شى جىنپىڭ گەنسۇدا خىزمەت تەكشۈردى
0
2019-08-23 10:33:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

 

شى جىنپىڭ گەنسۇدا خىزمەت تەكشۈرگەندە: ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، خەلقنى بېيىتىپ، گەنسۇنى روناق تاپقۇزۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى يارىتىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا گەنسۇدا خىزمەت تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ۋە ۋە پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش خىزمەت ئاساسى روھىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىپ، چىڭ تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، بىر نىيەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش، مۇقىملىققا كاپالەتلىك قىلىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى تېزلىتىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشنى كۈچەيتىپ، خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ياخشىلاپ، بەختلىك، گۈزەل يېڭى گەنسۇنى تېز قۇرۇپ چىقىش، خەلقنى بېيىتىپ روناق تاپقۇزۇشنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىدە دەۋر سەھىپىسىنى تىرىشىپ يېزىپ چىقىش كېرەك.

باش كۈزدىكى خېشى كارىدورىدا كۈز شامىلى چىقىپ، مېۋىلەرنىڭ خۇش پۇراق ھىدى پۇراپ تۇراتتى. چىلىيەنشەن قارلىق تېغى ۋە قۇملۇقلار، بوستانلىقلار ئۆز-ئارا جىلۋە قىلىپ تۇراتتى. شى جىنپىڭ 8-ئاينىڭ 19-كۈنىدىن 22-كۈنگىچە گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى لىن دو، ئۆلكە باشلىقى تاڭ رېنجيەننىڭ ھەمراھلىقىدا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، جيۇچۈەن، جيايۈگۇەن، جاڭيې، ۋۇۋېي، لەنجۇ قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى، يېزا، مەكتەپ، ئوتلاق ئورمانچىلىق مەيدانى، ئىنقىلاب خاتىرە سارىيى، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىش قۇرۇلۇشى، مەدەنىيەت كارخانىلىرى قاتارلىق جايلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

شى جىنپىڭ 8-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، بېيجىڭدىن ئايروپىلان بىلەن جيۇچۈەن شەھىرىگە قاراشلىق دۇنخۇاڭ شەھىرىگە يېتىپ بېرىپ، دۇنخۇاڭ مىڭئۆيلىرىگە بېرىپ، دۇنخۇاڭ مىڭئۆيلىرىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات جەريانى ۋە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش، تەتقىقات قىلىش ئەھۋالىنى تەكشۈردى ۋە ئىگىلىدى. ئېكسكۇرسىيە قىلىۋاتقان ساياھەتچىلەر باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھاياجانلانغان ھالدا ئورىۋېلىپ، «باش شۇجى ياخشىمۇ سىز!» «رەئىس شى جىنپىڭ ياخشىمۇ سىز!»، دەپ يۇقىرى ئاۋازدا تەنتەنە قىلىشتى، شى جىنپىڭ كۆپچىلىككە سەمىمىي قول پۇلاڭلىتىپ ئېھتىرام بىلدۈردى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، كۆپچىلىكنىڭ ساياھەت قىلغاندا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى ئاسراشقا دىققەت قىلىشىنى تاپىلىدى.

شى جىنپىڭ مىڭئۆيگە كىرىپ ئۇزاق تارىخقا ئىگە رەڭلىك ھەيكەل، تام رەسىملىرىنى كۆردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئەجدادلىرىمىز بىزگە قالدۇرغان بۇ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئىنتايىن قەدىرلىشىمىز، قوغداشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىدىيەسىدە چىڭ تۇرۇپ، مىڭئۆي بىناكارلىقى، رەڭلىك سىزما، تام رەسىملىرىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئىلغار پەن-تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ قوغداش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد يەتكۈزۈشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ ئارقىدىنلا دۇنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتىغا كېلىپ، قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ۋە ئىلىم-پەن نەتىجىلىرى كۆرگەزمىسىنى كۆزدىن كەچۈردى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە تەتقىق قىلىش، مۇنەۋۋەر تارىخىي مەدەنىيەتنى نۇرلاندۇرۇش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى ھەمدە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار ۋە مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشتى. شى جىنپىڭ دۇنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتىنىڭ پەخرىي باشلىقى فەن جىنشى، گەنسۇ ئۆلكىلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى سۇ شياۋلىن، لەنجۇ داشۆسى تارىخ-مەدەنىيەت شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى جېڭ بىڭلىننىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ دۇنخۇاڭ مەدەنىيىتىنى قوغداش، تەتقىق قىلىش خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈپ، دۈنخۇاڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ تۈرلۈك مەدەنىيەتلەر بىلەن ئۇزاق مۇددەت ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقىنىڭ، بىر-بىرىگە يۇغۇرۇلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى دەپ تەكىتلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: بىز جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىشتا، تېخىمۇ كەڭ قورساقلىق بىلەن ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە قانات يايدۇرۇپ، دۇنيادىكى بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىشىمىز ۋە ئۆرنەك قىلىشىمىز كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۇنخۇاڭ مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىش ۋە نۇرلاندۇرۇشتا، دۇنخۇاڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا بارلىققا كەلگەن پەلسەپە ئىدىيەسى، ئادىمىيەت روھى، قىممەت قارىشى، ئەخلاق ئۆلچىمى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر قېزىپ، ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت روھى، مەدەنىيەت بوشلۇقىنى ئېچىپ بېرىپ، مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى ئۈزلۈكسىز چىڭىتىش كېرەك. دۆلەت مەدەنىيەت جەۋھىرىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداشنى قوللاش ۋە يۆلەشنى كۈچەيتىش، ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ تارىخىي مەدەنىيىتىنى تەتقىق قىلىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدە ئېڭىنى مۇستەھكەملەش كېرەك. دۇنخۇاڭ مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدا «بىر بەلباغ، بىر يول»نى تەڭ قۇرۇشقا مۇلازىمەت قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ، لىنىيە بويىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، ئەل رايىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. دۇنخۇاڭشۇناسلىق تەتقىقاتىنى كۈچەيتىپ، خەلقئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىقنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ دۇنخۇاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋە دۇنخۇاڭشۇناسلىق تەتقىقاتىنىڭ نەتىجىلىرىنى تولۇق نامايان قىلىش كېرەك. پەن تەتقىقات خادىملىرىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە ئۇلارنى ئاسراپ، ئىختىساسلىقلارنى رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن-تەتقىقات خىزمەتچىلىرىنىڭ تەتقىقات، ئۆگىنىش، بىلىم ئاشۇرۇش، تەتقىق قىلىش، ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى سۇپا ھازىرلاپ، پەن-تەتقىقات قوشۇنىنىڭ كەسىپلىشىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

جيايۈگۈەن-مەملىكەتلىك نۇقتىلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ئورنى ھەم دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى، ئېلىمىزنىڭ مىڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى ئون مىڭ چاقىرىملىق سەددىچىن سېپىلىنىڭ غەربىي ئۇچىدىكى باشلىنىش نۇقتىسى. شى جىنپىڭ 8-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جيايۈگۈەنگە باردى. شى جىنپىڭ جيايۈگۈەن سېپىلىنى كۆردى ھەم سەددىچىن سېپىلىنى قوغداش ئەھۋالى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: سەددىچىن سېپىلىگە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ توختىماي ئالغا بېسىشتەك كۈرەش روھى ۋە ئىرادىدىن قورغان ياساش، ئېگىلمەس-سۇنماس ۋەتەنپەرۋەرلىك مۇھەببىتى مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ۋەكىللىك بەلگىسى ھەم جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم سىمۋولىغا ئايلاندى. سەددىچىن سېپىلىنىڭ مەدەنىيەت قىممىتىنى قېزىش ھەم مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى، مەدەنىيەت مىراسلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش، قوغداش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، مىللىي روھنى نۇرلاندۇرۇپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىكى جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قۇدرەتلىك كۈچنى مۇجەسسەملەش كېرەك.

شى جىنپىڭ جيايۈگۈەندىن ئايرىلىپ، جاڭيې شەھىرى گاۋتەي ناھىيەسىگە بېرىپ، جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى خاتىرە مۇنارى ھەم ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا ئېھتىرام بىلدۈردى، جۇڭگو ئىشچى-دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى. 80 نەچچە يىل بۇرۇن، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى خېشىغا بېرىپ باتۇرانە جەڭ قىلىپ، تىللاردا داستان بولغۇدەك ئۆچمەس تۆھپىلەرنى ياراتقان. خاتىرە سارىيىدا، شى جىنپىڭ ئەينى يىللاردىكى ئۇرۇش تارىخى ھەم تەسىرلىك ئىش-ئىزلارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى رەھبەرلىك قىلغان جۇڭخۇا مىللىتى، جۇڭگو خەلقى قولغا كەلتۈرگەن ئۇلۇغ نەتىجىلەر ئاجايىپ شانلىق بولدى، ئەمما بىز چوقۇم ئەسلى مەقسەتنى، يېڭى جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن ئىسسىق قېنىنى تەقدىم قىلغان ئىنقىلابىي ئەجدادلارنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەك دەپ تەكىتلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى جۇڭگونى سانسىزلىغان ئىنقىلابىي قۇربانلار ئىسسىق قېنى ھەم ھاياتىي بەدىلىگە ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. قىزىل ھاكىمىيەت، يېڭى جۇڭگو، جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ يېتىشىمىز لازىم. غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ خەۋپ-خەتەردىن قورقماي قان كېچىپ جەڭ قىلغان باتۇرانە جاسارىتى، پارتىيە، خەلق ئۈچۈن قەھرىمانلىق بىلەن جان پىدا قىلىش روھى ئۇزۇن سەپەر روھى بىلەن تومۇرداش بولۇپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ قىزىل گېنى ھەم جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ قىممەتلىك روھىي بايلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى. بىز پارتىيەنىڭ ھېكايىسى، قىزىل ئارمىيەنىڭ ھېكايىسى، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، قىزىل گېنغا ياخشى ۋارىسلىق قىلىشىمىز كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ جاڭيې شەھىرى شەندەن ناھىيەسىگە بېرىپ، شەندەن پېيلى مەكتىپىنى كۆزدىن كەچۈردى. شەندەن پېيلى مەكتىپىنى ئۇلۇغ ئىنتېرناتسىيونالىزم جەڭچىسى، يېڭى زېللاندىيەنىڭ ئاتاقلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتچىسى لۇئىس ئېللى 1942-يىلى قۇرۇپ، كەسپىي مائارىپ ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆمۈرلۈك تەلىم-تەربىيە قارىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، زور بىر تۈركۈم ياراملىق تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ چىققان. شى جىنپىڭ مەكتەپنىڭ ئەھۋالى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، لۇئىس ئېللىنىڭ بۇرۇنقى تۇرالغۇسىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ئەمەلىي مەشىق ئوقۇتۇش بىناسىغا كېلىپ، زامانىۋى ياساش تېخنىكىسى ئەمەلىي مەشىق سىنىپى ھەم ئاقىل ئۆي سەرەمجانلىرى ئەمەلىي مەشىق سىنىپىغا كىرىپ، كەسپىي ماھارەت ئەمەلىي مەشىقىنى كۆردى ھەم ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچىلار بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئەمەلىي ئىقتىساد-ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇھىم تىرىكى، ئەمەلىي ئىقتىسادنى كۈچەيتىش-نۇرغۇن ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارغا، ھۈنەرۋەنلەر روھىنى كۈچلۈك نۇرلاندۇرۇشقا موھتاج، كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئىستىقبالى پارلاق، ئەھمىيەت بېرىشكە تېگىشلىك ئىش. شەندەن پېيلى مەكتىپى-شانلىق تارىخ ھەم ئىنتېرناتسىيونالىزم روھىغا ئىگە كەسپىي مەكتەپ. لۇئىس ئېللى ئەپەندى ئوتتۇرىغا قويغان «قول بىلەن مېڭىنى تەڭ ئىشلىتىپ، ئىجادىي تەھلىل قىلىش»تىن ئىبارەت مەكتەپ باشقۇرۇش باش مەقسىتى-بۈگۈنكى كۈندە بىزنىڭ كەسپىي مائارىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىمىزدا يەنىلا ئۈلگىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئېسىل ئىستىلغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەكتەپ باشقۇرۇش قارىشىدا يېڭىلىق يارىتىپ، يېڭى دەۋردە غەربىي رايوننى كەڭ كۆلەمدە ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەم ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش لازىم. مەن ساۋاقداشلارنىڭ ئىجتىھات بىلەن ئۆگىنىپ، تېخىمۇ ئەمەلىي ماھارەتلەرنى ئىگىلەپ، تېرىشىپ دۆلەتكە ياراملىق، دۆلەت ئۈچۈن ئېھتىياجلىق ئىختىساسلىقلارغا ئايلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

شى جىنپىڭ پېيلى مەكتىپىدىن ئايرىلىپ، جوڭنۇڭفا شەندەن ئات فېرمىسى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى 1-مەيدانىغا بېرىپ، مەيدان تارىخى سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى، ئات فېرمىسىنىڭ تارىخىي جەريانى ھەم ئىسلاھات تەرەققىياتى ئەھۋالىنى ئىگىلىدى.

8-ئايدىكى شەندەن ئات فېرمىسىدا ئوت-چۆپلەر بولۇق ئۆسكەن، ئارغىماقلار چېپىپ يۈرەتتى. شى جىنپىڭ يايلاققا كىرىپ، يايلاق ۋە ئاتلارنى بېقىش ئەھۋالىنى كۆردى. شى جىنپىڭ چىليەنشەن تېغىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئوڭشاش ۋە ئاسراش ئەھۋالى ھەققىدىكى دوكلاتنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: چىليەنشەن تېغىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ياخشى ئاسراش-دۆلەتنىڭ ئېكولوگىيە بىخەتەرلىكىنى قوغداش، گەنسۇ ۋە خېشى كارىدورىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتا ئىنتايىن مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە. ئېلىمىز يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات باسقۇچىغا كىردى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ تىرەكلىك رولى بارغانسېرى روشەن بولماقتا. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرغاندىلا، ئاندىن يېشىل تاغ، سۈزۈك سۇلارنى قىممەتلىك بايلىققا ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش بىلەن ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت ئاسراشنى، ئىمكانىيەتلىك سىجىل كەسىپنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، قىممەتلىك يايلاق بايلىقىنى ياخشى قوغداپ، چىليەنشەن تېغىنىڭ مەڭگۈ يېشىل، سۈيىنىڭ مەڭگۈ سۈزۈك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ،يايلاقتىكى ھەر مىللەت ئاممىسىغا مەڭگۈ بەخت يارىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ 8-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ۋۇۋېي شەھىرىنىڭ گۇلاڭ ناھىيەسى خۇاڭخۇاتەن ئېكولوگىيەلىك كۆچۈرۈش رايونى فۇمىڭ يېڭى كەنتىگە بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. بۇ جاي گۇلاڭ ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىي تاغلىق رايونىنىڭ «سۇ ۋە تۇپرىقى بۇ جايدىكى ئاممىنى باقالماسلىقتەك ئەمەلىيىتىگە» قارىتا، ئېگىز تاغنىڭ ئىچكىرىسىدىكى نامرات ئاممىنى باشقا جايغا كۆچۈرۈپ نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ بېيىتىش ۋە چىليەنشەن تېغىنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداشتا تەڭ ئۇتۇق قازىنىشتەك نامراتلارنى يۆلەپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ يېڭى يولىنى تېپىپ چىقتى، تاغلىق رايوندىكى 60 مىڭدىن كۆپرەك نامرات ئامما يېڭى ئۆيلەرگە كۆچۈپ كىردى، ئۇلار كالا قوي باقمىچىلىقى ۋە كۆكتات تېرىقچىلىقىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق نامراتلىقتىن تەدرىجىي قۇتۇلماقتا. شى جىنپىڭ يۇرتداشلارنىڭ تۇرمۇشىدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈپ ئىنتايىن مەمنۇن بولدى. كەنت پارتىيە ئامما مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ ئاممىغا قولاي زالىدا، شى جىنپىڭ خىزمەتچى خادىملاردىن تۈرلۈك خەلققە نەپ يەتكۈزۈش سىياسەتلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى ۋە كۆچۈرۈلگەندىن كېيىنكى ئاممىغا قولايلىق يارىتىپ مۇلازىمەت قىلىش تەدبىرلىرىنى سۈرۈشتۈردى.

ئارقىدىن، ئۇ پىيادە مېڭىپ يېقىن ئەتراپتىكى فۇمىڭ باشلانغۇچ مەكتىپىگە باردى. يازلىق تەتىلدىكى قىزىقىش كۇرسىغا قاتنىشىۋاتقان بالىلار ئېلېكتىرونلۇق پىيانىنو چېلىۋاتاتتى، بەزىلەر تەنتەربىيە مەشىقى قىلىۋاتاتتى. شى جىنپىڭ مۇزىكا سىنىپىغا كىرىپ، مۇزىكا دەرسى ئوقۇتۇشىنى ئەستايىدىل كۆردى.

تەنتەربىيە مەيدانىدا، پۇتبول ئويناۋاتقان بالىلار شى جىنپىڭنىڭ كەلگىنىنى كۆرۈپ، خۇشال ھالدا ئۇنىڭ ئەتراپىغا يىغىلدى. شى جىنپىڭ ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى، ئۇلارنىڭ يازلىق تەتىلدىكى ئۆگىنىش، تۇرمۇش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى، ئۇلارنى ياخشى ئۆگىنىپ، ئەخلاقىي، ئەقلى، جىسمانىي، گۈزەللىك، ئەمگەك جەھەتتە ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى. شى جىنپىڭ مەكتەپتىن ئايرىلغاندا بالىلارنى بىللە خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈشكە تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكلىپ قىلدى. بالىلار بۇنىڭدىن ئىنتايىن خۇشال بولدى، بالىلارنىڭ چېھرىدە بەخت تەبەسسۇمى يايرىدى.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ كەنت يولىنى بويلاپ پىيادە مېڭىپ كەنتىنىڭ قىياپىتىنى تەكشۈردى، يىپيېڭى ئۆيلەر، كەڭ كەتكەن يوللار، پاكىز ھويلىلار، ھەممىلا جاي خۇشاللىق ۋە خاتىرجەملىككە چۆمگەن ئىدى. كەنت ئاھالىسى لى يىچۇەن ئائىلىسى باش شۇجىنى ئۆيىدە مېھمان بولۇشقا قىزغىن تەكلىپ قىلدى. شى جىنپىڭ ھويلىغا كىرىپ، ئۆينىڭ ئىچى ۋە سىرتىنى تەپسىلىي كۆرۈپ، تۇرالغۇ مۇھىتىنى ياخشىلاش، سۇ ۋە ھاجەتخانىنى تۈزەش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ لى يىچۇەن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن مۇڭداشتى، ئائىلىدىكىلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، كىرىم، كېسەل كۆرسىتىش، ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالىنىش سۇغۇرتىسى، بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشى قاتارلىق جەھەتلەردە قانداق قىيىنچىلىقى بارلىقىنى تەپسىلىي سۈرۈشتۈردى. لى يىڭچۇەن ئىنتايىن خۇشال ھالدا باش شۇجىغا دوكلات قىلىپ: نەۋرىلىرىم ئۆينىڭ يېنىدىلا ئوقۇيدۇ، يېڭىدىن بىر پارنىك ۋە باقمىچىلىق قوتىنى سېلىش توغرىسىدا كەنتكە تىزىملىتىپ قويدۇق، كۈنلىرىمىز بارغانسېرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، دېدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە بارلىق خىزمەتلىرىدە ئاممىنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلىشىدۇ، ئاممىغا بەخت يارىتىش پارتىيەنىڭ ئىشى، نامرات يۇرتداشلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش 1-قەدەم، كېيىنكى قەدەمدە يۇرتداشلارنىڭ نامراتلىقتىن مۇقىم قۇتۇلۇپ، نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى ۋە نامراتلارنى يۆلەش قوشۇنىنى بىر مەزگىل قالدۇرۇپ، كەسىپنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، كوللېكتىپ ئىگىلىكنى قۇدرەت تاپقۇزۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەدبىر ئويلىشىپ، چىقىش يولى تېپىپ چىقىپ، باشقا جايغا كۆچۈرگەن ئاممىنى تۇرۇپ قالىدىغان، ئىشقا ئورۇنلىشالايدىغان قىلىپ، ئۇلارنى كىرىمگە ئىگە قىلىپ، تۇرمۇشىنى تېخىمۇ باياشات قىلىشىمىز كېرەك.

ئارقىدىن، شى جىنپىڭ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ بابۇشا ئورمانچىلىق مەيدانىغا باردى. ئورمانچىلىق مەيدانى خېشى كارىدورىنىڭ شەرقى، تېڭگېر قۇملۇقىنىڭ جەنۇبى چېتىغا جايلاشقان. ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ بېشىدا، بۇ يەر ھېچنېمە ئۈنمەيدىغان، ھەممىلا يەر قۇملۇق ئېتىزلىق ئىدى. ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى ئەۋلادمۇ-ئەۋلاد كىشىلەر قۇملۇقتا يىلتىز تارتىپ، قۇمنى تىزگىنلەپ ئورمان ئەھيا قىلىپ، قۇم قىستاپ كېلىپ ئادەمنى چېكىندۈرۈشنى ئادەم كىرىپ قۇمنى چېكىندۈرۈشكە ئۆزگەرتتى، ئىلگىرىكى قۇملۇق ھازىرقى بۈك-باراقسان ئورمانلىققا ئايلاندى. شى جىنپىڭ يىراقلارغا كۆز تىكىپ، ئورمانچىلىق مەيدانىنىڭ پۈتكۈل قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، ۋۇۋېي شەھىرىنىڭ قۇملىشىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇمنى تىزگىنلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ھەمدە بابۇشا ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى «ئالتە بوۋاي» ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ قۇمنى تىزگىنلەپ ئورمان ئەھيا قىلىش تەسىرلىك ئىش-ئىزلىرىنى ئاڭلىدى. ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى بىر قانچە خىزمەتچى «ئوت چۆپ كاتەكچىسى ياساپ قۇمنى بېسىش» مەشغۇلاتىنى قىلىۋاتاتتى، ش جىنپىڭ ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ، مەشغۇلات ئۇسۇلىنى سۈرۈشتۈردى ھەمدە چۆنەك سوقىسىنى قولىغا ئېلىپ ئېلىپ ئۇلار بىلەن بىللە ئىشلىدى. شى جىنپىڭ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: بابۇشا ئورمانچىلىق مەيدانىدىكى «ئالتە بوۋاي»نىڭ قەھرىمان ئىش-ئىزلىرىنى ھەممە بىلىدۇ، يېڭى دەۋر «ئالتە بوۋاي» گە ئوخشاش زامانىمىزدىكى يۈگۇڭلارغا، دەۋر نەمۇنىچىلىرىگە موھتاج. «ئالتە بوۋاي»نىڭ قىيىنچىلىق ئالدىدا باش ئەگمەيدىغان، قۇمنى باتۇرلۇق بىلەن بوستانلىققا ئايلاندۇرۇشتەك كۈرەش روھىنى نۇرلاندۇرۇپ، كىشىلەرنى ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا ئاتلىنىپ، داۋاملىق كۈچ چىقىرىپ ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا ئىلھلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ھەر قانداق ئىش كومپارتىيە ئەزالىرىنىڭ ئاۋانگارت نەمۇنىلىك رولىدىن ئايرىلالمايدۇ. كومپارتىيە ئەزالىرى ئالدى بىلەن ئورنىدىن دەس تۇرۇپ، ئوتتۇرىغا چىقىشقا جۈرئەت قىلالىسىلا، ئاندىن ئاممىنى يېتەكلەپ، ئۇيۇشتۇرۇپ، تەشكىللەپ، كەڭ زېمىن ھازىرلاپ، ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرالايدۇ.

شى جىنپىڭ 8-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن لەنجۇدا خۇاڭخې دەرياسىنى تىزگىنلەشتىكى لەنجۇ تۆمۈر يولى پومپا پونكىتى تۈرى نۇقتىسىغا بېرىپ، گەنسۇ ئۆلكىسى ۋە لەنجۇ شەھىرىنىڭ خۇاڭخې دەرياسىنى تىزگىنلەش ۋە قوغداش ئەھۋالى ھەققىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى ئاڭلىدى. شى جىنپىڭ مەنزىرە سۇپىسىغا چىقىپ، توغاننى مۇستەھكەملەپ، كەلكۈننىڭ ئالدىنى ئېلىش قۇرۇلۇشىنى كۆردى، يولنى بويلاپ مېڭىپ خۇاڭخې دەرياسىنىڭ ئىككى قىرغىقىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە مەنزىرە قۇرۇلۇشى ئەھۋالىنى تەكشۈردى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خۇاڭخې، چاڭجياڭ دەريالىرى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئانا دەرياسى. ئانا دەريانى قوغداش جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى ۋە داۋاملىق تەرەققىي قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇزاق مۇددەتلىك پىلان. گەنسۇ ئۆلكىسى خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىدىكى مۇھىم سۇ مەنبەسىنى ساقلاش رايونى ۋە تەمىنات رايونى، ئالدى بىلەن خۇاڭخې دەرياسىنىڭ يۇقىرى ئېقىنىنىڭ ئېكولوگىيەسىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۇ-تۇپراقنى ساقلاش ۋە بۇلغىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، تىزگىنلەشتە ئېغىر مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك، لەنجۇ خۇاڭخې دەرياسىنىڭ سۇ ساغلاملىقىنى ساقلاشقا ئالدى بىلەن كۈچ چىقىرىپ، ياخشى باشلامچى بولۇشى كېرەك.

ئارام ئېلىۋاتقان ئامما باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ كەينى-كەينىدىن يۈگۈرۈپ كېلىشتى، باش شۇجى ئۇلار بىلەن سەمىمىي پاراڭلاشتى. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەھەر خەلقنىڭ، شەھەر قۇرۇلۇشىدا خەلق مەركەز قىلىنغان تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنى بەختلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش كېرەك. ئالتۇن لوڭقا، كۆمۈش لوڭقا خەلقنىڭ ماختىشىغا يەتمەيدۇ، ئامما ياخشى دېسە ئاندىن ياخشى بولغان بولىدۇ.

شى جىنپىڭ ئارقىدىن «تەرمىلەر» نەشرىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىگە باردى. شى جىنپىڭ «تەرمىلەر» تەھرىر بۆلۈمىدە خىزمەتچىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئۇلاردىن ماقالە تاللاش، تەھرىرلەش، سېلىشتۇرۇش، تىزىش قاتارلىق خىزمەت تەرتىپى ۋە تارقىتىش ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى. شى جىنپىڭ ئىجادىيەت مەركىزىدە شىركەتنىڭ بازار ۋەزىيىتىگە ماسلىشىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سەرخىللاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۇسۇلىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: كۆپرەك كىتاب ئوقۇشنى تەشەببۇس قىلىپ، ئوقۇمۇشلۇق جەمئىيەت بەرپا قىلىپ، خەلقنىڭ ئىدىيەۋى مەنزىلىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، خەلقنىڭ مەنىۋى كۈچىنى ئاشۇرغاندىلا جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەنىۋى دۇنياسى تېخىمۇ قويۇق، چوڭقۇر بولىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلقنى تېخىمۇ كۆپ مۇنەۋۋەر مەنىۋى مەدەنىيەت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەش ناھايىتى پايدىلىق. توغرا يۆنىلىشنى پۇختا ئىگىلەپ، ئاساسىي كەسىپتە چىڭ تۇرۇش ئاساسىدا كۆپ مەنبەلەشتۈرۈپ باشقۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىجتىمائىي ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ 8-ئاينىڭ 22-كۈنى چۈشتىن كېيىن گەنسۇ ئۆلكىلىك پارتكوم ۋە خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلاپ، گەنسۇنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلەردە ئېرىشكەن نەتىجىلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى، گەنسۇدىكى ھەر مىللەت كادىرلىرى ۋە ئاممىسىنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلىشىنى ئۈمىد قىلدى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نىشان مەركەزدىن ئېغىپ كەتمەسلىك، قىزىق نۇقتا تارقاق بولماسلىق، ئۆلچەمنى ئۆزگەرتىۋەتمەسلىكتە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق»نى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش ئاساسىدا، «ئۈچتە كاپالەندۈرۈش» جەھەتتىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى نۇقتىلىق تۈگىتىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئېغىر نامرات رايونلارغا قارىتىپ، «ئىككى ئوبلاست، بىر ناھىيە» ۋە 18 ئۆلكىدىكى ئېغىر نامرات ناھىيەلەرنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كەنتمۇ-كەنت، ئۆيمۇ-ئۆي، ئادەملەرگىچە، تۈر بويىچە مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئاخىرقى نامراتلىق توسۇقىنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتىكى كەمتۈكلەرنى مەركەزلىك تولۇقلاپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر-يېزىلارنى قاپلىغان، ئىقتىدارى تولۇق، كۈچلۈك تىرەككە ئىگە ئۇل ئەسلىھە سىستېمىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، ئەنئەنىۋىي كەسىپلەرنى تېزدىن ئۆزگەرتىپ، گۈللەنمە كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈپ، ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىش يېڭى ئەندىزىسىنى تېزدىن بەرپا قىلىپ، يۇقىرى قوشۇلما قىممەتلىك ئۆزگىچە كەسىپلەرنى پائال تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ساياھەت بايلىقىنى قوغداش ۋە ئېچىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئېچىش بىلەن قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئېكولوگىيە كەسپىنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ غەربىي رايون ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسىقىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك.خۇاڭخې دەرياسىنى تىزگىنلەشتە قوغداش بىلەن تىزگىنلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. تاغ، سۇ، ئورمان، ئېتىز، كۆل، يايلاقنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش، سىستېمىلىق تۈزەش،مەنبەدىن تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، چوڭ جەھەتتىن قوغداشنى ئورتاق چىڭ تۇتۇپ،چوڭ چوڭ جەھەتتىن تۈزەشنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، خۇاڭخې دەرياسى ۋادىسىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خۇاڭخې دەرياسىنى خەلققە بەخت يارىتىدىغان بەخت دەرياسىغا ئايلاندۇرۇش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: خەلق تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ ۋە ئۇنى ياخشىلاپ، ئاممىۋى مۇلازىمەت تۈرلىرىنى ئالدىن ئورۇنلاشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان ئوقۇش، كېسەل كۆرسىتىش، يول يۈرۈش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى ياخشى ھەل قىلىپ،ئاپەتكە ئۇچرىغان ئامما ۋە شەھەر-يېزىلاردىكى قىيىنچىلىقى بار ئاممىغا كۆڭۈل بۆلۈپ ۋە غەمخورلۇق قىلىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، زىددىيەت، ماجىرالارنى تەكشۈرۈپ ھەل قىلىش خىزمىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: گەنسۇ قىزىل زېمىن، جۇڭگو ئىنقىلابى تارىخىي مۇساپىسىدە تەڭداشسىز مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن. گەنسۇ قىزىل بايلىقتىن پايدىلىنىپ، «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسىنى ئەستايىدىل چىڭ تۇتۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى پارتىيە تارىخى، يېڭى جۇڭگو تارىخىنى ئۆگىنىشكە تەشكىللەپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى «ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇش، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىش، پەرقنى تېپىپ چىقىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش»تىن ئىبارەت بۇ ئومۇمىي تەلەپنى توغرا ئىگىلەشكە تەربىيەلەپ ۋە يېتەكلەپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. مەخسۇس تېمىدىكى دېموكراتىك تۇرمۇش يىغىنىنى ياخشى ئېچىپ، دادىللىق بىلەن ئۆزىنى تەكشۈرۈپ، كەمچىلىكلەر ئېچىپ تاشلاپ، رەزىللىكىنى ئاشكارىلاشقا جۈرئەت قىلىپ، دەرھال تەكشۈرۈپ، دەرھال تۈزىتىپ، بىلگەن ھامان دەرھال ئۆزگەرتىش كېرەك. رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى ۋە كادىرلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىستىلنى ئىزچىل كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ يۈكىنى يىنىكلىتىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، شەكىلۋازلىق ۋە بىيۇروكراتلىقنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك.

دىڭ شۆشياڭ، ليۇ خې، خې لىفېڭ ۋە مەركەزدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى تەكشۈرۈشتە بىللە بولدى.

 

1124904842_15663984109661n.jpg
1124904627_15663922135811n.jpg
1124900043_15663094430311n.jpg
1124900195_15663220507681n.jpg
1124897634_15662738206551n.jpg