«ئەسەبىي ئۇنسۇرلار نىمرۇد خارابىسىنى ۋەيران قىلدى، بۇ تارىختىكى ئەڭ پاسكىنا جىنايەتلەرنىڭ بىرى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:گۈزەلنۇر روزى|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-20 16:42

ئىلگىرى ئاسسۇرىيە مەدەنىيىتىنى قوغدىغۇچى ئىلاھ دەپ ئاتالغان «لاماسۇ» ئەسەبىي تەشكىلات «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ پارتلىتىش دورىسى ۋە توپا ئىتتىرىش ماشىنىسىنى توسۇپ قالالمىدى. «ئەسەبىي ئۇنسۇرلار نىمرۇد خارابىسىنى ۋەيران قىلدى، بۇ تارىختىكى ئەڭ ئىپلاس جىنايەتلەرنىڭ بىرى. ئىراقنىڭ نىنېۋى ئۆلكىسى نېمرۇد خارابىلىكىنى باشقۇرۇش ئورنىنىڭ مەسئۇلى سائاد ئەلى كۆز ئالدىدىكى ۋەيران بولۇشقا ئاز قالغان خارابىلىككە قاراپ ئۇھ تارتىپ ھەسرەت چەكتى.

نىمرۇد موسۇلنىڭ شەرقىي جەنۇبىغا 32 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا بولۇپ، ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاساسلىق پايتەخت خارابىسى. 1845-يىلى ئەنگلىيەلىكلەر نىمرۇد خارابىسىنى تەكشۈرۈپ ۋە قېزىپ، مىلاددىن ئىلگىرىكى 9-ئەسىردىن 7-ئەسىرگىچە بولغان ئاسسۇرىيە خانلىقى خارابىسىنى بايقىغان. ئېغىرلىقى 10 توننا كېلىدىغان «لاماسۇ» مەرمەر تاش ھەيكەل ۋە زور تۈركۈمدىكى ئاسسۇرىيە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى بۈيۈك برىتانىيە مۇزېيىغا ئاپرىلغاندىن كېيىن دەرھال ياۋروپادا زىلزىلە قوزغىدى.

ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70-يىللىرى ئىراق نىمرۇد خارابىسىدا ئاسسۇرىيە ناسىبا ئوردىسىنى قايتا سالغان. ئوردا رىمونت قىلىنىپ، ئوردا ئىچىگە نۇرغۇن قېزىۋېلىنغان نەپىس قاپارتما نەقىشلەر بويۇملىرى تېزىلغان، كىشىلەر بۇنىڭدىن 3000 يىل ئىلگىرى ئىككى دەريا ۋادىسىدا گۈللەنگەن ئاسسۇرىيە ئىمپېرىيەسى ۋە ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنى يېقىن ئارىلىقتىن ھېس قىلدى.

قەدىمكى ئاسسۇرىيەلىكلەر «لاماسۇ»نى قوغدىغۇچى ئىلاھقا ئوخشىتىپ، بۇ قاناتلىق ئادەم باشلىق بۇقا ياكى شىر ھەيكىلى رەزىللىكنى يېڭىپ، شەھەر ۋە ئوردىنى ساقلاپ، ئاق كۆڭۈل پۇقرالارنى قوغدايدۇ، دەپ قارىغان. 2015-يىلى 3-ئايدا، «ئىسلام دۆلىتى» قوراللىق كۈچلىرى توپا ئىتتىرىش ماشىنىسى بىلەن نىمرۇد خارابىسىنى تۈزلەپ، ئىشىك ئالدىدىكى «لاماسۇ» ھەيكىلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، قاپارتما نەقىشلىك گۆھەرنى پارتلىتىۋەتتى، ھەمدە خارابىلىك ئىچىدىكى 17 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۇنار ئىبادەتخانىسى يادىكارلىقىنى تۈزلىۋەتتى.

سائاد ئەسلەپ مۇنداق دېدى: مەن ئەينى ۋاقىتتا ئوردا خارابىلىكى ئىچىدە ساقلانغان نەچچە يۈز قىممەتلىك ئاسسۇرىيە مەدەنىيىتىدىن بەك ئەنسېرىگەن ئىدىم، ئۇلار پارتىلىتىش دورىسى تۇڭىنى پارتىلىتىپ، ئوردىنى خىش-كېسەك پارچىلىرىغا ئايلاندۇردى.

2013-يىلى سۈرەتكە ئېلىنغان خارابىلىكنىڭ تولۇق كۆرۈنۈشلىك رەسىمىگە سېلىشتۇرغاندا، ئەينى يىلى قايتا سېلىنغان ئاسسۇرىيە ناسىبا ئوردىسى قۇراللىق ئۇنسۇرلار تەرىپىدىن پۈتۈنلەي ۋەيران قىلىۋېتىلگەن، ھازىر پەقەت ئوردا دەرۋازىسىنىڭ خارابىلىكىلا قالغان بولۇپ، ئىلگىرى مۇزېي قىلىنغان ئوردىنىڭ باشقا قىسمىلىرى ۋەيران بولغان .

گەرچە ئىراق ھۆكۈمىتى «ئىسلام دۆلىتى»نىڭ قولىدىن نېمرۇد خارابىسىنى قايتۇرۇۋالغىنىغا ئۈچ يىلغا يېقىن ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، خارابە ئىچىدە يەنىلا سارغىيىپ كەتكەن ياۋا ئوت-چۆپلەر ۋە تىكەن-چاتقاللار بار، ئوردا دەرۋازىسى خارابىلىك ئىدى. قوغدىغۇچى «لاماسۇ» ھەيكىلى يوق بولدى، پەقەت بىر نەچچە يەردە شىنا يېزىقى ۋە قاپارتما نەقىشىنىڭ ۋەيران بولغان تاش تاختىسىلا قالغانىدى.

ئىشىك ئالدىدىكى بەش مېتىر ئېگىزلىكتىكى قاناتلىق ئىلاھنىڭ قاپارتما نەقىشلىق ھەيكىلىلا بۇ قېتىمقى بالايىئاپەتتىن ئامان قالغان بىردىنبىر ئاسسۇرىيە سەنئەت بۇيۇمى ئىدى. ئىلاھ ھەيكىلىنىڭ ئەگرى بۇرۇتى، قانىتىدىكى پەي سىزىقچىلىرى، بېغىشىدىكى سىزىقچىلار يەنىلا تىرىكتەك كۆرنەتتى. سائاد: بۇ قارىغاي مېۋىسى كۆتۈرۈۋالغان «قاناتلىق پەرىشتە » بولۇپ، قوغداش ۋە بايلىققا سىمۋول قىلىنغان، دېدى.

نىمرۇد خارابىسى ئېغىر ئاپەتكە ئۇچرىغاندىن كېيىن، سائاد باھالاش دوكلاتىنى يېزىشقا قاتناشقان. سائاد: دوكلاتتا نېمرۇدنىڭ % 90 خارابىسى ۋەيران قىلىندى، دەپ ئېنىق كۆرسىتىلدى.

1949-يىلدىن باشلاپ، ئەنگلىيە بىلەن ئىراق نىمرۇد خارابىسىدە ئون نەچچە يىل بىرلەشمە تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇردى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، ئۇرۇش مالىمانچىلىقى ۋە توقۇنۇشقا پېتىپ قالغان ئىراق ھۆكۈمىتى خارابىلىكنى ئۈنۈملۈك قازمىدى ۋە قوغدىيالمىدى. سائاد: نېمرۇد خارابىلىكىنىڭ ھازىر قېزىلغان كۆلىمى پۈتكۈل خارابىلىكنىڭ % 30 ىنى ئىگىلەيدۇ، دېدى.

2016-يىلى 11-ئايدا ئىراق ئارمىيەسى نىمرۇد خارابىسى ۋە ئەتراپتىكى رايونلارنى قايتۇرۇۋالدى، ئەمما خارابىلىكنى قايتا قۇرۇش ۋە قوغداش خىزمىتىدە تېزدىن ئۆزگىرىش بولمىدى، قايتا قۇرۇش خىزمىتى غايەت زور خىرىس ۋە بېسىمغا دۇچ كەلدى .

ئوردا،ب ۇتخانا ئۆتمۈشكە ئايلاندى، ھازىر نېمرۇد خارابىسىنىڭ سىرتىدىكى ئانچە يىراق بولمىغان جايدا سەلەمىيە ئورۇنلاشتۇرۇش لاگېرى بار، ئاپپاق چېدىردا مىڭلىغان خەلق يەنىلا ئۆي ماكانسىز تۈرماقتا، بالايى-ئاپەتلەرنى باشتىن كەچۈرگەن، پارچە-پارچە بولۇپ كەتكەن قوغدىغۇچى ئىلاھ «لاماسۇ»نىڭ يىغلاۋاتقان-يىغىلاۋاتمايۋاتقانلىقىنى بىلگىلى بولمايدۇ.