خەلق تۇرمۇشىنىڭ «تۆۋەن چېكى» ھەقىقىي پۇختىلاندى
0
2019-08-28 10:44:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئەڭ زور خەلق تۇرمۇشى. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسى ۋە ئاكتىپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش سىياسىتىدە چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك ۋە تېخىمۇ تولۇق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش كېرەك. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جايلار خەلق ئاممىسىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى تېخىمۇ گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، «ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش» ھەرىكىتىنى پائال قانات يايدۇردى. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە يار-يۆلەك بولۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىش ئورنىنى كۆپ خىل يوللار بىلەن يارىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بوشلۇقىنى پائال كېڭەيتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىنى ھەقىقىي مۇستەھكەملىدى.

ئەنخۇي مالىيە سودا كەسپىي شۆيۈەنىنىڭ كۆپ ئىقتىدارلىق زالىدا، ئالاھىدە بولغان سىياسەت يېتەكچىلىك مەخسۇس تېما لېكسىيەسى ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى، مەيداندىكى ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا، پۈتۈن ئۆلكىدىكى 150 مىڭغا يېقىن مەيدان سىرتىدىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى توردا بىۋاسىتە تارقىتىش ئارقىلىق، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يېتەكچىلىكىدىن تەڭ بەھرىمەن بولدى. ئەنخۇي ئۆلكىلىك ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋۇ چۇەنخۇا تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، 70 نەچچە مەيدان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى نەق مەيدان يېتەكچىلىك پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، خىزمەت ئىزدەش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشىگە ياردەم بەردۇق. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش مۇتەخەسسىسلىرى كارخانا، ئاممىۋى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت ئاپپاراتى ياكى ئالىي مەكتەپلەردىن كەلگەن بولۇپ، مەكتەپ ئىچى ۋە سىرتىدىكى تۈرلۈك ئەھۋاللارنى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا تونۇشتۇرۇپ، ئۇلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنى ئىگىلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش لېكسىيەسى جايلار ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا چىقارغان كۆپ خىل ياردەم بېرىش تەدبىرلىرىنىڭ بىرى. بۇ يىل ئېلىمىزدە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەرنىڭ سانى يەنە بىر قېتىم يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى يارىتىپ، 8 مىليون 340 مىڭغا يەتتى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئەمما تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن، جايلاردىن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئارزۇسى بار، مەكتەپ پۈتتۈرۈپ تېخى ئىشقا ئورۇنلاشمىغانلارنى ئىشقا ئورۇنلىشىشقا ياردەم بېرىش دائىرىسىگە ئومۇميۈزلۈك كىرگۈزۈپ، ئاساسىي قاتلاملاردا ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى كېڭەيتىپ، كارخانىلار ئىشقا قوبۇل قىلىش، جانلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ يىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بىز ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش يۈرۈشلۈك ئوچۇق دەرسلىكىنى توردا داۋاملىق ئاچىمىز، توردا يېتەكچىلىك قىلىپ مەسلىھەت بېرىشنى تەڭ قەدەمدە تەسىس قىلىپ، كەسپىي كۈچلەرنى ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارغا ئىشقا ئورۇنلىشىش سىياسىتى، خىزمەت ئىزدەش ئۇسۇلى، ئىشقا ئورۇنلىشىش رەسمىيىتى قاتارلىق جەھەتلەردە يېتەكچىلىك قىلىشقا تەشكىللەپ، ئۇلارنىڭ خىزمەت ئىزدەش داۋامىدا يولۇققان قىيىنچىلىقى ۋە مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىمىز. جاڭ يىڭ مۇنۇلارنى ئاشكارىلىدى: ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بۇ يىل 9-ئايدىن 11-ئايغىچە چوڭ ئوتتۇرا شەھەرلەردە بىرلىشىپ خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش كۈزلۈك مەخسۇس مەيدان پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، تور ئىچى ۋە سىرتىدا، رايون ھالقىپ سەييارە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىشقا تەشكىللەپ، ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى مۇلازىمەت كاپالىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.

جايلار ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا يەنە دېھقان ئىشلەمچىلەر، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا ياردەم بېرىش خىزمىتىنىمۇ سىجىل قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ. بۇ يىل 5-ئايدا، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «كەسپىي ماھارەت ئۆستۈرۈشنىڭ 2019-يىلىدىن 2021-يىلغىچە بولغان ھەرىكەت لايىھەسى» نى تارقاتتى. نۇرغۇن جايلار يولغا قويۇش لايىھەسىنى داۋاملىق تۈزۈپ چىقماقتا. ماھارىتى يوق ئەمگەكچىلەرگە بىرەر ماھارەت ئۆگىتىش، ماھارىتى يېتەرلىك بولمىغان ئەمگەكچىلەرنى ماھارىتىنى ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش-ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، قۇرۇلمىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش زىددىيىتىنى ھەل قىلىشنىڭ مۇھىم تەدبىرى. ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى كەسپىي ئىقتىدار قۇرۇلۇشى مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى جاڭ لىشىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۈچ يىل ئىچىدە ئېلىمىز قانات يايدۇرىدىغان تۈرلۈك تولۇقلىما تىپىدىكى كەسپىي ماھارەت تەربىيەسىدە 50 مىليون ئادەم قېتىم تەربىيەلىنىدۇ.

ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىم بولۇشى ئىقتىسادنىڭ سىجىل تەرەققىي قىلىشىدىن ئايرىلالمايدۇ. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى ۋە يار-يۆلەك بولۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، جايلار يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش، مۇلازىمەتچىلىكنى ئاكتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش تەدبىرلىرى ئارقىلىق، ئىش ئورنىنى كۆپ خىل يوللار بىلەن يارىتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بوشلۇقىنى پائال كېڭەيتمەكتە.

كەچقۇرۇن، نەنچاڭ شەھىرى ۋەنلى رايونى مېيلىن تاغ قاپتىلىغا جايلاشقان تەيپىڭ بازىرى ئىسسىقتىن ساقلىنىش ئۈچۈن يىغىلغان ئادەملەر بىلەن قىزىپ كەتتى. جىن جيەنجۈن بۇ يەردىكى توردا مودا بولغان بىر ئاشخانىنىڭ مەسئۇلى، ئۇ يېڭىدىن ئىشقا چىققان خىزمەتچىلەرگە مۇلازىمەتتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك ئىشلارنى تاپىلاۋاتاتتى. ئۇ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: ۋەنلى رايونىنىڭ يېزا كەنت ساياھىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە، ھازىر مېيلىندا توققۇز تىجارەت ئورنى تەسىس قىلدىم، ئۇ ئائىلىۋى مېھمانخانا، ئاشخانا، كىيىم-كېچەك، كىتابخانا قاتارلىق كۆپ خىل كەسىپنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، بازىرىمىزدىكى 40 نەچچە ئادەمنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدىم.

ۋەنلى رايونى ساياھەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى چيەن يۈ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نەنچاڭ شەھىرى ۋەنلى رايونى ئەسلىدە بار بولغان ياخشى ئېكولوگىيە بايلىقىغا بىرلەشتۈرۈپ، يېزا، كەنت ساياھىتىدىن ئىبارەت مۇنبەت تۇپراقنى چوڭقۇر قېزىپ، «ئېكولوگىيە ساياھىتى»، «يېزا، كەنت ساياھىتى» قاتارلىق ساياھەت ماركىلىرىنى كۈچەپ يېتىلدۈردى. يېزا،كەنت ساياھىتى بۇ جاينىڭ تۈۋرۈك كەسپىگە ئايلىنىپ، ئون مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

«ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش» سىياسەت تەدبىرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، يېڭى ئىش ئورنى، يېڭى ھالەت، يېڭى قۇۋۋەت يەنىمۇ زورايدى، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوشۇرۇن كۈچى داۋاملىق ئۇرغۇتۇلدى. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىغا قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئېلىمىزنىڭ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ۋەزىيىتى ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولغان، شەھەر بازارلاردا تەكشۈرۈلگەن ئىشسىزلىق نىسبىتى تەخمىنەن %5 سەۋىيەدە مۇقىملاشتۇرۇلغان؛ بۇ يىل 1-ئايدىن 7-ئايغىچە مەملىكەت بويىچە شەھەر بازارلاردا يېڭىدىن ئىشقا ئورۇنلاشقانلار 8 مىليون 670 مىڭغا يېتىپ، پۈتۈن يىللىق پىلاننىڭ %79 ى ئورۇندالغان. جۇڭگو ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت پەن-تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى مو رۇڭ مۇنداق دېدى: ئالدىنقى يېرىم يىلدا، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن مۇلازىمەتچىلىك، يۇقىرى تېخنىكا مۇلازىمەتچىلىكى ۋە پەن-تېخنىكا مۇلازىمەتچىلىكىنىڭ تىجارەت كىرىمى %12 تىن كۆپرەك ئاشتى. تۈرلۈك بازار سۇبيېكتىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئىگىلىك تىكلەش بىرىكمە كۈچى بەس-بەستە نامايەن بولۇپ، نۇرغۇن يېڭى ئىش ئورنى ۋە يېڭى كەسىپ يارىتىلدى.

企业微信截图_15667245174513.png