يېڭى ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەننىڭ يولغا قويۇلۇشى چاۋشيەننىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش ئاتا قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:كۈنتېكىن ئىمام|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-20 16:42

ئۆتكەن يىلى 4-ئايدا چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسى 7-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 3-ئومۇمىي يىغىنىدا، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ كومىتېت باشلىقى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى كىمجۇڭئۇن «پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەت بارلىق كۈچنى مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىستىك ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش قىلىشى كېرەك» دېگەن بۇ ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەننى ئوتتۇرىغا قويدى، بۇ چاۋشيەن سوتسىيالىستىك ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.

يېڭى ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەن يولغا قويۇلغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، كىمجۇڭئۇننىڭ جايلارغا بېرىپ، زاۋۇت، قۇرۇلۇش مەيدانلىرى، كۈتىنىش ئورۇنلىرى، توك چىقىرىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىقلارنى تەكشۈرگەنلىكىگە ئالاقىدار خەۋەرلەر ئۈزۈلمىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، چاۋشيەن ئۆتكەن يىلى يەنە «مەھسۇلات مىقدارىنى ئاشۇرۇش زەربىدارلىق ھەرىكىتى»نى قانات يايدۇردى، ھەر قايسى ساھە ۋە كەسىپلەر ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا پائال ئاتلىنىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن يىللىق ئىشلەپچىقىرىش نىشانىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ تاماملاشقا تىرىشىپ، قانائەتلىنەرلىك نەتىجە ھاسىل قىلدى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، كومىتېت باشلىقى كىمجۇڭئۇن 2019-يىللىق يېڭى يىللىق تەبرىك سۆزىدە «پارتىيەمىزنىڭ يېڭى ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەنىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆز كۈچىمىزگە تايىنىپ ئىش كۆرۈپ، قەتئىي تەۋرەنمەي، مەردانە كۆرەش قىلغاندىلا ئاندىن دۆلەت كۈچىنى زورايتالايمىز، خەلقنىڭ ئارزۇسى ۋە غايىسىنى ناھايىتى ياخشى ئىشقا ئاشۇرالايمىز» دەپ كۆرسەتتى، ئۇ يەنە «سوتسىيالىستىك مۇستەقىل ئىقتىسادنى يەنىمۇ كۈچەيتىش كېرەك» دەپ تەكىتلىدى. كىمجۇڭئۇن بۇ يىل 4-ئايدىكى چاۋشيەن 14-نۆۋەتلىك ئالىي خەلق كېڭىشىنىڭ 1-يىغىنىدا ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش نۇتىقى قىلغاندا يەنە تەكىتلەپ: چاۋشيەننىڭ مەركەزلىك ۋەزىپىسى دۆلەتنىڭ بارلىق كۈچىنى ئىقتىسادىي قۇرۇلۇشقا مۇجەسسەملەپ، سوتسىيالىزمنىڭ ماددىي ئاساسىنى پۇختىلاشتۇر، خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە سۇبيېكىتلىقىنى بارچە ئامال بىلەن كۈچەيتىش كېرەك، دېدى. پيوڭياڭنىڭ كوچىلىرىدا «خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇستەقىللىقى»، «خەلق ئىگىلىكىنىڭ سۇبيېكىتلىقى»، «خەلقنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئاشۇرايلى» قاتارلىق تەشۋىقات لوزىنكىلىرىنى ھەممە يەردە ئۇچراتقىلى بولىدۇ، بۇ چاۋشيەننىڭ ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىرادىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.

چاۋشيەن مەركىزىي ئاگېنتلىقى 5-ئايدا خەۋەر بېرىپ «بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، چاۋشيەن ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى شۇنداقلا خەلق ئىگىلىكىنى راۋاجلانشۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق سانائەت تارماقلىرىدا مۇھىم نەتىجە ھاسىل قىلدى» دېدى. بۇ يىل 1-ئايدىن 4-ئايغىچە، چاۋشيەن پۈتۈن مەملىكەت دائىرىسدە 370 نەچچە كىلومېتىر تاشيولنى قايتا ياسىدى ۋە رېمونت قىلدى، 120 نەچچە كۆۋرۈكنى يېڭىدىن سالدى ياكى رېمونت قىلدى، 523 مىڭ 400 نەچچە كۇپ مېتىر توسما ياسىدى، 989 مىڭ كۇپ مېتىر توسمىنى رېمونت قىلدى، 760 نەچچە كىلومېتىر رايوندىكى دەريا ياقىسىنى ئوڭشىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، چاۋشيەن ئېلىكتىر تارماقلىرى جايلاردىكى ئېلىكتىر ئىستانسىسىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش ئۈسكۈنىلىرىنى ئوڭشاشقا تەشكىللەپ، تېخنىكا ئۆزگەرتىشكە تۈرتكە بولدى، يۈلاڭچۈەن ۋە رۈيچۈەن ئېلىكتىر ئىستانسىسىلىرى قاتارلىق قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى تېز ئىلگىرى سۈردى؛ شۈنچۈەن، دېچۈەن ۋە بېيساڭ قاتارلىق رايونلاردىكى كۆمۈر كانلىرى كان بايلىقى مول، ئېچىش شارائىتى پايدىلىق كۆمۈر قېزىش مەيدانلىرىنى تېزدىن بىر تۇتاش پىلانلاپ، ئىشلەپچىقىرىش جېڭىنى قانات يايدۇرۇپ، خەلق ئىگىلىكىنىڭ تۈرلۈك تارماقلىرىغا زور مىقداردا كۆمۈر يەتكۈزۈشكە تىرىشتى؛ جىنسې پولات-تۆمۈر بىرلەشمە كارخانىسى قاتارلىق مېتال تاۋلاش زاۋۇتلىرى تۆمۈر، پولات تاۋلاش، پولات پروكاتلاش ئىش تەرتىپىنىڭ تېخنىكا ۋە جاپدۇق سەۋىيەسىنى ئاشۇرۇپ، پولات-تۆمۈر ماتېرىياللىرىنى ئىشلەپچىقىرىش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى.

خەلق تۇرمۇشى ساھەسىدە، چاۋشيەن پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتىمۇ بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇردى. بۇ يىل 4-ئاينىڭ ئوتتۇرلىرىدا، بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆزگەرتىپ، كېڭەيتىپ قۇرۇلۇش قىلغاندىن كېيىن، پيوڭياڭدىكى داچېڭ تۈرلۈك ماللار سودا سارىيى رەسمىي تىجارەت باشلىدى. بۇ يەر ئاستى بىر قەۋەت، يەر ئۈستى بەش قەۋەتلىك تۈرلۈك ماللار سودا سارىيى پيوڭياڭنىڭ شەرقىدىكى ئەڭ چوڭ ئۇنىۋېرسال سودا سارايغا ئايلاندى. پيوڭياڭ ئاممىسى بۇ سودا سارىيىدىن يېمەكلىك، كىيىم-كېچەك، گىرىم بويۇملىرى، ئائىلە سايمانلىرى، ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرى قاتارلىق تۈرلۈك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالالايدۇ. 5-ئاينىڭ ئاخىرىدا، چاۋشيەننىڭ 22-نۆۋەتلىك ئەتىيازلىق خەلقئارا تاۋارلار كۆرگەزمىسى پيوڭياڭدىكى ئۈچ چوڭ ئىنقىلاب كۆرگەزمە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو، رۇسىيە، پاكىستان، پولشا قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە رايونلاردىن 450 نەچچە شىركەت كۆرگەزمىگە قاتناشتى. شۇ ۋاقىتتا، پيوڭياڭغا بېرىپ ئەتىيازلىق خەلقئارا مەھسۇلاتلار كۆرگەزمىسىگە كۆپ قېتىم قاتناشقان جۇڭگولۇق بىر سودىگەر: بۇ قېتىمقى كۆرگەزمىنىڭ كۆلۈمى تارىختىن بۇيان ئەڭ چوڭ بولدى، كۆرگەزمىگە قاتناشقان سودىگەرلەر ئۆتكەن يىلدىكىدىن ئىككى ھەسسە كۆپەيدى، كۆرگەزمە زالىرىدىكى ئورۇنلار ئاللا بۇرۇنلا زاكاس قىلىنىپ تۈگىدى، ساراي سىرتىدىكى بوش مەيدانغىمۇ خېلى كۆپ كۆرگەزمە ئورنى ئورۇنلاشتۇرۇلدى، دېدى. شۇ ۋاقىتىكى كۆرگەزمە قىلىنغان مەھسۇلاتلار ئېلېكتىر، يېمەكلىك، يېنىك سانائەت قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، چاۋشيەننىڭ ئاددەتتىكى ئاممىسى كۆرگەزمىگە قاتنىشىپ، ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان نەسىىلەرنى سېتىۋالالايدىغان مەھسۇلاتلار بولدى.

بۈگۈنكى كۈندە، پيوڭياڭنىڭ كوچىلىرىدىكى قۇرۇلۇشلار قىزىپ كەتتى، يېڭى تۇرالغۇلار ئار-ئارقىدىن سېلىندى؛ نۇرغۇن دۇكانلار ۋە پارچە سېتىش تور نۇقتىلىرى تىجارەت باشلىدى، يېڭى ماللار سېلىندى؛ كىشىلەرنىڭ كىيىم-كېچىكىمۇ رەڭدارلاشتى. شۇنى ھېس قىلغىلى بولىدۇكى، يېڭى ئىستراتېگىيەلىك لۇشيەننىڭ يولغا قويۇلۇشى چاۋشيەننىڭ ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىياتىغا كىشىنى خۇشال قىلىدىغان كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىش ئاتا قىلدى.