«ئامېرىكا ئاغرىپ قالدى»، مانا بۇ ھەقىقىي ئەھۋال
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:مېھرىگۈل|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-25 17:02

«ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ناھايىتى ياخشى»، «ئامېرىكا يەنە ئۇلۇغ بولىدۇ»... ھازىر، ئامېرىكىدىكى بەزى كىشىلەر ئامېرىكىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى شۇنداق تەرغىپ قىلىۋاتىدۇ. ھالبۇكى، بىر مەزگىلدىن بۇيان ئامېرىكىنىڭ تۈرلۈك ئىچكى-تاشقى ئىپادىلىرىگە نەزەر سالساق «ئامېرىكىنىڭ ئاغرىپ قالغانلىقى» ھەقىقىي ئەھۋال.

  «ئامېرىكا كېسىلى»دە نۇرغۇن تاشقى كېسەللىك ئالامەتلىرى كۆرۈلدى، مەسىلەن ئازراق كېلىشەلمىسىلا تاموژنا بېجى كالتىكىنى ئوينىتىش، ھە دېسىلا باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارىلىشىش، ئېنىقلا ئىككى تەرەپ سودىسىدا كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن بولسىمۇ، يەنە ئۆزىنى «ئالدام خالتىغا چۈشتۈم، زىيان تارتتىم» دەپ جار سېلىش، باشقىلارنى ئۆزىنىڭ بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزدى دەپ سەۋەبسىز ئەيىبلەش، ئىتتىپاقداشلىرى ۋە يېقىن قوشنىلىرى بىلەن قېيدىشىپ قېلىش ۋە خالىغانچە توختامنى بۇزۇپ، توپتىن چېكىنىپ چىقىش قاتارلىقلار.

  ھەرخىل تاشقى «ناچار كەيپىيات» ئىچكى ئامىلدىن كېلىپ چىقىدۇ. «ئامېرىكا كېسىلى»نىڭ ئىچكى سەۋەبى ئاساسەن ئۈچ تۈرلۈك. بىرىنچىدىن، مۇئەننەس ۋە مۇزەككەرنىڭ تەڭپۇڭسىزلىقى − ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنىڭ ئۇزاققىچە تەڭپۇڭسىزلىقى. ئامېرىكا يالې ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىمى، مورگان سىتانلىنىڭ سابىق باش ئىقتىسادشۇناسى سىتىفىن روچ دەل جايىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئامېرىكىنىڭ ئۆزىنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئىستېمال قىلىشى، پۇل ئامانەت قويۇشى يېتەرلىك بولماسلىقى دەل ئامېرىكىنىڭ غايەت زور سودا قىزىل رەقىمىنىڭ مەنبەسى.

  ئىككىنچىدىن، قان يېتىشمەسلىك − باي-نامراتلىق پەرقى كۈندىن-كۈنگە چوڭىيىپ، ئامېرىكا جەمئىيىتىدىكى تايانچ كۈچ بولغان ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيە كۈندىن- كۈنگە قىيىن ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىدىن تارتىپ ئامېرىكا زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ تەتقىق قىلىپ تەكشۈرۈشىگىچە، ھەممىسىدە كۆرسىتىلىۋاتقىنى ئامېرىكىدىكى خېلى بىر قىسىم ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەنىڭ كۈنى قارىماققا ياخشىدەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە جىددىي ئەھۋالغا يولۇققاندا، بىراقلا نەچچە يۈز دوللارنىمۇ چىقىرالماسلىقى مۇمكىن.

  ئۈچىنچىدىن، ئالدىراقسانلىق قەلبىنى چىرمىۋېلىش − بەزى كىشىلەر سايلام بېلىتىگە ئېرىشىش، نەتىجە چىقىرىشقا ئالدىراپ كەتتى، بەزى نارودنىكلارنىڭ كاللىسى قىزىپ كەتتى، خىيالىي دۈشمەن پەيدا قىلدى، تۈرلۈك يەڭگىللىك «يېڭى سوغۇق مۇناسىۋەتلەر ئۇرۇشى نەزەرىيەسى»، «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى نەزەرىيەسى»، «جۇڭگو- ئامېرىكا ئالاقىنى ئۈزۈش نەزەرىيەسى»نىڭ ۋاراڭ-چۇرۇڭلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

  تاشقى ئىللەت ۋە ئىچكى كېسەللىكلەر گىرەلىشىپ، ئامېرىكا جەمئىيىتىدە كۈندىن-كۈنگە ئىچكى ئەزالار تەڭپۇڭسىزلىشىپ، نەپەس ۋە قان يوللىرى راۋان بولماي، بارا-بارا ئېغىر كېسەلگە ئايلانماقتا. ھالبۇكى، ئامېرىكا ئۆزىدىكى تۈرلۈك كېسەللىكلەرگە توغرا قاراشنى خالىماي، ۋاقتىدا داۋالىنىشنى خالىماي، ھەتتا ئۆزىدە كېسەل يوق دەپلا ئويلىماقتا. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا يەنە باشقىلارنىڭ ئۆزىدىن ساغلام ئىكەنلىكىنى كۆرەلمەي، ئوچۇق-ئاشكارا ياكى يوشۇرۇن ھالدا باشقىلارنىڭ گۆشىنى كېسىپ، ئۆزىنىڭ يارىسىنى يامىماقچى بولماقتا. ھەممە يەردە تاموژنا بېجى كالتىكىنى پۇلاڭلىتىپ، ئەتراپىدا مېكسىكا، كانادالارغا زەربە بەرسە، يىراقتا جۇڭگو، ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىپ، «سۈر- ھەيۋىسى»نى كۆرسەتمەكتە.

  ئامېرىكىنىڭ سۆز-ھەرىكىتى دۇنياغا: «دۇنيادا پەقەت مەن ئەڭ كۈچلۈك، مەن ئاغرىپ قالساممۇ، دورا يەيدىغان ئادەم باشقىلار بولۇشى كېرەك» دەيدىغان بىر بىمەنە لوگىكىنى نامايان قىلدى. بۇنىڭغا دۇنيا تاقەت قىلىپ تۇرالمايدۇ. سىتىفىن روچ دەل جايىدا كەلتۈرۈپ: «دىققەت- ئېتىبارىنى قۇربانلىق قويغا قارىتىش ئۆز- ئۆزى نەزەر سېلىشقا قارىغاندا كۆپ ئاسان» دەپ تەنقىد قىلدى. ئەنگلىيە «پۇل مۇئامىلە ۋاقىت گېزىتى» ئاگاھلاندۇرۇپ: بۇنداق ئامېرىكا ئۇلۇغ ئەمەس، ئەكسىچە «يەنە بىر قېتىم قورقۇنچلۇق» بولۇپ قالدى، دېدى.

  ئامېرىكىنىڭ قىلغان-ئەتكەنلىرى ھامان باشقىلارغا ۋە ئۆزىگە زىيان يەتكۈزىدۇ. بىر تەرەپتىن، دۇنيانىڭ تەرەققىيات ئىستىقبالىغا سايە ئېلىپ كېلىدۇ. 20 دۆلەت گۇرۇھىدىن نېفىت ئېكسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتىغىچە، يېقىندا ھەممىسى دۇنيا ئىقتىسادىدا چېكىنىش خەۋپ-خەتىرى بارلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. بۇ خەۋپ- خەتەرنىڭ شەكىللىنىشىدىكى ئاساسلىق سەۋەب شۇكى، ئامېرىكىنىڭ داۋاملىق زومىگەرلىك تەدبىرى قوللىنىپ، خەلقئارا ئىقتىساد-سودا تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرغانلىقى ۋە دۇنيا قىممەت زەنجىرىنى بۇزغانلىقىدا.

  يەنە بىر تەرەپتىن، تۈرلۈك بىمەنە تەدبىرلەرنىڭ زىيىنىغا ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئۆزىمۇ بەرداشلىق بېرەلمەيۋاتىدۇ. ئامېرىكا جۇڭگوغا قارىتا سودا ئۇرۇشى قوزغىغاندىن كېيىن، 600 دىن ئارتۇق ئامېرىكا كارخانىسى ۋە ئورگىنى يېقىندا بىرلىشىپ ئىمزالىق خەت يېزىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو تاۋارلىرىدىن تاموژنا بېجى ئېلىشتەك قورۇقچىلىق تەدبىرىگە قارشى تۇردى. ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ۋە ئىلىم ساھەسىدىكىلەر ئىچىدە «جۇڭگو مەسىلە ئەمەس، كاپىتالىزمنىڭ ئۆزى مەسىلە»، «ئامېرىكا ئۆزىنىڭ مەسىلىسىنى جۇڭگوغا دۆڭگەپ قويماسلىقى كېرەك» دەيدىغان قاراشلار پات-پاتلا ئاڭلىنىپ تۇردى.

  ئامېرىكىنىڭ كېسىلىگە قارىتا، «جۇڭگو رېتسېپى» ناھايىتى ئۈنۈملۈك بولۇشى مۇمكىن. جۇڭگو ئوتتۇرىغا قويغان «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى» ئىدىيەسى نېرۋىنى تىنچلاندۇرىدۇ، «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىش، كەڭ قورساق بولۇش، ئورتاق ئۆرنەك ئېلىش» تەشەببۇسى قۇۋۋەتنى تولۇقلاپ، قاننى جانلاندۇرىدۇ، «ئۆزى خالىغاننى باشقىلارغا ئىشلەتمەسلىك» دېگەن پەند- نەسىھەت كەيپىياتنى تەڭشەيدۇ.... مۇشۇنداق بولسا، ئامېرىكا كېسىلىنى داۋالاشقا پايدىلىق.

  بىراق، ئەگەر ئۆزىنىڭ كېسىلىنى كۆرۈپ تۇرۇپ كۆرمەسكە سالسا، ئۆزلۈكىدىن ساقىيىپ كېتىشى مۇمكىن ئەمەس. كېسەلنى يوشۇرۇپ، داۋالىنىشتىن قېچىشنىڭ ئاقىۋىتى كۆپ ھاللاردا ساقايماس كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ قېلىشتۇر، ئەڭ ئاخىرىدا قۇتقۇزغىلى بولمايدۇ. ئامېرىكا ياخشى دورىنى يېيىشى كېرەك.