىشىچە، دۆلەت خەۋپسىزلىك ئەترىتى بىردەك ئىرانغا ئۆچ ئېلىش خاراكتېرلىك زەربە بېرىشنى تەشەببۇس قىلغان. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسىمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ترامپ شۇنى ئېنىق بىلىدۇكى، ھەربىي تەرەپ ئىراننىڭ ئامېرىكىغا قانداق قايتۇرما زەربە بېرىپ ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى پەرەز قىلالمايدۇ؛ ئۇرۇشنى كېڭەيتمەسلىك يەنىلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى زور كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش.

ترامپ 6-ئاينىڭ 20-كۈنى كەچرەك خەۋپسىزلىك ئەترىتى ۋە پارلامېنتتىكى ئىككى پارتىيەنىڭ ئاساسلىق پارلامېنت ئەزالىرىنى يىغىپ ۋەزىيەتنى كېڭەشتى. دىموكراتلار پارتىيىسىدىكى زاتلار ترامپنى ئاگاھلاندۇرۇپ، قاراملىق بىلەن قورال ئىشلەتمەسلىك كېرەك، ھەربىي ھەرىكەتكە چوقۇم پارلامېنت ھوقۇق بېرىشى كېرەك،دېدى. كېڭەش پالاتاسى دىپلوماتىك مۇناسىۋەت كومىتېتىنىڭ رەئىسى جامېس رېش: ترامپ يىغىندا «بۇ ئىشتا تەڭ قىسلىقتا قالغاندەك قىلاتتى»،دېدى.

رېيتېر ئاگېنتلىقىنىڭ ئىسىمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئىككى ئىران ئەمەلدارىنىڭ سۆزىنى خەۋەر مەنبەسى قىلىپ خەۋەر قىلىشىچە، ترامپ ئومان ھۆكۈمىتى ئارقىلىق ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئىرانغا ئۇقتۇرغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، سۆھبەتلىشىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى ئېيتقان. بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئىران ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ئىران ئىنكاس قايتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ئەڭ ئالىي رەھبەر خامېنېيى ئامېرىكا بىلەن سۆھبەتلىشىشكە قارشى تۇرىدۇ، لېكىن ئىران خامېنېيىغا تىرامپنىڭ ئۇچۇرىنى يەتكۈزىدۇ؛ ئىران شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەگەر ئىرانغا زەربە بەرسە رايون ۋە خەلقئارا قاتلامدا ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ، دەپ ئاگاھلاندۇردى.

ئىران دۆلەتلىك ئالىي خەۋپسىزلىك كومىتېتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى بۇ خەۋەرنىڭ مەزمۇنىنى ئىنكار قىلدى.

ئەمما ترامپنى زىيارەت قىلغان ئامېرىكا رادىئو شىركىتىنىڭ مۇخبىرى چاك تود: ترامپ خامېنېيى ۋە زۇڭتۇڭ ھاسان روھانى بىلەن شەرتسىز سۆھبەتلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى، دېدى.