شى جىنپىڭ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم بازىسىنى كۆزدىن كەچۈردى
0
2019-08-24 18:29:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئېلنۇرە رھىمبەگ

شى جىنپىڭ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم بازىسىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە ئەسلى مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەيلى دەپ تەكىتلىدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 8-ئاينىڭ 22-كۈنى ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم بازىسىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەسلى مەقسەت ۋە بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش كېرەك.

8-ئايدىكى گەنسۇدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، ھەممىلا جاي ھاياتى كۈچكە تولغان ئىدى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 10 لاردا شى جىنپىڭ ماشىنىغا ئولتۇرۇپ ھاۋا ئارمىيەسىنىڭ مەلۇم بازىسىغا باردى. شى جىنپىڭ قىزغىن ئالقىش ساداسى ئىچىدە گەنسۇ قىسمىنىڭ مۇئاۋىن شى دەرىجىلىكتىن يۇقىرى رەھبىرىي كادىرلىرى ۋە تۈەن دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ ئوفىتسېرلىرىنى سەمىمىي قوبۇل قىلىپ، كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. ئۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىدە ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر جىددىي ۋە تەرتىپلىك خىزمەت قىلىۋاتاتتى. شى جىنپىڭ بۇ يەرگە كېلىپ، دىجورنىلىق ئورنىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، ئالاقىدار تونۇشتۇرۇشلارنى ئاڭلىدى، ئۇرۇش تەييارلىقى دىجورنىلىقى ۋە مەشىق ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى.

شى جىنپىڭ ۋىدېيو ئارقىلىق بازىدىكى ئالاقىدار قىسىملانى كۆزدىن كەچۈردى. مەلۇم رادار پونكىتى دېڭىز يۈزىدىن 3600 نەچچە مېتىر ئېگىزلىكتە بولۇپ، يىل بويى ئۇرۇش تەييارلىقى دىجورنىلىقى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان. شى جىنپىڭ ئوفىتسېر-ئەسكەرلەردىن خىزمەت ۋە تۇرمۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى، ئۇلارنى ئەنئەنىنى نۇرلاندۇرۇپ، خىسلىتىنى ساقلاپ، قاتتىق ساپا يېتىلدۈرۈپ، ۋەزىپىسىنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. مەلۇم تىرانسپورت قۇتقۇزۇش تۈەنى ئۇرۇش تەييارلىقى مەشىقىنى كۈچەيتىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇدا 30 نەچچە يىل ئايروپىلان بىلەن ئۇرۇق چېچىپ ئورمان ئەھيا قىلىش ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىپ كەلگەن. شى جىنپىڭ ئۇلارنىڭ قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، ئۇلارنىڭ خەلق ئارمىيەسىنىڭ تۈپ باش مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي ئىجتىمائىي قۇرۇلۇشىغا داۋاملىق ياردەم بېرىپ، پارتىيە ۋە خەلق تاپشۇرغان بۇرچ ۋە ۋەزىپىنى ياخشى ئادا قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ بازىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش دەل ۋاقتىدا بولدى، بۇنىڭ ئەھمىيىتى زور.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىرادىسى، مەقسىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، سىياسىي يۈكسەكلىكنى ئۆستۈرۈپ، تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىپ، باش تېما تەربىيەسىدە ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. باش تېما تەربىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئۈنۈمىگە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر-خىل شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقنى تۈگىتىش. مەسىلە ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي مەسىلىلەرنى تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، مەسىلىلەرنى ھەقىقىي ھەل قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ: مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشنى كۈچەيتىپ، ھەقىقىي چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي تەييارلىق قىلىپ، ئۇزاققىچە بوشاشماي ئۇرۇش تەييارلىقىدا تۇرۇش كېرەك، دەپ كۆرسەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: ھەر قانداق ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا چىقالايدىغان، غەلىبە قىلالايدىغان بولۇشقا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەمەلىي ئۇرۇش مەشىقى، بىرلەشمە ئۇرۇش مەشىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ، قارشىلىق، قاراتمىلىققا ئىگە، ماسلاشما مەشىقنى كۈچەيتىپ، مەشىقنىڭ سۈپىتى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۇرۇش ئارقىلىق قۇرۇلۇشقا باشلامچىلىق قىلىش، مەشىق ئارقىلىق قۇرۇلۇشقا تۈرتكە بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، جەڭگىۋارلىق كۈچى ۋە كاپالەتلەندۈرۈش كۈچى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، دائىملىق ئىدىيەۋى خىزمەت ۋە دائىملىق باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، قىسىمنىڭ يۈكسەك دەرىجىدىكى مەركەزلىك بىرلىكىنى، ساپلىقىنى مۇستەھكەملەپ، قىسىمنىڭ بىخەتەر، مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: قاتتىق باشقۇرۇش بىلەن كۆيۈنۈشنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەسكەرلەرنى كۆڭۈل قويۇپ يېتەكلەپ، قىسىمنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە جەڭگىۋارلىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. خىزمەتنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئاساسىي قاتلامغا قارىتىپ، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام قۇرۇلۇشىنىڭ ئومۇميۈزلۈك تەرەققىياتى، ئومۇميۈزلۈك چىڭ بولۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر دەرىجىلىك ئورۇنلار تولۇپ-تاشقان قىزغىنلىق بىلەن ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلىپ، ئاساسىي قاتلاملارنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ خىزمەت قىلىش، ئىگىلىك تىكلەشكە ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك. شۈ چىلياڭ قاتارلىقلار پائالىيەتكە قاتناشتى.

 

1124904842_15663984109661n.jpg
1124904627_15663922135811n.jpg
1124900043_15663094430311n.jpg
1124900195_15663220507681n.jpg
1124897634_15662738206551n.jpg