70 يىل جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەش
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئىلنۇرە رەھىمبەگ|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-21 18:46

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىم جۇڭئۇننىڭ تەكلىپىگە بىنائەن 6-ئاينىڭ 20-21-كۈنلىرى چاۋشيەندە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى «جۇڭگو چاۋشيەن دوستلۇقىغا ۋارسلىق قىلىشنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن، چاۋشيەن يېرىم ئارىلى مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن». جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 70 يىللىقى تارىخىي پەيتىدە، ئىككى پارتىيە ئىككى دۆلەتنىڭ ئالى رەھبەرلىرى بىرلىكتە جۇڭگو چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ گۈزەل كېلەچېكىنى پىلانلاپ، جۇڭگو چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ يېپ-يېڭى سەھىپىسىنى بىرلىكتە ئاچتى.

چاۋشيەن بىر يۈرۈش ئەڭ يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىززەت-ھۆرمەت بىلەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى كۈتۈۋالدى؛ باش شۇجى شى جىنپىڭ يېقىنقى 50 يىلدىن بۇيان چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي ئورگان گېزىتى«ئەمگەك خەۋەرلىرى» نىڭ باش بېتىدە تۇنجى قېتىم ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلغان چەتئەل رەھبىرى؛ باش شۇجى شى جىنپىڭ جىن شيۇشيەن تەيياڭگۇڭ مەيدانىدا كۈتۈۋېلىشنى قۇبۇل قىلغان تۇنجى چەتئەل رەھبىرى؛ 250 مىڭدىن ئارتۇق پىيوڭياڭ شەھەر ئاھالىسى قوللىرىغا چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ بايرىقى ۋە گۈللەرنى ئېلىپ ئايرۇدرومدىن مەرھابا مېھمانخانىسىغىچە بولغان يول بويىدا تۇرۇپ قارشى ئالدى؛ قارشى ئېلىش زىياپىتىدىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزى كومىتېتىدا چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بارلىق سىياسىي بىيۇرو ئەزالىرى ۋە كاندىدات ئەزالىرىنىڭ ئىھتىرامىنى قۇبۇل قىلدى... بۇ ئالاھىدە ئورۇنلاشتۇرۇشلار كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇننىڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى، چاۋشيەن پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ چاۋشيەن بىلەن جۇڭگونىڭ دوستلۇق ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە بولغان سەمىمىي ئارزۇسىنى گەۋدىلەندۈردى.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى، باش شۇجى شى جىنپىڭ كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇن بىلەن بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە تۆت قېتىم ئۇچرىشىپ، جۇڭگو چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يېزىپ چىقىپ، چوڭقۇر دوستلۇقنى تېخىمۇ قويۇقلاشتۇرغان ئىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەيلى خەلقئارا ۋە رايون ۋەزىيىتىدە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشتىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ چاۋشيەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەشكە تىرىشچانلىق كۆرسىتىش قەتئىي مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ، جۇڭگو خەلقىنىڭ چاۋشيەن خەلقىغە بولغان دوستلۇق ھىسسىياتى ئۆزگەرمەيدۇ. جۇڭگونىڭ سوتسىيالىستىك چاۋشيەننى قوللىشى ئۆزگەرمەيدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو چاۋشيەن مۇناسىۋىتى يېڭى تارىخي مەزگىلگە كىردى. جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى چاۋشيەن بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنى ياخشى قوغداش، ياخشى مۇستەھكەملەش، ياخشى تەرەققىي قىلدۇرۇش باشتىن –ئاخىرى جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەس فاڭجىنى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ كومىتېت باشلىقى كىم جۇڭئۇن بىلەن سۆھبەتلەشكەندە مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئىككى تەرەپ يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتەكچىلىك قىلىشى كېرەك؛ ئىككى تەرەپ ئىستراتېگىيلىك ئالاقىنى كۈچەيتىپ، زور مەسىلىلەر ھەققىدە چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا ياخشى مۇھىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك؛ ئىككى تەرەپ ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەت خەلقىغە تېخىمۇ زور بەخت يارىتىشى كېرەك؛ ئىككى تەرەپ دوستلۇق ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو چاۋشيەن دوستلۇقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە مۇستەھكەملەشكە پۇختا ئاساس سېلىشى كېرەك؛ بۇ تەششەبۇسلار جۇڭگونىڭ «يېقىن تۇققان، ياخشى خوشنىلاردىن بولۇش» تەك ئىناق قوشنىدارچىلىق دوستلۇق دىپلوماتىيە سىياسىتىنى گەۋدىلەندۈردى، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن خەلقىنىڭ «ئۇزۇن تارىخقا ئىگە ئالتۇنغىمۇ تېگىشكۈسىز» چوڭقۇر دوستلۇقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، نۆۋەتتىكى دۇنيانىڭ تىنچىلىقى، تەرەققىياتى، ھەمكارلىقى، تەڭ ئۇتۇق قازىنىشىدىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىغا ماسلاشتى.

بىر مەزگىلدىن بۇيان، ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقى ئارقىسىدا، يېرىم ئارالنىڭ تىنچ سۆزلىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش تېپىلغۇسىز تارىخىي پۇرسەتكە ئېرىشمەكتە، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئېتىراپ قىلىشى ۋە ئۈمىدىگە ئېرىشمەكتە. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو چاۋشيەننىڭ ئۆزىنىڭ مۇۋاپىق بىخەتەرلىكى ۋە تەرەققىياتى، كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىغا چامىنىڭ يېتىشىچە ياردەم بېرىشنى خالايدۇ، چاۋشيەن ۋە ئالاقىدار ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ماسلىشىش ۋە ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش ۋە رايوننىڭ ئەبەدى ئەمىنلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئىجابىي رول ئويناشنى خالايدۇ. كىم جۇڭئۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەن جۇڭگونىڭ يېرىم ئارال مەسىلىسىنى ھەل قىلىش داۋامىدا ئىجابىي رول ئوينىغانلىقىغا يۇقىرى باھا بېرىدۇ، جۇڭگو بىلەن ئالاقە ۋە ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىشتا يېڭى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشقا تىرىشىپ تۈرتكە بولۇپ، يېرىم ئارالنىڭ تىنچىلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداشنى خالايدۇ. جۇڭگونىڭ يېرىم ئارال مەسىلىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىنى پائال ئىلگىرى سۈرۈشكە بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسەتكەنلىكى ھەممىگە ئايان. جۇڭگونىڭ بۇ جەرياندا ئوينىغان ئۆزگىچە ھەم مۇھىم رولى خەلقئارا جەمئىىيەتنىڭ يۈكسەك ماختىشىغا ئېرىشتى.

70 يىل جاپا-مۇشەققەتتە بىللە بولۇپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدۇق. جۇڭگو چاۋشيەن دوستلۇقى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئارزۇسىغا ئۇيغۇن، ئىككى دۆلەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ئۇيغۇن، جۇڭگو چاۋشيەن دوستلۇق ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش ۋە راۋاجلاندۇرۇش ئىككى تەرەپ يىراققا نەزەر تاشلاش نۇقتىسىدىن چىقارغان ئىستراتېگىيىلىك تاللاش، ئۇ خەلقئارا جەمئىيەتتە ئۆزگىرىش بولۇش سەۋەبىدىن تەۋرەنمەيدۇ. يېڭى تارىخي باشلىنىش نۇقتىسىدا، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەن جەزمەن ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، قول تۇتۇشۇپ ئالغا ئىلگىرلەپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتنىڭ يېڭى دەۋردە يېڭى تەرەققىياتقا ئىگە بولۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىغە تېخىمۇ زور بەخت يارىتىپ، رايون تىنچىلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.