ھىندىستان ئامېرىكىنىڭ 20 نەچچە خىل تاۋىرىدىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئالماقچى بولدى
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى     |تەھرىر:ئامانگۈل ھەبىبۇللا|     يوللانغان ۋاقىت: 2019-06-17 17:00

ھىندىستان سودا ۋە سانائەت مىنىستىرلىقى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى ھىندىستان ئامېرىكىنىڭ 20 نەچچە خىل تاۋىرىدىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئالىدۇ دېدى.

بۇ تارماقنىڭ باياناتچىسى تاراتقۇ مۇخبىرىغا، ھىندىستان باج ئىشلىرى ئىدارىسى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى كەچ ياكى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشقا چېتىلىدىغان ئامېرىكا تاۋارلىرىنىڭ تىزىملىكىنى ئېلان قىلىدۇ دېدى، ئۇ تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشنى يولغا قويۇشنىڭ ۋاقتىنى ئېلان قىلمىدى.

رېيتىر ئاگېنتلىقى 6-ئاينىڭ 14-كۈنى سەل بۇرۇن ئىككى خەۋەردار ئەربابنىڭ خەۋىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ھىندىستان ھۆكۈمىتى كېلەر ھەپتىدىن تارتىپ ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم تاۋارلىرىدىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئالماقچى، بۇلار ئۆرۈك مېغىزى، ياڭاق، ئالما قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ دېدى.

بۇنىڭ ئىچىدىكى ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر خەۋەردار ئەرباب ھىندىستان كۆپەيتىپ ئالىدىغان تاموژنا بېجى ئامېرىكىنىڭ تەخمىنەن 220 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق تاۋىرىغا قارىتىلىدۇ دېدى.

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بۇلتۇر ھىندىستاننىڭ پولات-ئاليۇمېن مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىپ، نىشاننى ھىندىستاننىڭ تەخمىنەن 241 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق تاۋىرىغا قاراتتى. ھىندىستان ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 6-ئايدا، ئامېرىكىنىڭ بىر قىسىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ۋە پولات-تۆمۈر مەھسۇلاتلىرىدىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىشنى قارار قىلدى. ئەمما، ھىندىستان ئارقىدىن تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئېلىش ۋاقتىنى كۆپ قېتىم كېچىكتۈردى.

بۇندىن باشقا، ئامېرىكا 6-ئاينىڭ 5-كۈنى ھىندىستانغا قاراتقان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تۈزۈمى مۇئامىلىسىنى بىكار قىلىپ، بۇنىڭغا ھىندىستان «ئامېرىكىنى ئادىل، مۇۋاپىق بازار ئىجازىتى شەرتى بىلەن تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلالمىدى» دەپ سەۋەب كۆرسەتتى. ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، 2017-يىلى، ھىندىستان ئامېرىكىغا ئېكىسپورت قىلغان تەخمىنەن بەش مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىلىق تاۋار ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تۈزۈمى مۇئامىلىسىگە ئېرىشكەن.

ھىندىستان ئامېرىكىنىڭ ھىندىستانغا قاراتقان ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تۈزۈمى مۇئامىلىسىنى بىكار قىلغانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىپ، بۇنداق ئىش ئاخىرىدا دۆلەتنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ دېدى.

ھىندىستان-ئامېرىكىنىڭ ئۆرۈك مېغىزىنى ئەڭ كۆپ ئىمپورت قىلىدىغان دۆلەت. ئامېرىكا يېزا ئىگىلىك مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدىن ئايان بولۇشىچە، ئامېرىكا 2018-يىلى ئېكىسپورت قىلغان ئۆرۈك مېغىزىنىڭ يېرىمىدىن ئارتۇقىنى ھىندىستانغا ساتقان، سودا سوممىسى تەخمىنەن 543 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان. ھىندىستان شۇنىڭ بىلەن بىللە ئامېرىكا ئالمىسىنىڭ 2-چوڭ خېرىدارى بولۇپ، 2018-يىللىق سودا سوممىسى تەخمىنەن 156 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولغان.

ھىندىستان بىلەن ئامېرىكىنىڭ 2018-يىللىق ئىككى تەرەپلىك سودا سوممىسى تەخمىنەن 142 مىليارت 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى پومپىئو ئۆتكەن ھەپتە تاراتقۇ مۇخبىرلىرىغا ئامېرىكا سودا سۈركۈلىشىدە ھىندىستان بىلەن سۆزلىشىشنى خالايدۇ دېدى.

نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ خەۋېرىگە قارىغاندا، پومپىئو مۇشۇ ئايدا ھىندىستاندا زىيارەتتە بولىدىكەن، زىيارەت ۋاختى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى دونالد ترامپ بىلەن ھىندىستان زۇڭلىسى نارىندىرا مۇدى 6-ئاينىڭ 28-ۋە 29-كۈنلىرى ياپونىيەدە 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەر رەھبەرلىرى يىغىنىغا قاتنىشىشنىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان، ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى ھازىرغىچە پومپىئونىڭ زىيارەتتە بولۇش بولماسلىقى ۋە زىيارەتنىڭ كونكىرت ۋاقىتنى رەسمىي جاكارلىمىدى.

ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان ئامېرىكىنىڭ بەزى ئەمەلدارلىرى بۇندىن بۇرۇن تاراتقۇلار ئارقىلىق سۆز قىلىپ: ئامېرىكا ھىندىستانغا ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق تۈزىمى مۇئامىلىسىدە بولۇشنى ئويلىشىپ بېقىشى مۇمكىن، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى ئىككى تەرەپ سىياسەت جەھەتتىكى ئىختىلاپلىرىنى تۈگۈتىش جۈملىدىن سانلىق مەلۇماتلارنى يەرلىكلەشتۈرۈش ۋە ئېلېكتىرونلۇق سودا سىياسىتىنىڭ خەلقئارا مەبلەغ سېلىشقا بولغان چەكلىمىسىنى بىكار قىلىش ئىكەن.

ھىندىستان بۇ يىل 2-ئايدا كۈچكە ئىگە بولغان بىر ئېلېكتىرونلۇق سودا يېڭى تەدبىرى بەلگىلىمىسىدە، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۈپىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئەمەلىي گەۋدىلەرنىڭ بۇ تۈردىكى سۈپىلاردا تاۋار سېتىشى چەكلەنگەن، بۇ- ئامېرىكا ۋولمارت ۋە ئامازون شىركىتى مەبلەغ سالغان ھىندىستاندىكى ئەڭ چوڭ ئېلېكتىرونلۇق سودا كارخانىسى فىلىبكارتېرنىڭ ۋولمارت ۋە ئامازوننىڭ تاۋارلىرىنى ساتالمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ھىندىستان بۇلۇت سانلىق مەلۇماتلىرىنى ساقلاشنى يەرلىكلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ماستېركارد ۋە ۋىسا قاتارلىق ئىناۋەتلىك كارتا تارقىتىش كارخانىلىرى، ئېنتېرنېت ماگناتلىرىدىن ھىندىستانغا چېتىلىدىغان سانلىق مەلۇماتلارنى ھىندىستان تەۋەسىدە ساقلاشنى تەلەپ قىلدى.