جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقى كۈنسېرى جانلاندى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-21 18:46

بۇ يىل 5-ئايدا، چاۋشيەندىكى تۇنجى خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى مەركىزى پيوڭياڭ پەن-تېخنىكا داشۆسىدە رەسمىي قۇرۇلدى، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ مائارىپ ساھەسىدىكى ئەمەلدارلار ۋە پيوڭياڭ پەن- تېخنىكا داشۆسىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى مەركەزنىڭ يوپۇقىنى ئېچىشقا گۇۋاھ بولدى. ئوقۇغۇچىلار بۇنىڭدىن كېيىن دۆلەتتىن چىقمايلا كۆپ خىل خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانىغا قاتنىشالايدۇ، بۇ نۇرغۇن خەنزۇ تىلى ئۆگىنىدىغان چاۋشيەنلىك ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن ئېيتقاندا كاتتا خۇش خەۋەر.

دۆلەت ئالاقىسى خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىگە باغلىق، خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشى قەلبلەرنى تۇتاشتۇرۇشقا باغلىق. جۇڭگو چاۋشيەن خەلقىنىڭ قەلبىنى تۇتاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ بىۋاستە يولىنىڭ بىرى مەدەنىيەت، مائارىپ ساھەسىدىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىق. چاۋشيەندىكى تۇنجى خەنزۇ تىلى سەۋىيە سىناش ئىمتىھانى مەركىزىنىڭ تەسىس قىلىنىشى جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ ساھەسىدىكى ھەمكارلىقىنىڭ كۈنسېرى جانلىنىۋاتقانلىقىنىڭ دەلىلى.

پيوڭياڭ پەن-تېخنىكا داشۆسى خەنزۇ تىلى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇلى ليۇ يۈنىڭ چاۋشيەنگە كېلىپ خىزمەت قىلغىنىغا بەش يىل بولدى. ئۇ شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبول قىلغاندا مۇنداق دېدى: پيوڭياڭ پەن-تېخنىكا داشۆسىدە تەخمىنەن 600 تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىسى ۋە ئاسپىرانت بار، خەنزۇ تىلى بارلىق ئوقۇغۇچىلار چوقۇم ئۆگىنىدىغان ئىككىنچى چەت ئەل تىلى . ئوقۇغۇچىلارنىڭ خەنزۇ تىلى ۋە جۇڭگو مەدەنىيىتىگە بولغان قىزىقىشى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى، شۇنداقلا مېنىڭ پيۇڭياڭ پەن - تېخنىكا داشۆسىدە خىزمەت قىلىشىمدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇپ قالدى .

مۇخبىر پيۇڭياڭدىكى نۇرغۇن ئالىي مەكتەپلەرنى زىيارەت قىلغاندا، چاۋشيەن ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقىنىڭ ناھايىتى يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، خەنزۇ تىلى سەۋىيەسىنىڭ كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغانلىقىنى، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ مۇخبىرلار بىلەن خەنزۇ تىلىدا راۋان پىكىر ئالماشتۇرالايدىغانلىقىنى چوڭقۇر ھېس قىلدى. چاۋشيەن ئوقۇغۇچىلىرى يەنە كۆپ قېتىم جۇڭگودا ئۆتكۈزۈلگەن «خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى» دۇنيا ئالىي، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى مۇسابىقىسىدە ئەلا نەتىجىگە ئېرىشتى، ھەتتا ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە چېمپىيون بولدى .

چاۋشيەن ياشلىرى ئارىسىدىكى «خەنزۇ تىلى قىزغىنلىقى» جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، ئىككى دۆلەتنىڭ مائارىپ ئالاقىسىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتكەنلىكى بىلەن تېخىمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئۆز-ئارا ئوقۇغۇچى ئەۋەتىشى ئۇزۇن يىللىق تارىخقا ئىگە ئىكەن. ھازىر، جۇڭگو ھەر يىلى چاۋشيەنگە ھۆكۈمەت خىراجىتى بىلەن 60 تەك ئوقۇغۇچىنى ئوقۇشقا ئەۋەتىدۇ، جۇڭگودىكى ھەر قايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تەبىئىي پەن، سانائەت، يېزا ئىگىلىك، مېدىتسىنا كەسپىدە ئوقۇۋاتقان جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تۈرىگە ئېرىشكەن چاۋشيەنلىك ئوقۇغۇچى ھەر يىلى تەخمىنەن 400 ئەتراپىدا بولۇۋاتىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا چاۋشيەن ھەر يىلى 200دەك ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنى جۇڭگوغا يېرىم يىلدىن بىر يىلغىچە بىلىم ئاشۇرۇشقا ئەۋەتىدۇ. جۇڭگو چاۋشيەننىڭ خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇشىنى قوللاش ئۈچۈن، بىر قىسىم جۇڭگولۇق ئوقۇتقۇچىلارنى پيوڭياڭغا ئوقۇتۇشقا ئەۋەتتى.

ھازىر پيوڭياڭ چەتئەل تىلى داشۆسىدە خەنزۇ تىلى ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خۇاڭ لى لياۋنىڭدىن كەلگەن. 2007-يىلىدىن بۇيان، خۇاڭ لى ئۈچ قېتىم چاۋشيەنگە بېرىپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئالتە يىل خىزمەت قىلىپ، خەنزۇ تىلى ئاساسى پۇختا مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىنى تەربىيەلىدى. بولۇپمۇ ئۇنى پەخىرلەندۈرگىنى شۇكى، ئۇ يەنە بىر ئوقۇتقۇچى بىلەن بىرلىكتە يېتەكچىلىك قىلغان ئىككى ئوقۇغۇچى 2018-يىللىق «خەنزۇ تىلى كۆۋرۈكى» دۇنيا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ خەنزۇ تىلى مۇسابىقىسىدە دۇنيا بويىچە كوللېكتىپ باش چېمپىيون بولدى. ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى كەينى-كەينىدىن چاۋشيەننىڭ دىپلوماتىيە، تاراتقۇ، مەدەنىيەت، مائارىپ قاتارلىق ساھەلەردىكى خىزمەت ئورۇنلىرىغا بېرىپ، چاۋشيەننىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو-چاۋشيەننىڭ دوستانە ئالاقىسى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى.

كىم يوڭجىك سىفەن داشۆسىنىڭ چاۋشيەن تىلى كەسپىدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان 4-يىللىق ئوقۇغۇچىسى زۇ جيايۆ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى : چاۋشيەن ئاممىسى بىلەن راۋان پىكىر ئالماشتۇرۇش مېنىڭ بۇ بىر نەچچە يىلدىن بۇيانقى چەت ئەلدە ئوقۇش ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ نەتىجەم. چاۋشيەن خەلقىنىڭ خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش قىزغىنلىقى ۋە كۈندىن-كۈنگە ئوچۇق بولىۋاتقان پوزتسىيەسىمۇ مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى .

جۇڭگو-چاۋشيەن ئالىي مەكتەپلىرىنىڭ ئىلىم ئالماشتۇرۇش پائالىيىتىمۇ جانلاندى. كىم ئېرسىن ئۇنىۋېرسال داشۆسى تاشقى ئىشلار خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شيەن بىڭجى مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېدى: كىم ئېرسىن داشۆسى بىلەن جۇڭگو ئالىي مەكتەپلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئىلىم ئالماشتۇرۇش ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 50-يىللىرى باشلانغان. نۆۋەتتە، كىم ئېرسىن داشۆسى بېيجىڭ داشۆسى، خاربىن سانائەت داشۆسى قاتارلىق 30 نەچچە ئالىي مەكتەپ بىلەن تەبىئىي پەن ياكى ئىجتىمائىي پەن ساھەسىدە دائىملىق ئالماشتۇرۇش قىلىۋاتىدۇ.

شيەن بىڭجى مۇنداق دېدى: ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ مەكتەپ باشقۇرۇش ۋە ئىلىم ئالماشتۇرۇش چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە دۆلىتىنىڭ سىياسىتى، شۇنداقلا كىم ئېرسىن داشۆسىنىڭ ئوڭۇشلۇق تەرەققىي قىلىشىنىڭ مۇھىم ئاساسى. جۇڭگو چاۋشيەن بىلەن يېقىن قوشنا، ئىككى دۆلەتنىڭ يېقىن دوستلۇق ئالاقىسى بار، كىشىلەر ئالاقىسىمۇ ناھايىتى قۇيۇق، جۇڭگو بىلەن ئىلىم ئالماشتۇرۇش كىم ئېرسىن داشۆسىنىڭ تاشقى ئالاقىسىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. جۇڭگونىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى تەرەققىياتى ناھايىتى تېز، پەن تەتقىقات ۋە ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى مول، ئۆگىنىشىمىزگە ئەرزىيدىغان نۇرغۇن جايلار بار، بىزمۇ جۇڭگو بىلەن تېخىمۇ كۆپ ئىلىم ئالماشتۇرۇشنى قانات يايدۇرۇپ، نەزەر دائىرىمىزنى كېڭەيتىشنى، بىزنىڭ ئىلىم ئىشلىرىمىز، پەن تەتقىقاتىمىز ۋە ئوقۇتۇشىمىزنىڭ دۆلەت ئىچىدە باشتىن-ئاخىر ئالدىنقى ئورۇندا تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.