ئوچۇق ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، يەر شارىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرەيلى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-25 18:04

20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى 6-ئاينىڭ 28-، 29-كۈنلىرى ياپونىيەنىڭ ئوساكا شەھىرىدە ئېچىلىدۇ. بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىنىڭ سەككىز چوڭ باش تېمىسى-يەر شارى ئىقتىسادى، سودا ۋە مەبلەغ سېلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قاتارلىقلارنى قاپلايدۇ. نۆۋەتتە، يەر شارى سودا قورۇقچىلىقىنىڭ قارا كۆلەڭگىسىدە تۇرماقتا، 20 دۆلەت گۇرۇھى-يەر شارى ئىقتىسادىنى تەرتىپكە سېلىشتىكى باش سەھنە بولۇش سۈپىتى بىلەن، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەش، يەر شارى ئىقتىسادىنى مۇقىملاشتۇرۇشتا قەتئىي سادا چىقىرىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ ياخشى خەلقئارا سودا، مەبلەغ سېلىش مۇھىتىنى بىرلىكتە يارىتىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئوچۇق دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا پائال تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇلغاندىن بۇيان، ھەر قايسى دۆلەتلەر جاپا-مۇشەققەتتە ھەمدەمدە بولۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى كىرىزىس گىردابىدىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئەسلىگە كېلىش ۋە ئېشىش يولىدا مېڭىشقا تۈرتكە بولدى. بۇ ئاسان قولغا كەلمىدى. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، بىر تەرەپچىلىك ۋە قورۇقچىلىقنىڭ يامرىشى-كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىگە ئېغىر زەربە بەردى شۇنداقلا يەر شارى سودىسىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈپ، سودا، مەبلەغ سېلىشنىڭ ئېشى سۈرئىتىنى ئاستىلىتىپ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ ئېشىش ئىستىقبالىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، يەر شارى ئىقتىسادىنىڭ تەڭ ئېشىشىغا دەخلى قىلدى. يەر شارى ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ بەك ئېنىقسىزلىقى ئالدىدا، يەر شارىدىكى ئاساسلىق مەركىزىي بانكىلار ئامالسىز ئۆسۈم نىسبىتى تۆۋەن بولغان ئەھۋالدا يەنە پۇل سىياسىتىنى بوشىتىش ئۈستىدە ئويلاشتى، بۇ-كىرىزىس يېتىپ كېلىش ئالدىدىكى تەڭشەپ تىزگىنلەش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ ئاجىزلاشتۇرىدۇ، بۇ-يەر شارى ئىقتىسادىغا نىسبەتەن خۇشخەۋەر ئەمەس.

ئىقتىسادقا تەھدىت سېلىۋاتقان قورۇقچىلىققا قارشى تۇرۇش-20 دۆلەت گۇرۇھى ئۇزۇندىن بۇيان تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن نىشان. لېكىن بۇندىن بۇرۇن 6-ئاينىڭ 8-، 9-كۈنلىرى ئېچىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھى مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنى ھەم سودا ۋە رەقەملىك ئىقتىساد مىنىستىرلىرى بىرلەشمە يىغىنىدا، پەقەتلا يەر شارى سودا سۈركىلىشىگە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلىپ، ئىقتىسادنىڭ ئاستىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، يىغىن باياناتىدىمۇ پەقەتلا «ئەركىن، ئادىل سودىنىڭ مۇھىملىقى» يەنە بىر قېتىم جەزملەشتۈرۈلۈپ، سودا قورۇقچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ھەققىدىكى سۆزلەر بۇنىڭ ئىچىگە كىرگۈزۈلمىدى، بۇ-كۆپ تەرەپلىك ئەركىن سودا تۈزۈلمىسىگە زەربە بېرىشى مۇمكىن.

دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ داۋالغۇپ تۇرۇشى دائىملىق ئەھۋال. نۆۋەتتە، يەر شارى ئىقتىسادىدىكى ئېنىقسىز ئامىللار كۆپەيمەكتە، ھەر قايسى تەرەپلەر ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش خەتىرىگە يېقىندىن دىققەت قىلغاندا، قورۇقچىلىقنىڭ يەنىلا يەر شارى دۇچ كەلگەن مۇھىم خىرىس ئىكەنلىكىنى بايقىشى تەس ئەمەس. تەرەققىي تاپقان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ تەڭپۇڭ بولماسلىق ئالدىدا، بىر تەرەپلىمە سودا قورۇقچىلىق تەدبىرىنى قوللىنىشى-كۆپ تەرەپلىك سىستېمىدىكى تەڭپۇڭسىزلىقنى ياخشىلاشقا پايدىسىز بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا زىيان يەتكۈزۈپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ھەمكارلىق روھىغا داغ تەگكۈزىدۇ.

خەلقئارا ئىقتىساد خىرىسقا دۇچ كەلگەن، ئېنىقسىزلىق كۆپىيىۋاتقان پەيتتە، كۆپ تەرەپلىك ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمىغا كاپالەتلىك قىلىش شۇنچە مۇھىم. قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش توغرا تاللاش. بۇ ھەم ئىقتىسادىي قانۇنىيەت، ھەم ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ تارىخىي لوگىكىسىغا ئۇيغۇن كېلىدۇ. بۇنى ھەرقايسى دۆلەتلەر سەگەكلىك بىلەن تونۇشى كېرەك.

جۇڭگو 2016 يىلى 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنى ئۆتكۈزۈپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا «خاڭجۇ ئورتاق تونۇشى» ھاسىل قىلدى. 2017-يىللىق 20 دۆلەت گۇرۇھى ھامبۇرۇگ باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەر خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىنىڭ نەتىجىلىرىنى يەنە بىر قېتىم مۇئەييەنلەشتۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە 20 دۆلەت گۇرۇھى رامكىسى ئىچىدىكى كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمنى مۇستەھكەملەش، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇبلۇق تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش مەزمۇنى بار. ھەرقايسى دۆلەتلەر ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش روھى بويىچە، باراۋەر كېڭىشىش ئارقىلىق، ئېچىۋېتىلگەن، ئادىل، سىغدۇرۇشچان بازار مۇھىتىنى ئورتاق ياراتقاندىلا، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ گۈللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

20 دۆلەت گۇرۇھى ھەر يىلى ئېچىلىدىغان باشلىقلار يىغىنى ۋە بىر قاتار مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنى ئارقىلىق، پۈتۈن دۇنيانى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىنى يۆنىلىش يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلىدى. بۇ كۆپ تەرەپلىك رامكىلارنىڭ پائال ھەمكارلىشىش ئەمەلىيىتى دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ غايەت زور پاراخوتىنىڭ باشتىن-ئاخىر توغرا يۆنىلىشتە تۇرۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەربىر ئەزا دۆلەتنىڭ ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش روھىغا باشتىن-ئاخىر ئەمەل قىلىشى كېرەكلىكىنى ئىسپاتلىدى.

كەلگۈسىدە ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپلىك سودا تۈزۈلمىسىنى قوغداش؛ شېرىكلىك روھىدا چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىش؛ يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قېزىش؛ ئومۇميۈزلۈك نەپ يەتكۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش- 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىياتىدا چىڭ تۇرىدىغان نىشان بولۇشى كېرەك. تارىخىي تاللاش ئالدىدا، ھەرقايسى دۆلەتلەر يەنە بىر قېتىم غەيرەتكە كېلىپ، ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرىسىنى نامايان قىلىپ، خەلقئارا ماسلىشىش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلچىلىكنى قوغداپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ توغرا يولنى بويلاپ ئىلگىرىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك.