شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى پۈتۈن ئارمىيەدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
0
2019-08-25 18:16:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىمىنجان ئىسمائىل

رەئىس شى جىنپىڭ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم بازىسىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ پۈتۈن ئارمىيەدە كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

رەئىس شى جىنپىڭ 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم بازىسىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى، بۇ پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. كۆپچىلىك بەس-بەستە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئەسلىي مەقسەتنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۆستۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيمىز.

رەئىس شى جىنپىڭ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم بازىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىغا 70 يىل بولغان پەيتتە، «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش دەل ۋاقتىدا بولدى، بۇنىڭ ئەھمىيىتى زور. بۇ بىر نەچچە كۈندە، ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ پاراشۇتچى مەلۇم لۈيىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر غەربىي شىمالدىكى مەلۇم ئېگىزلىككە بېرىپ مانېۋىر ئۆتكۈزدى. لۈي سىياسىي خىزمەت بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ما يۈفۇ مۇنداق دېدى : قىسىم شاڭگەنلىڭ قەھرىمانلار بايرىقىنى مەڭگۈ ئېگىز كۆتۈرۈپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى قىسىمنىڭ قىزىل بايلىق مەنبەسىدىن ئۈزلۈكسىز مەنىۋى كۈچكە ئىگە قىلىپ، ئاساسىي تېما تەربىيە پائالىيىتىنىڭ مەشىق جەريانىغا كىرىشى، ئۆز خىزمەت ئورنىغا كېڭىيىشى، مۇھىم ۋەزىپىلەرگە سىڭىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قىسىمنىڭ ھەربىي مەشىق قىلىش، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش قىزغىنلىقىنى داۋاملىق ئۇرغۇتىمىز.

رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى مانېۋىرنىڭ بىرىنچى سېپىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرگە كۈچلۈك مەشىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ ئاتا قىلدى. قۇرۇقلۇق ئارمىيە 80-جىتۈەنجۈنىنىڭ مەلۇم لۈيىدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر پات ئارىدا بىر مەيدان قىزىل، كۆك رەڭلىك قارشىلىشىش مانېۋىرىدا تۇنجى قېتىم كۆك ئارمىيەنىڭ رولىنى ئالىدۇ. لۈينىڭ سىياسىي يېتەكچىسى لى دۇڭيۈەن مۇنۇلارنى بىلدۈردى : رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھى بويىچە، قارشىلىشىشچانلىقى، قاراتمىلىقى، ماسلىشىشچانلىقى بولغان مەشىقنى كۈچەيتىپ، ھەر بىر يولنى ياخشى ساقلاش، ھەر بىر قىيىن مەسىلىنى ياخشى ھەل قىلىشتا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قىزىل ئارمىيەنىڭ ياخشى «بىلەي تېشى» بولىمىز.

رەئىس شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاساسىي قاتلامغا قارىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنىڭ فۇنكسىيەسىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، قاتتىق سىناقلارغا ئومۇميۈزلۈك بەرداشلىق بېرىش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسى مەلۇم قىسمى پارتكومى ئاساسىي قاتلامنىڭ ساداسىغا قۇلاق سېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلدى. شىمالىي قىسىم ئۇرۇش رايونى ھاۋا ئارمىيەسى مەلۇم قىسمىدىكى پونكىت باشلىقى شاڭ جياۋيۆ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يوليورۇقى ۋە تەلىپى بويىچە، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشى، پەرزەنتلىرىنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى، ھەربىيلەر ئائىلە تەۋەلىرىنىڭ داۋالىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، ئۇلارنى پۈتۈن زېھنى بىلەن ۋەتەننىڭ شىمالىي چېگراسىدا يىلتىز تارتىپ، ھەربىي مەشىققە ئاتلىنىپ، ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك.

1124904842_15663984109661n.jpg
1124904627_15663922135811n.jpg
1124900043_15663094430311n.jpg