جايلار ئېغىر مېيىپلارغا دەل جايىدا ياردەم بەرمەكتە
0
2019-08-26 18:47:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش 500 كۈنلۈك تەتۈر ساناق مەزگىلىگە كىردى. بۇلتۇرنىڭ ئاخىرىغىچە، نامرات مېيىپلاردىن جەمئىي بەش مىليون 118 مىڭ ئادەم نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇلۇپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنىڭ %75 تىن ئارتۇقى ئورۇنلاندى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 2020-يىلى ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ بولۇشتا، مېيىپلاردىن بىرسىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ دەپ كۆرسەتتى. باش شۇجى شى جىنپىڭ ھەر دەرىجىلىك پارتكوم، ھۆكۈمەتلەردىن نامرات مېيىپلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسى قىلىپ، مېيىپلار قاتارلىق ئالاھىدە ئاممىغا ئالاھىدە ياردەم بېرىش سىياسىتى قوللىنىش؛ كېسەل بولغاندا داۋالىنىش، مېيىپلارغا ياردەم بېرىش، ئاجىزلارنى يۆلەش، تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلدى. باش شۇجىنىڭ يوليورۇقىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، مالىيە مىنىستىرلىقى، دۆلەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى، گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى، جۇڭگو مېيىپلار بىرلەشمىسى قاتارلىق بەش تارماق يېقىندا «نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىدە، نامرات ئېغىر مېيىپلارنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش، مۇلازىمەت قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى بىرلىكتە چىقىرىپ، نامرات ئېغىر مېيىپلارنىڭ نامراتلىقتىن دەل قۇتۇلۇشىغا ياردەم بەردى.

«پۇل ۋە نەرسە-كېرەك بېرىشتىن مۇلازىمەت قىلغان ياخشى» دېگەن قاراش-نامرات ئېغىر مېيىپلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، قىيىنچىلىقىنى تۈگىتىشتىكى ئەڭ چوڭ ئارزۇسى. ئېلىمىزدىكى بىر مىليون 698 مىڭ نامرات مېيىپ ئىچىدە، ئېغىر مېيىپتىن 955 مىڭى بار. بۇ قىسىم ئامما تۆۋەن كاپالەتتىن بەھرىمەن بولغاندىن كېيىن، ئۇلارنىڭ ئومۇمىي مەنىدىكى كىيىنىش، تويۇنۇش مەسىلىسى ھەل قىلىندى، ئەمما يەنىلا قارىغۇچىسى يوق بولۇشتىن ئىبارەت قىيىن مەسىلە مەۋجۇت. گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ نازارەت مەخسۇس خادىمى خەيبو سىياسەتنى تۈرگە بۆلۈپ يولغا قويۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچكە كاپالەتلىك قىلىش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق ھەل قىلىش كېرەك دېدى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ نامرات مېيىپلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشى ۋە نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش مەسىلىسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. 19-نۆۋەتلىك جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگولۇق ۋە چەتئەللىك مۇخبىرلار بىلەن كۆرۈشكەندە، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2020-يىلى، بىز ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەتنى قۇرۇپ بولىمىز. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا، بىرسىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ؛ ئورتاق بېيىش يولىدا، بىرسىنىمۇ سەپتىن چۈشۈرۈپ قويۇشقا بولمايدۇ. بىز پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۈچىنى مۇجەسسەملەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىنى قەتئىي ئورۇنلاپ، ۋەدىمىزنى نەقلەشتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىمىز.

باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنە «مېيىپلار-ئالاھىدە قىيىنچىلىقى بار ئامما، ئۇلار ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش، ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلىشقا موھتاج» دەپ كۆرسەتتى.

نۆۋەتتە، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ كارتا بېجىرىلگەن نامرات نوپۇس ئىچىدە، مېيىپلىك سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش نىسبىتى يەنىلا يۇقىرى، بۇلار نامراتلار ئىچىدىكى نامراتلار، بۇلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك. گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسى مۇنداق دېدى: نامرات ئېغىر مېيىپلارنىڭ ئائىلىلىرىنى ئالاھىدە قوللاش سىياسىتىنى كۈچەيتىپ، پەرۋىش ئىش ئورنىغا ئالدى بىلەن نامرات ئېغىر مېيىپلار ئائىلىلىرىدىكى ئەمگەكچىلەرنى تەكلىپ قىلىپ ئىشلىتىپ، نامراتلارنى يۆلەش سېخى، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئىش ئورنى قاتارلىقلاردا نامرات ئېغىر مېيىپلارنىڭ ئائىلىلىرىگە ئېتىبار بېرىش كېرەك.

كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىپ كېتىش، كېسەل سەۋەبىدىن قايتا نامراتلىشىپ كېتىش-نامرات ئېغىر مېيىپلارنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىغا تەسىر يەتكۈزۈپ كېلىۋاتقان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى. 2018-يىلىدىن بۇيان، ئېلىمىز قوزغىلىش نىسبىتى يۇقىرى، داۋالىنىش ھەققى يۈكى ئېغىر بولغان كېسەل تۈرلىرىنى مەخسۇس داۋالاپ قۇتقۇزىدىغان كېسەل تۈرلىرى دائىرىسىگە تەدرىجىي كىرگۈزدى. ھازىر داۋالاپ قۇتقۇزۇلىدىغان كېسەل تۈرلىرى 25 خىلغا كۆپىيىپ، داۋالاپ قۇتقۇزۇلغان ئادەم بىر مىليون 230 مىڭغا يەتتى. دۆلەتلىك سەھىيە ۋە ساغلاملىق كومىتېتى داۋالاش سىياسىتى، داۋالاشنى باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ رېۋىزىيە مەخسۇس خادىمى گو يەنخۇڭ ئېلىمىز تۈرلۈك ئەلنەپ تەدبىرلىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مېيىپلارنىڭ داۋالىنىش يۈكىنى يېنىكلەتمەكتە دېدى.

بەش تارماق يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: نامرات ئېغىر مېيىپلارنى مەركەزلىك ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى ياكى ئۇلارغا ئۆيىدە مۇلازىمەت قىلىش، كۈندۈزى خەۋەر ئېلىش، قوشنىلار ھەمدەمدە بولۇش قاتارلىق ئىجتىمائىيلاشقان ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. نامرات ئېغىر مېيىپلارنىڭ سانى كۆپ ۋە مۇلازىمەت ئېھتىياجى چوڭ جايلار يېزا-بازار قاتلىمىدىن ھازىرقى ياشانغانلارنى بېقىش ئورنى، بەخت ساناتورىيەسى، ياشانغانلار ساناتورىيەسى، ياشانغانلارنى ھاۋالە بىلەن بېقىش ئاپپاراتلىرى قاتارلىقلارنى بىرىكتۈرۈپ مەركەزلىك خەۋەر ئېلىش مۇلازىمىتى قىلسا بولىدۇ. مۇئاۋىن خەلق ئىشلىرى مىنىستىرى جەن چېڭفۇ ئىجتىمائىيلاشقان ھالىدىن خەۋەر ئېلىش مۇلازىمەت ئەندىزىسى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىش لازىم دېدى.

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشى 500 كۈنلۈك تەتۈر ساناق مەزگىلىگە كىردى، ئاخىرقى نۇقتىغا قانچە يېقىنلاشقانسېرى، بوشىشىپ قېلىشقا شۇنچە بولمايدۇ. جايلار، تارماقلار مەركەزلىك كۈچەپ، ئېغىر مېيىپلار قاتارلىق ئەڭ قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا دەل جايىدا ياردەم بېرىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش كۈرىشىنى ياخشى قىلماقتا. باش شۇجى شى جىنپىڭ نامرات رايونلاردىكى يۇرتداشلارنىڭ غېمىنى يەپ كەلدى، خۇددى ئۇ 2018-يىلى 10-ئايدا گۇاڭدۇڭدا خىزمەت تەكشۈرگەندە كۆرسەتكەندەك، ھاللىق سەۋىيەگە يېتىشتە بىرسىمۇ كەم بولسا بولمايدۇ! بىز نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرغاندىن كېيىن يەنە بېيىتىشىمىز، يەنە زامانىۋىلاشقان يولدا مېڭىشىمىز كېرەك. بىز ھازىر مۇشۇنداق يولدا مېڭىۋاتىمىز. جۇڭگو كومپارتىيەسى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان پارتىيە، بۇ-بىزنىڭ باش مەقسىتىمىز. بىز جان-دىل بىلەن بۇ خىزمەتنى ياخشى ئىشلەپ، پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلساقلا، چوقۇم خەلقنىڭ تۇرمۇشىنى بارغانسېرى بەختلىك قىلالايمىز.

1124904842_15663984109661n.jpg
1124904627_15663922135811n.jpg
1124900043_15663094430311n.jpg