ئامېرىكا ئىرانغا قارىتا «گىرۋەك سىياسىتى» يولغا قويدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-21 18:49

ئامېرىكا يەنە ئەسكەر كۆپەيتىشنى جاكارلاپ ئەتىسى يەنى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى، دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپېئو زۇڭتۇڭ دونالد ترامپنىڭ ئېران بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدىغانلىقىنى، پەقەت ئىرانغا تەھدىت سالىدىغان ۋەھىمە كۈچىنى قايتىدىن بەرپا قىلماقچى ئىكەنلىكىنى قايتا تەكىتلىدى. ئىران زۇڭتۇڭى ھەسەن روھانى شۇ كۈنى ئىراننىڭ مەيدانىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ: ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايمىز، لېكىن باشمۇ ئەگمەيمىز دېدى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇنى ئامېرىكا «گىرۋەك سىياسىتى»نى قوللىنىپ، قەستەن قارشىلىشىشنى كىرزىس گىرۋىكىگە ئىتتىرىپ قويۇپ، قارشى تەرەپنى يول قويۇشقا مەجبۇرلاۋاتىدۇ دەپ چۈشەندۈردى. لېكىن بەش بۇرجەكلىك بىنانىڭ سابىق تەھلىلچىسىنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر كۆپەيتىشى تەھدىت رولىنى ئوينىمايدىكەن.

[قاتتىق يۇمشاق گەپ]

پومپىئو 6-ئاينىڭ 18-كۈنى فلورىدا ئىشتاتىدىكى ئامېرىكا ئارمىيەسى مەركىزىي قوماندانلىق ئىشتابىنىڭ باش ئىشتابىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە: «زۇڭتۇڭ ترامپ ئۇرۇش قىلىشنى خالىمايدۇ، بىز بۇ ئۇچۇرنى داۋاملىق يەتكۈزىمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا زۆرۈر ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق رايونىدىكى مەنپەئەتىنى قوغدايمىز» دېدى.

ئامېرىكىنىڭ بۇ دىپلوماتىيە باش ئەمەلدارىنىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا، ترامپ ئىراننىڭ تەھدىتىنى چەكلەيدىغان ۋەھىمە كۈچىنى قايتىدىن بەرپا قىلماقچى بولغان.

پومپىئو ئۆزىنىڭ پارىس قولتۇقىدىكى ھەربىي ھەرىكەتكە مەسئۇل كوماندىرلار بىلەن كۆرۈشۈشتىكى مەقسىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ دىپلوماتىيە ۋە ھەربىي جەھەتتىكى تىرىشچانلىقىنى ماسلاشتۇرۇش، بۇ ئارقىلىق «بىزنىڭ توغرا ئىش قىلىش ئىقتىدارىمىزنىڭ بارلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش»دېدى.

ئۇ تولۇقلاپ: توغرا ئىش دېگىنىمىز «ئامېرىكا ئىراننى داۋاملىق قايىل قىلىش، بىز ئىرانغا تەھدىت سېلىپ، ئۇلارنىڭ بۇ رايوندا تېخىمۇ كۆپ ھۇجۇم قوزغىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىزنى كۆرسىتىدۇ دېدى.

گەرچە ئۇرۇش قىلىش مەيدانىنى ئىپادىلىمىگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا ھەربىي ئورۇنلاشتۇرۇش جەھەتتە قەدەممۇ قەدەم قىستاپ كەلدى. پاترىك شاناخان ئامېرىكىنىڭ مۇۋەققەت دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشتىن بىر كۈن بۇرۇن، ئوتتۇرا شەرق رايونىغا يەنە تەخمىنەن 1000 ئەسكەر ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلاپ مەقسىتىمىز ئامېرىكىنىڭ ئامانلىق ساقلاش ۋە ئاخبارات توپلاش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش دېدى.

[يېڭىچە قىياپەتنى نامايەن قىلىش]

ئىلگىرى بەش بۇرجەكلىك بىنادا تەھلىلچى بولغان چاك سپىننى رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: ئامېرىكىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئەسكەر كۆپەيتىش سىياسىتى «ھېچقانداق تەھدىت قىممىتى ۋە ھەربىي قىممەت ھازىرلىمىغان»، بەلكىم پەقەت شۇ خىل قىياپەتكە كىرىۋېلىش بولۇشى مۇمكىن دېدى.

سپىننى ئەسكەر كۆپەيتىش بەلكىم «سىياسىي ئامىل»غا ئاساسلانغان بولۇشى مۇمكىن، يەنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى قىسمىدا بەزىلەر ئاقىلانە دىپلوماتىيە تەدبىرى تۈۈشكە ئەمەس بەلكى ئىش پەيدا قىلىشقا ئالدىراپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارىغان. ئامېرىكا زۇڭتۇڭىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىك ئىشلىرى ياردەمچىسى جون بولتوننى ئۆز ئىچىگە ئالغان بەزى «قۇرغۇيچى» شەخسلەر ئەسكەر كۆپەيتىپ تەدبىر بەلگىلەشكە يېتەكچىلىك قىلىشى مۇمكىن.

ئىران بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسىگە ئالاقىدار ئالتە دۆلەت 2015-يىلى كېلىشىم ھاسىل قىلدى، ئامېرىكا بۇلتۇر 5-ئايدا بۇ كېلىشىمدىن چېكىنىپ چىقىپ، ئىراننى جازالاشنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ ۋە كۆپەيتىپ، ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ قورال-ياراغ تۈرى ۋە رايون پائالىيىتىنى چەكلەش ئۈچۈن، ئىرانغا بېسىم ئىشلىتىش ئۇسۇلى بىلەن قايتا كېلىشىم تۈزۈشكە مەجبۇر قىلماقچى بولدى.

ئىران 5-ئايدا ئىراننىڭ يادرو كېلىشىمىنىڭ قىسمەن ماددىلىرىنى ئىجرا قىلىشنى توختىتىپ، ئېغىر سۇ ۋە قويۇلدۇرۇلغان ئۇراننى ساتمايدىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئىران ئاتوم ئېنىرگىيىسى تەشكىلاتى 6-ئاينىڭ 17-كۈنى ئىراننىڭ يېقىندا قويۇلدۇرۇلغان ئۇران ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى قارار قىلغانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئىراننىڭ 10 كۈن ئىچىدە 300 كىلوگرام تۆۋەن موللاشتۇرۇلغان قويۇلدۇرۇلغان ئۇران زاپىسىنىڭ يۇقىرى چېكىنى بۆسۈپ ئۆتىدىغانلىقىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

ئىران زۇڭتۇڭى روھانى 6-ئاينىڭ 18-كۈنى: «بىز ھەرقانداق دۆلەتكە ئۇرۇش قوزغىمايمىز»، گەرچە ئامېرىكا تۈرلۈك ھەرىكەتلەرنى قىلىپ، ئىراننىڭ دۇنيادىكى باشقا رايونلار بىلەن بولغان ئالاقىسىنى ئۈزۈپ تاشلاپ، ئىراننى يېتىم قالدۇرماقچى بولغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىدى دېدى .

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇنى: روھانىنىڭ سىرتقا يەتكۈزمەكچى بولغان ئۇچۇرى، ئامېرىكىنىڭ «گىرۋەك سىياسىتى»ئالدىدا، ئىران خەلقى ئامېرىكىنىڭ ئۈزلۈكسىز بېسىمىغا بەرداشلىق بېرەلەيدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا غەلىبە قىلىدۇ دېگەندىن ئىبارەت دەپ چۈشەندۈردى.