شى جىنپىڭ ياپونىيەنىڭ ئوساكادا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلھام مامۇت|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-25 16:24

20 دۆلەت گورۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر باشلىقلىرى يىغىنى ئىچىلىش ھارپىسىدا خەلقئارا جەمئىيەت قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىپ، ئۆز ئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈشنىڭ بىردىن بىر توغرا يول ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ياپونىيەنىڭ باش ۋەزىرى ئابې شىنزونىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 6-ئاينىڭ 27 - كۈنىدىن 29 -كۈنىگىچە ياپونىيەنىڭ ئوساكادا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ 14-قېتىملىق باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىدۇ. بۇ رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۇدا 7-قېتىم 20 دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىغا قاتنىشىشى ياكى رىياسەتچىلىك قىلىشى بولۇپ، جۇڭگونىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى مېخانىزمىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شۇنداقلا كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداش، ئىچىۋىتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى تولۇق نامايان قىلدى.

20 دۆلەت گۇرۇھى كۆپ تەرەپلىك ھەمكارلىقنىڭ مۇھىم مەھسۇلى ۋە ئىپادىسى، تەرەققىي تاپقان دۆلەتلەرنىڭ يېڭىدىن گۈللەنگەن بازار ۋە تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بىلەن باراۋەر سۆھبەتلىشىش، كېڭىشىشىدىكى مۇھىم سەھنە، دۇنيا ئىقتىسادىنى تۈزەش مۇساپىسىدىكى زور ئىلگىرىلەش. بۇندىن 11 يىل ئىلگىرى، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە كىرىزىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم پەيتىدە، 20 دۆلەت گۇرۇھى جىددى ئەھۋالدا ۋەزىپە تاپشۇرۋىلىپ، جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىللە بولۇش روھى بىلەن، چېكىنىپ كېتىۋاتقان دۇنيا ئىقتىسادىنى مۇقىملىق ۋە جانلىنىش يولىغا قاتۇرۇپ كەلدى. بۇلتۇر ئۆتكۈزۈلگەن 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبىرى بۇئېنوس ئايرىس باشلىقلار يىغىنى مەزگىلىدە، رەئىس شى جىنپىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۆپ تەرەپچلىك، باراۋەر كېڭىشىش، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش زور كىرىزىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى غەلىبە ۋاسىتىسى، قانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىشىدىن قەتئىينەزەر، 20 دۆلەت گۇرۇھى ئەزالىرى بىردەك ئىتتىپاقلىشىپ، قىيىنچىلىقلارنى ئورتاق يېڭىپ، ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىمەن بولۇش يولىدا چىڭ تۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپچلىك تۈزۈلمىنى بايرىقى روشەن ھالدا قوغدىشى كېرەك.

رۇسىيەنىڭ سانكىتپىتىربۇرۇكدىن ئاۋستىرالىيەنىڭ برىسباندىن، تۈركىيەنىڭ ئانتالىيگىچە، جۇڭگونىڭ خاڭجۇدىن گېرمانىيەنىڭ ھامبۇرگ، ئارگېنتىنانىڭ بۇئېنوس ئايرېسغىچە، كىشىلەر جۇڭگونىڭ تەشەببۇسى، جۇڭگو لايىھەسىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئورتاق گۇۋا بولدى. «ئىچىۋىتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق قوغداش ۋە راۋاجلاندۇرۇش»، «يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، ھەمتۈرتكە ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش»، « يېڭىلىق يارىتىش، ئېشىش يولىدا يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش»، «يېڭىلىق يارىتىش، ھاياتىي كۈچ، ھەمتۈرتكە، سىغدۇرۇشچان دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىش»، «ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەمتۈرتكىلىك ئېشىشقا تۈرتكە بولۇش»، « ئېگىزدە تۇرۇپ يىراققا نەزەر سېلىش»، «دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ توغرا يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەش» قارتلىق رەئىس شى جىنپىڭنىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزلىردە، جۇڭگونىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى بىلەن ئىچىۋىتىلگەن دۇنيا ئىقتىسادىنى ئورتاق قوغداش ۋە بەرپا قىلىش ئىرادىسىنى نامايەن قىلىپ، جۇڭگونىڭ 20 دۆلەت گۇرۇھىنى جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولۇش، شېرىكلىك روھىغا چاقىرىشتەك ئەسلى مەقسىتىنى كۆرسەتتى.

يېڭى دەۋردە تېخىمۇ كۈچلۈك رەھبەرلىك ئىقتىدارىغا مۇھتاج. نۆۋەتتە ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى، كۆپ تەرەپچلىك تۈزۈلمىسى زەربىگە ئۇچرىدى، ئايرىم ئاساسلىق ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ ماسلاشتۇرۇش ئارزۇسى يېتەرلىك بولمىدى، خەلقئارا ھەمكارلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئاجىزلىدى. 20 دۆلەت گۇرۇھى يېڭى خىرىسقا دۇچ كەلدى، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ، سىغدۇرۇشچان تەرەققىياتىنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرۈشتەك تارىخىي مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالدى. دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ باش ئىش بېجىرگۈچىسى ئازىۋىدو يېقىندا، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا ياپونىيەدە ئېچىلىدىغان 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرى ئوساكا باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق نۆۋەتتىكى سودا توقۇنۇشىنى پەسەيتىشىنى كۈتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتىنىڭ باش لىدىرى لاگاردى يېقىندا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 20 دۆلەت گۇرۇھى سىياسىتىنى تۈزگۈچىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى جىددىي ۋەزىپىسى نۆۋەتتىكى سودىنىڭ جىددىي ۋەزىيىتىنى پەسەيتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا خەلقئارا سودا سىستېمىسىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىنى تېزلىتىش، دۇنيا سودا تەشكىلاتىنىڭ قائىدىسىنى قانداق كۈچەيتىش توغرىسىدا ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، تېخىمۇ ئوچۇق، تېخىمۇ مۇقىم ۋە تېخىمۇ ئاشكارا بولغان زامانىۋى سودا سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت. ئوساكا باشلىقلار يىغىنىغا نەزەر سالساق، دۇنيا 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ جاسارەت بىلەن ئىستراتېگىيەلىك نەزەر دائىرىسىنى نامايان قىلىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

دەۋر تېخىمۇ كۈچلۈك ھەرىكەت ئىقتىدارىغا مۇھتاج. 20 دۆلەت گۇرۇھى خاڭجۇ باشلىقلار يىغىنىدا، سىغدۇرۇشچان ئېشىش تۇنجى قېتىم كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ ئېشىش نىشانى بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۇلۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىغا بولغان يېڭى ئورتاق تونۇشىنى ئەكس ئەتتۈردى. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇش، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ھەقىقىي ئادىل تەرەققىياتىنى قوللاش 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئورتاق نىشانى بولۇپ قالدى. مۇشۇ ئايدا ئېچىلغان 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ مالىيە مىنىستىرلىرى ۋە مەركىزىي بانكا باشلىقلىرى يىغىنىدا «20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇل ئەسلىھەلەرگە مەبلەغ سېلىش پىرىنسىپى» تەستىقلىنىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئۇل ئەسلىھە سېلىنمىسىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئاكتىپ رولى تەكىتلىنىپ، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمتۈرتكە بولۇش، سىغدۇرۇشچان ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش تىرىشچانلىقى يەنە بىر قېتىم گەۋدىلەندۈرۈلدى. بۇ يۆنىلىش 2 - نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق مۇنبىرى مەزگىلىدە جۇڭگو تەكىتلىگەن «يۇقۇرى ئۆلچەم، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، ئىمكانىيەتلىك سىجىللىقنى» تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش نىشانى بىلەن بىردەك بولدى.

كەلگۇسدە قانداق ئەھۋال كۆرلۈشتىن قەتئى نەزەر قول تۇتۇشۇپ ھەمكارلىشىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىش بىردىنبىر توغرا تاللاش . 20 دۆلەت گۇرۇھى سەھنىسى جۇڭگو رەھبەرلىرىنىڭ چوڭقۇر كۆزىتىش، يۈكسەك ئەقىل - پاراسىتى بىلەن دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى ئىگىلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلىشى ئۈچۈن پىكىر يولى بىلەن تەمىنلىشىگە گۇۋا بولىدۇ.