شى جىنپىڭ گەنسۇدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى
0
2019-08-21 18:06:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

8-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن، گەنسۇدا تەكشۈرۈشتە بولۇۋاتقان باش شۇجى شى جىنپىڭ مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئورنى، دۇنيا مەدەنىيەت مىراسى دۇنخۇاڭ موگاۋ غارىغا بېرىپ، موگاۋ غارىنى قوغداش ۋە تەتقىق قىلىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەمدە موگاۋ غارىغا بېرىپ ئۇزاق تارىخقا ئىگە رەڭلىك نەقىش، تام رەسىملىرىنى كۆردى.

ئېكسكۇرسىيە ۋە ساياھەت قىلىۋاتقان ئامما باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى كۆرۈپ، ھاياجانلانغان ھالدا تەنتەنە قىلىپ، بەس-بەستە باش شۇجىدىن ئەھۋال سورىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بېرىپ، كۆپچىلىك بىلەن قىزغىن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ ھال سورىدى، كۆپچىلىكنىڭ قەيەردىن كەلگەنلىكىنى، يولنىڭ يىراق ياكى يىراق ئەمەسلىكىنى، خىراجىتىنىڭ يۇقىرى ياكى ئەمەسلىكىنى سورىدى ھەمدە كۆپچىلىكنىڭ ساياھىتىنىڭ كۆڭۈللۈك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى. بىر ساياھەتچى باش شۇجىغا بالىلىرىنى ئېلىپ جياڭسۇدىن موگاۋ غارىنى كۆرگىلى كەلگەنلىكىنى ئېيتتى.

8-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۇنخۇاڭ تەتقىقات يۇرتىدا ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار ۋە مەدەنىيەت ئورۇنلىرىنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن سۆھبەتلەشكەندە،گەنسۇ ئۆلكىلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى سۇ شياۋلىن «يىپەك يولى يامغۇرى»، «قۇملۇقتىكى دۇنخۇاڭ» قاتارلىق چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت ئەسەرلىرى ئىجادىيىتى ۋە ئويۇن قويۇش جەريانىنى دوكلات قىلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئويۇننىڭ سىرتلاردا قويۇلۇشى قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي سورىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى قوللاپ ۋە يۆلەپ، دۆلەتنىڭ مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۇنخۇاڭ مەدەنىيىتى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچىنى نامايان قىلدى، ئىشەنچكە تولغان مەدەنىيەتلا ئۆز ئالاھىدىلىكىنى ساقلاش بىلەن بىر ۋاقىتتا ھەر خىل مەدەنىيەتلەرنىڭ مۇنەۋۋەر نەتىجىلىرىنى سىغدۇرالايدۇ، ئەينەك قىلالايدۇ ۋە قوبۇل قىلالايدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بىز جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى شانلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىشتا، تېخىمۇ كەڭ قورساقلىق بىلەن ھەرقايسى ئەللەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت ئالاقىسىنى تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇپ، دۇنيادىكى بارلىق مۇنەۋۋەر مەدەنىيەت نەتىجىلىرىنى تېخىمۇ ئاكتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىشىمىز ۋە ئەينەك قىلىشىمىز كېرەك.

باش شۇجى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت خىزمەتچىلىرىنى دۇنخۇاڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ، جۇڭگو ساداسىنى ياخشى تارقىتىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بەرپا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىپ مۇلازىمەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى.

8-ئاينىڭ 20-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باش شۇجى شى جىنپىڭ جيايۈگۇەننىڭ گۇەنچېڭغا بېرىپ، شەھەر راۋىقىغا چىقىپ، گۇەنچېڭنىڭ ئومۇمىي قىياپىتىنى كۆزدىن كەچۈردى، خېشى كارىدورى سەددىچىن سېپىلى، گۈەنيىنىڭ تارىخىي مەدەنىيەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى.

ئارقىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭ گەنسۇ ئۆلكىسى جاڭيې شەھىرى گاۋتەي ناھىيەسىگە بېرىپ، جۇڭگو ئىشچى دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىنىڭ غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى خاتىرە مۇنارى ۋە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا ئېھتىرام بىلدۈرۈپ، غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى ئىنقىلابىي قۇربانلىرىغا گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلدى ھەمدە جۇڭگو ئىشچى دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسى غەربىي يۆنىلىش ئارمىيەسى خاتىرە سارىيىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.

شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن، باش شۇجى شى جىنپىڭ جاڭيې شەھىرى شەندەن ناھىيەسىدە شەندەن پېيلى مەكتىپى ۋە شەندەن بەيگە مەيدانىغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، شۇ جايدىكى كەسپىي مائارىپ بويىچە تەربىيەلەش ۋە چىليەنشەننىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش،قوغداش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى.

1124900043_15663094430311n.jpg
1124900195_15663220507681n.jpg
1124897634_15662738206551n.jpg
F201908201651394296700379.jpg
1124895154_15662168464281n (1).jpg