يېڭى باش ۋەزىرنىڭ قىزىق نامزاتى جونسون ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشىدا چىڭ تۇردى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئابدۇللا موللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-21 18:47

ئەنگلىيەدە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈۋاتقان پارتىيە كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ يېڭى باشلىقى ھەم كېيىنكى نۆۋەتلىك باش ۋەزىرنىڭ ئەڭ قىزىق نامزاتى بورىس جونسون 6-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتە رىقابەتچىلىرى بىلەن بىرلىكتە ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى ئۆتكۈزگەن تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسىگە قاتناشقاندا، ئەنگلىيە 10-ئاينىڭ 31-كۈنى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئۆز قەرەلىدە ئايرىلىشى شەرت دەپ كېسىپ ئېيتتى.

شۇ كۈنى سەل بۇرۇن، سابىق ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ئىشلىرى ۋەزىرى دومىنىك راب كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ باشلىقلىقىغا 2-نۆۋەت ئاۋاز بېرىشتە مەغلۇب بولدى. جونسون ئالدىنقى ئورۇندىكى ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ پۇختىلاپ، مۇقىم ئۇتۇپ چىقىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ قالدى.

6-ئاينىڭ 18-كۈنى كەچتىكى تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسى بىر سائەتچە داۋاملاشتى، بەش رىقابەتچى ئەنگلىيە رادىيو شىركىتى تاللاپ چىققان ئەڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە سايلىغۇچىلارنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى.

جونسون تۇنجى مەيدان تېلېۋىزىيە مۇنازىرىسى ۋە تاراتقۇلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بېرىش يىغىنىغا قاتناشمىغان ئىدى. بۇ-ئۇنىڭ تۇنجى قېتىم باشقا رىقابەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە ئاممىنىڭ قاراپ چىقىشىنى قوبۇل قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئۆز قەرەلىدە ئايرىلىشقا يېتەكچىلىكى قىلىدىغانلىقىنى قايتا تەكىتلەپ، بۇنداق قىلىشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇل-ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىشقا ياخشى تەييارلىق قىلىش شۇنداقلا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان يېڭى سودا كېلىشىمىگە ئېرىشىشكە كۈچ چىقىرىش، بۇنداق بولمايدىكەن، مەن بىزنىڭ ئاممىنىڭ سىياسىي ئىشەنچىسىدىن ئاپەت خاراكتېرلىك ئايرىلىپ قېلىشقا دۇچ كېلىدىغانلىقىمىزدىن ئەنسىرەيمەن دېدى.

جونسوننىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن قاتتىق ئايرىلىش مەيدانىنى ساقلاش-سۆھبەت ماھارىتى بولۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىنى شىمالىي ئىرىلاندىيەنىڭ چېگرا ئىشىدا يول قويۇشقا مەجبۇرلاشنى مەقسەت قىلىدىكەن.

ئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى تېرىسسا ماي بۇندىن بۇرۇن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى كېچىكتۈرۈشنى ئىككى قېتىم ئىلتىماس قىلغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمىنى پارلامېنتتا تەستىقلىتالمىدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىلاجىسىز پارتىيە باشلىقلىق ئورنىنى ئۆتۈنۈپ بېرىپ، باش ۋەزىرلىك ئورنىنى يېڭى پارتىيە باشلىقى 7-ئاينىڭ ئاخىرىدا ئېلان قىلىنغۇچە ساقلاپ قالىدىغان بولدى.

تېرىسسا ماينىڭ ئورنىغا چىقىدىغان باش ۋەزىرنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشتىكى قاتمال ۋەزىيەتنى بۇزۇپ تاشلىشى شۇنداقلا ئەنگلىيەنىڭ بۇندىن كېيىنكى نەچچە ئون يىلدا ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن قانداق ئالاقە قىلىشى ھەققىدىكى شەرتلەرنى بېكىتىشىگە توغرا كېلىدۇ.

باشقا پارتىيە باشلىقى رىقابەتچىلىرى پىروگراممىدا ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش تەسەۋۋۇرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىچكى ئىشلار ۋەزىرى سەئىد جاۋىد جونسوننىڭ كۆز قارىشىغا قوشۇلۇپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنى يەنە بىر قېتىم كېچىكتۈرگەننىڭ ئورنىغا 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلغان تۈزۈك دەپ قارىغان.

مۇھىت، يېمەكلىك ۋە يېزا ئىشلىرى ۋەزىرى مايكول گوۋى ۋە دىپلوماتىيە ۋەزىرى جېرېمىي خۇنتېر ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشنىڭ يېڭى كېلىشىمىنى ھاسىل قىلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يەنە بىر قېتىم كېچىكتۈرۈش، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەقەت قىسقا ۋاقىت كېچىكتۈرۈشنى قوللىغان. بىراق، ياۋروپا ئىتتىپاقى تېرىسسا ماي بىلەن ھاسىل قىلغان ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمى ئۈستىدە قايتىدىن سۆھبەتلەشمەيمىز دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىدى.

خەلقئارا تەرەققىيات ۋەزىرى رورىي سىتېۋارت ئىقتىسادقا بولغان زىيىنى بەك چوڭ دېگەن سەۋەب بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىشقا قەتئىي قارشى تۇردى. نۇرغۇن ئىقتىسادشۇناسلار ۋە كارخانىلار ئەنگلىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ سودا قائىدىسىدىكى ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن كېلىشىمسىز ئايرىلىشنى بىكار قىلىش-ئىقتىسادىي داۋالغۇش پەيدا قىلىش مۇمكىن دەپ ئەنسىرىدى.

سىتېۋارت ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىشتىكى بىردىنبىر ئۇسۇل-پارلامېنتنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمىگە رۇخسەت قىلىشىنى قولغا كەلتۈرۈش دەپ قارىدى. ئەمما گوۋى ناھايىتى تېزلا بۇنىڭغا رەددىيە بېرىپ، ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش كېلىشىمى ئۈچ قېتىم ئىنكار قىلىندى، چوقۇم باشقا يول تېپىپ چىقىش شەرت دېدى.

فىرانسىيە ئاگېنتلىقى ھېچقايسى رىقابەتچىنىڭ ئەنگلىيەنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئۆز قەرەلىدە ئايرىلىشقا كاپالەتلىك قىلالمايدىغانلىقىغا دىققەت قىلدى.

جونسون 6-ئاينىڭ 18-كۈنى سەل بۇرۇن پارتىيە باشلىقلىقىغا 2-نۆۋەت ئاۋاز بېرىشتە 313 ئاۋازنىڭ 126 سىگە ئېرىشىپ، %40 لىك ئاۋاز نىسبىتى بىلەن ئالدىنقى ئورۇندىكى ئەۋزەللىكىنى يەنىمۇ پۇختىلىدى. سابىق ياۋروپا ئىتتىپاقىدىن ئايرىلىش ئىشلىرى ۋەزىرى راب ئۈچ ئاۋاز پەرق بىلەن ئاۋاز بېرىش ئۆتكىلىدىن ئۆتەلمەي، شاللىنىپ كەتتى.

رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن بولغان پارلامېنت ئەزالىرى ئەڭ ئاخىرقى ئىككى نامزات ئېشىپ قالغۇچە، 6-ئاينىڭ 19-، 20- كۈنلىرى داۋاملىق كۆپ نۆۋەت ئاۋاز بېرىش ئارقىلىق رىقابەتچىلەرنى شاللىماقچى بولغان، ئەنگلىيەدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىنىڭ تەخمىنەن 160 مىڭ ئەزاسى پوچتىدىن ئەۋەتىش ئارقىلىق ھەل قىلغۇچ سايلامغا قاتناشقان.

ئەنگلىيە «مۇھاپىزەت گېزىتى»نىڭ قارىشى بويىچە، جونسون يەنىلا ئەڭ روشەن قىزىق نامزات بولۇپ، ئاساسەن كېيىنكى نۆۋەتلىك باش ۋەزىر بولۇشى مۇقىملىشىپ قالغان. فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، جونسون چوڭ خاتالىق سادىر قىلمىسىلا، سايلامدا ئۇتتۇرۇپ قويمايدىكەن.

لېكىن ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ قارىشى بويىچە، گەرچە جونسوننىڭ سايلىغۇچىلارنى چاقىرىش ئىقتىدارى پارتىيە ئىچىدىكى خىزمەتداشلىرىنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ كۆپ قېتىم ئېلان قىلغان ئازدۇرما ۋە يالغان گەپلىرى ھەم ئالىي ئەمەلدار بولغان چاغدىكى سۆز-ھەرىكەتلىرى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ گۇمانىغا ئۇچرىغان.