19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنى 10-ئايدا ئېچىلىدۇ
0
2019-08-31 12:09:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىلھام مامۇت

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى يىغىن ئېچىپ، جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى 8-ئاينىڭ 30-كۈنى يىغىن ئېچىپ، بۇ يىل 10-ئايدا بېيجىڭدا جۇڭگو كومپارتىيەسى 19-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 4-ئومۇمىي يىغىنىنى ئېچىشنى قارار قىلدى، يىغىننىڭ ئاساسلىق قارالمىسى: جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى مەركىزىي كومىتېتقا خىزمەت دوكلاتى بېرىش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە دائىر بىر قانچە زور مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلىش. يىغىندا «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچى قائىدە-نىزاملىرىنى تۈزۈش نىزامى»، «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچى قائىدە-نىزاملىرى ۋە قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش بەلگىلىمىسى»، «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچى قائىدە-نىزاملىرىنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى)»غا قاراپ چىقىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى شى جىنپىڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: جۇڭگو كومپارتىيەسى قۇرۇلغاندىن بۇيان، خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، ماركسىزملىق ئاساسىي قائىدىلەرنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى ھەمدە ئىچكى-تاشقى جەھەتتىكى ئىجابىي ۋە سەلبىي تەجرىبىلەرنى چوڭقۇر يەكۈنلەپ، ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ ۋە ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، سوتسىيالىستىك تۈزۈمنى ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە رەھبەرلىكى ۋە ئىقتىساد، سىياسىي، مەدەنىيەت، ئىجتىمائىي، ئېكولوگىيە، مەدەنىيلىك، ھەربىي ئىشلار، تاشقى ئىشلار قاتارلىق جەھەتلەردىكى تۈزۈملەرنى شەكىللەندۈرۈپ ۋە راۋاجلاندۇرۇپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىشنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىنى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، سىياسىينىڭ مۇقىملىقى، ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشى، مەدەنىيەتنىڭ گۈللىنىشى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، جەمئىيەتنىڭ ئەمىنلىكى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 70 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز خەلققە رەھبەرلىك قىلىپ، دۇنيادا ئاز كۆرۈلىدىغان ئىقتىسادىي تەرەققىيات مۆجىزىسى ۋە سىياسىي مۇقىملىق مۆجىزىسىنى ياراتتى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورنىدىن دەس تۇرۇش، بېيىشتىن قۇدرەت تېپىشقىچە بولغان ئۇلۇغ ھالقىشنى كۈتۈۋالدى. ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى جۇڭگو زېمىنىدا يىلتىز تارتقان، چوڭقۇر جۇڭخۇا مەدەنىيىتى ئاساسىغا ئىگە، خەلقنىڭ كۈچلۈك ھىمايىسىگە ئېرىشكەن تۈزۈم ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، قۇدرەتلىك ھاياتىي كۈچكە ۋە غايەت زور ئەۋزەللىككە ئىگە تۈزۈم ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى، 1 مىليارد 400 مىليونغا يېقىن نوپۇسى بار چوڭ دۆلەتنىڭ ئالغا بېسىشى ۋە تەرەققىياتىنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈپ، 5000 يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيەت تارىخىغا ئىگە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ «ئىككى 100 يىللىق» كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئارقىلىق، ئۇلۇغ گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلالايدىغان تۈزۈم ۋە ئىدارە قىلىش سىستېمىسى.

يىغىندا مۇنداق دەپ ھېسابلاندى: بۈگۈنكى دۇنيا يۈز يىلدىن بۇيان كۆرۈلۈپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىشنى باشتىن كەچۈرمەكتە، دۆلىتىمىز جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىدە تۇرماقتا. دەۋر ئېقىمىغا ماسلىشىپ، ئېلىمىز جەمئىيىتىدىكى ئاساسىي زىددىيەتنىڭ ئۆزگىرىشىگە ماسلىشىپ، ئۇلۇغ كۈرەش، ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، ئۇلۇغ ئارزۇنى بىر تۇتاش ئىگىلەپ، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز قاندۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر ۋە خىرىسلارنى يېڭىپ، چوڭ-چوڭ مەسىلىلەر ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم تۈزۈمىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۆلەتنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، داۋاملىق جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: پارتىيە ئىچى قائىدە-نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتە، شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، توغرا سىياسىي يۆنىلىشتە، پارتىيە نىزامنامىسىنى تۈپ قوللانما قىلىشتا، دېموكراتىيەنى مەركەزلەشتۈرۈش تۈزۈمىنى ئىزچىللاشتۇرۇشتا، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ خىزمەت ئومۇمىيىتىگە مۇلازىمەت قىلىشتا، سىستېمىلىق ئىلگىرى سۈرۈشتە، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش بىلەن پارتىيەنى قائىدە-نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ ئورگانىك بىرلىكىدە چىڭ تۇرۇش كېرەك. «جۇڭگو كومپارتىيەسىنىڭ پارتىيە ئىچى قائىدە-نىزاملىرىنى تۈزۈش نىزامى» قاتارلىق پارتىيە ئىچى قائىدە-نىزاملىرىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش، تۈزۈش يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ئىچى قائىدە-نىزام، تۈزۈم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشتىكى مۇھىم تەدبىر بولۇپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى قائىدە-نىزام بويىچە ئىدارە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئەمەلىي نەتىجىلىرى، نەزەرىيە نەتىجىلىرى، تۈزۈم نەتىجىلىرىنى نامايان قىلدى.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: پارتىيە ئىچى قائىدە-نىزاملىرىنى تۈزۈش خىزمىتىدە يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «نىزام» غا ئەمەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى بىلەن پارتىيە قۇرۇلۇشىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى قائىدە-نىزام، تۈزۈملەرنى ماسلاشتۇرۇپ، تۆۋەن دەرىجىلىك قائىدە-نىزام، تۈزۈملەرنى يۇقىرى دەرىجىلىك قائىدە-نىزام، تۈزۈملەر بىلەن تۇتاشتۇرۇپ، ئەمەلىي، تەرتىپلىك، كاپالەتلىك قائىدە-نىزام، تۈزۈملەرنى ئۆز ئارا يۈرۈشلەشتۈرۈش كېرەك. يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «پارتىيە ئىچى قائىدە-نىزاملىرى ۋە قېلىپلاشقان ھۆججەتلەرنى ئەنگە ئېلىپ تەكشۈرۈش بەلگىلىمىسى» نى ئەستايىدىل ئىجرا قىلىپ، تۈزۈلگەنلىرىنى جەزمەن ئەنگە ئىلىش، ئەنگە ئېلىنغانلىرىنى جەزمەن تەكشۈرۈش، خاتالىق بولسا جەزمەن تۈزىتىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە ئىچى قائىدە-نىزاملىرى بىلەن پارتىيەنىڭ سىياسىتىنىڭ بىرلىكى ۋە نوپۇزىنى ھەقىقىي قوغداش كېرەك. پارتىيە ئىچى قائىدە-نىزاملىرىنى ئىجرا قىلىش مەسئۇلىيەت تۈزۈمى بەلگىلىمىسى (سىناق نۇسخىسى) نى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى ۋە پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار پارتىيە ئىچى قائىدە-نىزاملىرىنى ئىجرا قىلىشتىكى سىياسىي مەسئۇلىيەتنى ھەقىقىي ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك.

22222222222.jpg
1124939039_1567091943199_title0h.jpg
F201908281647081456700574.jpg