شى جىنپىڭ مۇخبىرلار «مۇخبىرلار ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش» باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتىگە مۇھىم يوليورۇق بەردى
0
2019-08-19 18:38:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىلنۇرە رەھىمبەگ

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا «مۇخبىرلار ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش» باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتىگە مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىغا 70 يىل بولغان، پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېما تەربىيەسى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇلىۋاتقان پەيتتە، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ قانات يايدۇرغان «مۇخبىرلار ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش» باش تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتىدە، ھەيۋەتلىك، دۇنيانى زىلزىلىگە سالىدىغان ئىنقىلابىي ھىكايىلەر يەنە بىر قېتىم جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلدى. بۇ، ھايات ۋە ئىسسىق قان بىلەن يۇغۇرۇلغان ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى شەرھىلەشتە ئىنتايىن زور ئەھمىيەتكە ئىگە.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى كۈچلۈك روھى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ. پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنىڭ پارتىيەنىڭ تارىخىنى، يېڭى جۇڭگونىڭ تارىخىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، قىزىل ھاكىمىيەتنىڭ، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزىمنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەنىڭ ئەسلى مەقسىتى ۋە بۇرچىنى، پارتىيەنىڭ خاراكتىرى ۋە باش مەقسىتىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، غايە ئېتىقادىنى چىڭىتىپ، پارتىيەنىڭ نەزەرىيە ۋە لۇشيەن فاڭجىن-سىياسەتلىرىنى قەتئىي بوشاشماي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئالغا ئىلگىرىلەش يولىدىكى «لوشەن ئۆتكىلى»، «لازى ئۆتكىلى» دىن ئۈزلۈكسىز ھالقىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تارىخىي مۇساپىسىدا يېڭى دەۋرنىڭ ئۇزۇن سەپىرىنى ياخشى بېسىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

1124876854_15658246978751n.jpg
1.jpg