چاۋشيەنلىك ئەربابلار ۋە چاۋشيەندىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى، شۇ يەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىنى قىزغىن مۇزاكىرە قىلدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-20 16:43

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ چاۋشيەن دېموكىراتىك خەلق جۇمھۇرىيىتىدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ھارپىسىدا، تۈنۈگۈن چاۋشيەن «ئەمگەك خەۋەرلىرى»قاتارلىق ئاساسلىق تاراتقۇلاردا «جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىپ، دەۋرنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق يېزىپ چىقايلى»دېگەن تېمىدا ئىمزالىق ماقالە ئېلان قىلدى.

ماقالە چاۋشيەنلىك ئەربابلار ۋە چاۋشيەندىكى جۇڭگو چياۋمىنلىرى، شۇ يەردە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى، ئۇلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشىنى، جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇقىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى داۋاملىق يېزىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردە يېڭى تەرەققىياتقا ئېرىشىشىگە تۈرتكە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

پايتەخت پيوڭياڭ زەپەر دەرۋازىسى ئەتراپىدىكى بىر گېزىت كۆزنىكى ئالدىدا، نۇرغۇن يەرلىك ئامما شۇ كۈندىكى «ئەمگەك خەۋەرلىرى»نى ئوقۇۋاتقاندا، نۇرغۇن كىشىلەر نەزىرىنى گېزىتنىڭ باش بېتىدە ئېلان قىلىنغان باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىگە قارىتىپ، ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقتى .

68 ياشلىق جىن داشيەن ئەپەندى پېنسىيىگە چىقىشتىن بۇرۇن پيوڭياڭدىكى داڭلىق ۋەنشوۋتەي ئىجادىيەت جەمئىيىتىنىڭ رەسسامى ئىدى، ئۇ مۇنداق دەيدۇ: مېنىڭ جۇڭگوغا چوڭقۇر مۇھەببىتىم بار. مەن باش شۇجى شى جىنپىڭ ماقالىسىدە تىلغا ئالغان ئىككى دۆلەتنىڭ پېشقەدەم رەھبەرلىرىنىڭ ئورتاق غايە-ئېتىقادى ۋە چوڭقۇر ئىنقىلابىي دوستلۇقىنى قوللاش، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەنئەنىۋى دوستلۇقىنى بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى سۆزلىرىنى ناھايىتى قۇۋۋەتلەيمەن. مەن چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇش كېرەكلىكىگە قەتئىي ئىشىنىمەن. ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بۇ قېتىمقى زىيارەتنىڭ تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن، يولداش شى جىنپىڭنىڭ دۆلىتىمىزگە زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى سەمىمىي ھەم قىزغىن قارشى ئالىمەن.

91 ياشلىق لى دۇڭسەن ئەپەندى مۇخبىرنىڭ جۇڭگودىن كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ، ناھايىتى خۇشال بولدى. ئەينى يىللاردىكى چاۋشيەن ئۇرۇشىغا قاتناشقان بۇ پېشقەدەم ئەسكەرنىڭ جۇڭگو خەلق پىدائىيلار ئارمىيەسى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلغان كەچۈرمىشلىرى ھېلىمۇ ئېسىمدە. لى دۇڭسەن: قان تۆكۈلۈش بەدىلىگە قولغا كەلگەن چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقى مەڭگۈ ئۆچمەيدۇ، دەپ قايتا-قايتا تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ چاۋشيەندە زىيارەتتە بولىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ ئىنتايىن ھاياجانلاندىم. . . چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇقى مەڭگۈ ياشنىسۇن!

53 ياشلىق جىن تيېلەن شۇ جايدىكى نەشرىياتچىلىق ئىدارىسىنىڭ خىزمەتچىسى، ئۇ گېزىت كۆزنىكى يېنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىنى ئەستايىدىل ئوقۇدى. جىن تيېلەن مۇنداق دېدى: مەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم، بۇ قېتىمقى زىيارەت ئارقىلىق چاۋشيەن-جۇڭگو دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى تارىخىي سەھىپىسىنىڭ ئېچىلىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. مەنمۇ بۇنىڭدىن كېيىن ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردە دوستانە ھەمكارلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

چاۋشيەن جۇڭگو چياۋمىنلىرى بىرلەشمىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى سەي تيېجۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: «دوستلار ئىزدەشكەنسېرى تېخىمۇ يېقىن بولىدۇ، قوشنىلار باردى-كەلدى قىلغانسېرى تېخىمۇ ئىناق بولىدۇ»، جۇڭگو پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى ئەزەلدىن چاۋشيەن خەلقىنى يېقىن يولداش ۋە قېرىنداش دەپ قاراپ كەلدى، چاۋشيەندىكى چياۋمىن بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ھەتە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگىمەن. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىدىن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەھكەم مەيدانىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ، جۇڭگو چاۋشيەنلىك يولداشلار بىلەن بىرلىكتە ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، كەلگۈسىگە يۈزلىنىپ، جۇڭگو-چاۋشيەن مۇناسىۋىتىنىڭ يېڭى دەۋردە دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. مېنىڭچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى جۇڭگو-چاۋشيەن دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، رايون مۇقىملىقىنى قوغداشقا تۈرتكە بولىدۇ.

ھازىر پيۇڭياڭدىكى چەتئەل تىلى داشۆسىنىڭ خەنزۇ تىلى فاكۇلتېتىدا ئوقۇتۇش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان جۇڭگولۇق ئوقۇتقۇچى دەي ناشىن مۇنداق دەپ قارىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىككى دۆلەتنىڭ دوستلۇق مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى زور دەرىجىدە ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ جۇڭگو-چاۋشيەننىڭ مائارىپ ۋە مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش جەھەتتىكى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ يەنىمۇ تەرەققىي قىلىشىنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشكە تېخىمۇ ئىشەنچ ئاتا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

جۇڭگو تاشقى ئىقتىساد سودا داشۆسىدىن كەلگەن شۈ خاۋ ھازىر جىنخېڭجى پېداگوگىكا داشكسىدە ئوقۇيدۇ، ئۇ چاۋشيەن تىلى كەسپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ئىمزالىق ماقالىسىنى ئوقۇپ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. جۇڭگو بىلەن چاۋشيەننىڭ مۇناسىۋىتى قانچە ياخشى بولسا، كەلگۈسىدىكى ئىشلىرىممۇ شۇنچە ياخشى بولىدۇ.