شى جىنپىڭنىڭ چاۋشيەنگە قىلغان زىيارىتى بىر قېتىملىق دوستلۇق زىيارىتى، تىنچلىق زىيارىتى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-25 17:55

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 6-ئاينىڭ 20- كۈنى پيوڭياڭ جىنشيۇشەن مەرھابا مېھمانخانىسىدا چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جوڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە: مەن بۇ قېتىم جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەپ ۋە ئۇنىڭغا ۋارسىلىق قىلىپ، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن كەلدىم، دېدى. بۇ بۇ قېتىمقى چاۋشيەنگە دۆلەت ئىشلىرى زىيارەتكە بېرىش مەقسىتىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى . زىيارەت نەتىجىسى بۇ كۆزلىمە نىشاننىڭ تولۇق ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى كۆرسەتتى.

شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى چاۋشيەنگە قىلغان زىيارىتى جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىغا 70 يىل بولغان ئالاھىدە يىلدىكى بىر قېتىملىق مۇھىم زىيارەت بولۇپلا قالماي، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ۋە تىنچلىق مېخانىزمى ئورنىتىش ھالقىلىق مەزگىلگە كىرگەن پەيتتىكى بىر قېتىملىق مۇھىم زىيارەت، شۇنداقلا خەلقئارا ۋەزىيەتتە چوڭقۇر، مۇرەككەپ ئۆزگىرىش بولۇۋاتقان پەيتتە قىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم زىيارىتى، پۇرسەت ئالاھىدە، ئەھمىيىتى زور، تەسىرى چوڭقۇر.

شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتتە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو چاۋشيەننىڭ سوتسىيالىزم ئىشلىرىنى قەتئىي قوللايدۇ، چاۋشيەننىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەنىنى يولغا قويۇشىنى قەتئىي قوللايدۇ، چاۋشيەننىڭ يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ، يېرىم ئارالنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىقىنى قەتئىي قوللايدۇ. كىم جوڭئۇن جۇڭگونىڭ چاۋشيەن پارتىيەسىنىڭ چاۋشيەن خەلقىنى يېتەكلەپ سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي ماڭغانلىقىنى قوللىغانلىقى ۋە قىممەتلىك ياردەم بەرگەنلىكىگە چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى .

شى جىنپىڭنىڭ چاۋشيەندە زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە پيوڭياڭ شەھەر رايونى مۇدەن چوققىسى ئېتىكىدىكى جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارىنى ئېكىسكۇرسىيە قىلىشى جۇڭگو- چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ جانلىق ئىپادىسى. بۇ شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇق مۇنارىنى ئىككىنچى قېتىم ئېكىسكۇرسىيە قىلىشى. كىم جوڭئۇنمۇ كۆپ قېتىم چاۋشيەننىڭ پىڭئەن نەنداۋغا جايلاشقان جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقى ۋە ئىنقىلابىي قۇربان ماۋ ئەنيىڭ قەبرىسنى كۆپ قېتىم زىيارەت قىلغان .

تارىخنى ئۇنتۇماي، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىش جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچىنىڭ مەنبەسى.

جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقى بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ نۇرغۇن تەپسىلاتلىرىدا تېخىمۇ گەۋدىلەندى . چاۋشيەن شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىق قىلدى : كىم جوڭئۇن ئەر-ئايال پۈتۈن مۇساپىدە ھەمراھ بولدى، تۇنجى قېتىم پيوڭياڭدىكى جىنشيۇشەن تەيياڭگۇڭ مەيدانىدا چەت ئەل رەھبەرلىرى ئۈچۈن ھۆرمەت بىلدۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى . . . بۇ تەپسىلاتلار ھەم چاۋشيەننىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەتكە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، ھەم ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك يېقىن بولۇشتەك چوڭقۇر دوستلۇقىنى ئەكس ئەتتۈردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇنىڭ جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقىنى مۇستەھكەملەيدىغان ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىدىغان دوستلۇق سەپىرى ئىكەنلىكىنى روشەن چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ .

شى جىنپىڭنىڭ چاۋشيەنگە قىلغان دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى جامائەتچىلىكنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى تارتتى. بۇ قېتىمقى زىيارەت يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە تىنچلىق مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ھالقىلىق مەزگىلدە تۈرغان پەيتكە توغرا كەلدى. مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈشتە، نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتنى قانداق باھالاش، قاتمال ۋەزىيەتنى قانداق بۇزۇپ تاشلاش مۇقەررەر ھالدا بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ مۇھىم بىر تېمىسى بولدى.

جۇڭگونىڭ يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇشتا، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشتا، مەسىلىنى سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىشتا چىڭ تۇرۇش سىياسىتى ئىزچىل، بۇنىڭدا قەتئىي تەۋرەنمەيدۇ . بۇ يىل 1-ئايدا كىم جوڭئۇن جۇڭگودا 4-قېتىم زىيارەتتە بولغاندا، شى جىنپىڭ يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا «تۆتنى قوللايمىز» دېيىش ئارقىلىق جۇڭگونىڭ مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم ئېنىق بىلدۈردى .

بۇ قېتىمقى زىيارەتتە، ئىككى دۆلەتنىڭ ئالىي رەھبەرلىرى بۇ قارالمىدا چوڭقۇر، سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى . شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى : جۇڭگو يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن تەجرىبە جۇغلاش ۋە شارائىت يارىتىپ بېرىشنى قوللايدۇ. جۇڭگو چاۋشيەننىڭ ئۆزىنىڭ مۇۋاپىق بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا كۈچىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ، چاۋشيەن ۋە ئالاقىدار تەرەپلەر بىلەن ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە رايوننىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ .

چاۋشيەن جۇڭگونىڭ يېرىم ئارال مەسىلىسىنى ھەل قىلىش جەريانىدا ئوينىغان مۇھىم رولىغا يۈكسەك باھا بەردى، جۇڭگو بىلەن بولغان ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا يېڭى ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى زىيارەت داۋامىدا: « يېرىم ئارال ۋەزىيىتى رايوننىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقىغا مۇناسىۋەتلىك، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سۆزلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلىش توغرا تاللاش»، دەپ تەكىتلەپ، يېرىم ئارال سۆزلىشىشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئىجابى كۈچ قوشۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشى جۇڭگونىڭ تىنچلىق ئوبرازىنى نامايان قىلدى، بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ ئىسمى جىسمىغا لايىق تىنچلىق زىيارىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.