مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنى ئېچىلدى
0
2019-08-27 19:02:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :گۈزەلنۇر روزى

شى جىنپىڭ مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىدا ئۈستۈنلۈكلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشتەك رايون ئىقتىسادى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ ئاساسىي ئىقتىدارى ۋە كەسىپ زەنجىرى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى تەكىتلىدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 5-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئۈستۈنلۈكلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشتەك رايون ئىقتىسادى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش مەسىلىسى، كەسىپ ئاساسىي ئىقتىدارى ۋە كەسىپ زەنجىرى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسى تەتقىق قىلىندى. شى جىنپىڭ يىغىندا مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: رايونلارنىڭ شارائىتىغا ئاساسەن، مۇۋاپىق ئىش تەقسىملەش، ئەلالاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇش يولىدا مېڭىپ، ئاساسىي گەۋدە ئىقتىدار رايونى ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بوشلۇقنى تۈزەشنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئەۋزەللىكلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىدىغان رايون ئىقتىسادىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش تۈزۈم ئەۋزەللىكى ۋە كەڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ ئاساسىنى ئەلالاشتۇرۇش، كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى، مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزاسى خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى، شاڭخەي شەھىرى، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، لياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكلىرى ئارقىلىق بىر-بىرىنى تولۇقلاپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىي قىلىشتەك رايون ئىقتىسادى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش مەسىلىسىگە ئائىت دوكلاتى، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى، جۇڭگو قۇرۇلۇش ئاكادېمىيەسىنىڭ كەسىپ ئاساسى ئىقتىدارى ۋە كەسىپ زەنجىرى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش مەسىلىسى توغرىسىدىكى دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: نۆۋەتتە دۆلىتىمىزنىڭ رايون تەرەققىيات ۋەزىيىتى ياخشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بوشلۇق قۇرۇلمىسىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولماقتا، مەركىزىي شەھەرلەر ۋە شەھەرلەر توپى تەرەققىي قىلىش مۇھىم ئامىلىنى ئۈستىگە ئالىدىغان ئاساسلىق بوشلۇقنى شەكىللەندۈرمەكتە. يېڭى ۋەزىيەتتە رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە ئوبيېكتىپ ئىقتىسادىي قانۇنىيەت بويىچە، رايون سىياسىتى سىستېمىسىنى تەڭشەپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايونلارنىڭ سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، تۈرلۈك ئامىللارنىڭ مۇۋاپىق يۆتكىلىشى ۋە يۇقىرى ئۈنۈملۈك توپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچىنى ئاشۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، مەركىزىي شەھەرلەر ۋە شەھەرلەر توپى قاتارلىق ئىقتىسادىي تەرەققىياتتا ئۈستۈنلۈكى بار رايونلارنىڭ ئىقتىساد ۋە نوپۇسقا بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى، باشقا رايونلارنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى، ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكى، چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. خەلق تۇرمۇشىنىڭ تۆۋەن چېكىگە كاپالەتلىك قىلىپ، ئاساسىي ئاممىۋى مۇلازىمەتنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات داۋامىدا تەڭپۇڭلۇقنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن، ئېچىۋېتىلگەن، تەرتىپلىك رىقابەتلىشىدىغان تاۋار ۋە مۇھىم ئامىل بازىرىنى شەكىللەندۈرۈپ، بازارنى بايلىق تەقسىملەشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينايدىغان قىلىپ، بازارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رايون ھەمكارلىقى مېخانىزمىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. ئۆلكە دەرىجىلىك بىرتۇتاش پىلانلاش ئاساسىدا، كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسىنى مەملىكەت بويىچە بىرتۇتاش پىلانلاش سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، مەملىكەت مىقياسىدا تۈزۈمنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ۋە رايونلار ئارا ئۆزئارا ياردەم بېرىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يەر باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئىسلاھ قىلىپ، يەر باشقۇرۇشنىڭ جانلىقلىقىنى كۈچەيتىپ، ئەۋزەل رايونلارنى تېخىمۇ زور تەرەققىيات بوشلۇقىغا ئىگە قىلىش كېرەك. ئېنېرگىيە ئىستېمالىنىڭ ئومۇمىي مىقدارى ۋە كۈچلۈك قوش كونترول قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئورنىتىپ، رايونلار ئارا مەنپەئەت تولۇقلىمىسى مېخانىزمى ۋە ئېكولوگىيە تولۇقلىمىسى مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك. مالىيەدىن يۆتكەپ چىقىم قىلىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق ئېكولوگىيە ئىقتىدار رايونلىرى، ئاساسلىق يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى رايونلىرى، قىيىنچىلىقى بار رايونلارغا ئۈنۈملۈك يۆتكەپ چىقىم قىلىش مۇلازىمىتى قىلىش كېرەك. شەرقىي شىمال رايونى ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەڭشەپ، كەسىپلەرنىڭ كۆپ مەنبەلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى تېزلىتىپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشنىڭ يېڭى ئالدىنقى سېپىنى بەرپا قىلىپ، ھۆكۈمەت فۇنكسىيەسىدە تېزدىن بۇرۇلۇش ياساپ، كارخانىچىلار روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، كادىرلارنى ئىجابىي رىغبەتلەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، روشەن ئادەم ئىشلىتىش يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، ئومۇميۈزلۈك گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: دۆلىتىمىزنىڭ ياسىمىچىلىق كۆلىمى يەر شارىدا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ، دۇنيادىكى بارلىق سانائەت تۈرىگە ئىگە بىردىنبىر دۆلەت. كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىش تۈزۈم ئەۋزەللىكى ۋە كەڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، كەسىپ ئاساسى ئىقتىدارىنى پۇختىلاشنى ئاساس قىلىپ، مۇستەقىل كونترول قىلالايدىغان، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشنى نىشان قىلىپ، كارخانا ۋە كارخانىچىلارنى سۇبيېكت قىلىپ، سىياسەتنى ماسلاشتۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىپ، ئەمەلىي قوللىنىپ يېتەكلەش، مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھۆكۈمەت يېتەكلەش بىلەن بازار مېخانىزمىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مۇستەقىل ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش ۋە ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش ئۆزئارا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، كەسىپ ئاساسىنى ئەلالاشتۇرۇش، كەسىپ زەنجىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: كەسىپ ئاساسىنى قايتا بەرپا قىلىش قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەنى ياخشى تۈزۈپ، قۇرۇلۇشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈرگە ئايرىپ تەشكىللەپ يولغا قويۇپ، ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئىستراتېگىيەلىك ۋە ئومۇمىي كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، «مۇستەھكەملەش، كۈچەيتىش، ئۆستۈرۈش، راۋانلاشتۇرۇش» فاڭجېنىنى چۆرىدەپ، بىرلەمچى، ئىككىلەمچى كارخانىلارنىڭ كەسىپ ھەمكارلىقى ۋە تېخنىكا ھەمكارلىقى ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشىنى قوللاپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئېلاستىكلىقىنى ئاشۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرى سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئېچىۋېتىش، ھەمكارلىشىش داۋامىدا تېخىمۇ كۈچلۈك يېڭىلىق يارىتىش كۈچى، تېخىمۇ يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. ئورتاق تېخنىكا سۇپىسى بەرپا قىلىپ، كەسىپ، ساھە ھالقىغان ئاچقۇچلۇق ئورتاق تېخنىكا مەسىلىسىنى ھەل قىلىش كېرەك. كارخانىچىلار روھى ۋە ھۈنەرۋەن روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، بىر تۈركۈم «مەخسۇس، خىل، ئالاھىدە، يېڭى» ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش كېرەك.

مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

企业微信截图_15667245174513.png