«شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتاب ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، شىنجاڭدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى
0
2019-08-19 18:36:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :گۈزەلنۇر روزى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 19-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى 8-ئاينىڭ 16-كۈنى «شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، شىنجاڭدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى.

شىنجاڭنىڭ كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇشى تېررورىزم، دىنى ئەسەبىزمنى مەنبىيىدىن يوقىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ، بۇ پۈتۈنلەي كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرى. خەلقئارادىكى بىر قىسىم باشقىچە نىيىتى بار كىشىلەر ئىدېئولوگىيە جەھەتتىكى بىر تەرەپلىمە قاراش ۋە يۇشۇرۇن مەقسەتنى چىقىش قىلىپ، ھەر خىل شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭنىڭ تەلىم-تەربىيە مەركىزىگە قارا چاپلاپ، شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش ئۈچۈن كۆرسەتكەن غايەت زور تىرىشچانلىقىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇندى. «شىنجاڭدىكى كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە خىزمىتى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا نۇرغۇن پاكىتلار ئارقىلىق بۇنىڭغا كۈچلۈك قايتۇرما زەربە بېرىلدى. قەشقەر ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت، رادىيو-تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ئابدۇجاپپار مىجىت ئاق تاشلىق كىتابنىڭ تولۇق تېكىستىنى ئوقۇغاندىن كېيىن مۇنداق دېدى: «تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ شىنجاڭنىڭ مۇقىملىقىغا قوشقان ئىجابىي تۆھپىسىنى چوڭقۇر ھېس قىلدىم. تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، ۋىلايىتىمىز تېررورىزم، دىنى ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش، يامراش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى كۈچەپ تۈگىتىپ، تېررورلۇق ھەرىكەتلىرىنىڭ كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى ئۈنۈملۈك توسۇپ، ھەر مىللەت خەلقنىڭ ھاياتلىق ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى قاتارلىق ئاساسىي ھوقۇقلىرىغا ئەڭ زور دەرىجىدە كاپالەتلىك قىلدى، مۇقىملىق ۋەزىيىتى داۋاملىق ياخشىلاندى، مۇقىملىقنىڭ پايدىسى ئۈزلۈكسىز كۆرۈلدى. قەشقەر ۋىلايىتى 1-ئايدىن 7-ئايغىچە، كۈتۈۋالغان ساياھەتچى 7 مىليون 486 مىڭ ئادەم قېتىمغا يېتىپ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 68.7 ئاشتى، بۇ شىنجاڭنىڭ، قەشقەر ۋىلايىتىمىزنىڭ مۇقىم، ئىناق ئىكەنلىكىنى، «بىزنىڭ شىنجاڭنىڭ ياخشى جاي» ئىكەنلىكىنى كۈچلۈك چۈشەندۈرىدۇ. دۇنياغا ئىناق، مۇقىم، گۈزەل شىنجاڭنى يەنىمۇ نامايان قىلىش ئىرادىمىز، ئىقتىدارىمىز بار.

كەسپىي ماھارەت تەلىم-تەربىيە مەركىزى تەربىيەلەنگۈچىلەرنى ئۆگىنىش، تۇرمۇش جەريانىدا، قارىشىنى ئۆزگەرتىشكە يېتەكلەشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرىنى ئۆز-ئارا ھۆرمەتلەش، كىيىم-كېچەك، يېمەك-ئىچمەك، تۇرار جاي، يۈرۈش-تۇرۇش، توي-تۆكۈن، ئۆلۈم-يېتىم، قائىدە-مۇراسىم، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىق جەھەتلەردە زامانىۋى جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات تەلىپىگە ماسلىشىشنى تەشەببۇس قىلدى ھەمدە زامانىۋى مەدەنىيلىك ئىدىيەسىنى زور كۈچ بىلەن تارقىتىپ، تەربىيەلەنگۈچىلەرنى كونا قائىدە، ناچار ئىللەتلەرنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇردى. تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنىڭ ئاكتىپ تەسىرىدە، شىنجاڭنىڭ جەمئىيەت كەيپىياتى روشەن ياخشىلاندى. خوتەن شەھىرى گۇجانباغ يېزىسى گۈلباغ كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى لى يۇڭئېن چوڭقۇر تەسىرلىنىپ مۇنداق دېدى: «كەنتنىڭ ئىجتىمائىي كەيپىياتى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، توغرا كەيپىيات ئەۋج ئالدى، ناچار كەيپىيات تۈگىتىلدى، دىنى ئەسەبىزمنىڭ تارقىلىشى ئاڭلىق توسۇلدى، زامانىۋى پەن-تېخنىكا بىلىملىرى، مەدەنىي تۇرمۇش ئادىتىگە ئىنتىلىشتەك ئىجتىمائىي كەيپىيات كۈنسېرى قويۇقلاشتى. نۇرغۇن كىشىلەر شىنجاڭنىڭ بۈگۈنكى ياخشى ۋەزىيىتىنىڭ ئاسان قولغا كەلمىگەنلىكىنى ھەقىقىي ھېس قىلدى.

شىنجاڭ تەلىم-تەربىيە خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق، تېررورىزم ۋە ئەسەبىزم جەھەتتە قانۇنغا خىلاپ قىلغان ياكى جىنايى قىلمىش سادىر قىلغانلارنى ئەڭ زور چەكتە قۇتقۇزدى، تېررورىزم، دىنى ئەسەبىزمنىڭ پەيدا بولۇش تۇپرىقى ۋە شارائىتىنى ئەڭ زور دەرىجىدە تۈگەتتى، پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىنىڭ تېررورىزم، دىنى ئەسەبىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماسلىقىغا ئەڭ زور چەكتە كاپالەتلىك قىلىپ، ياخشى ئۈنۈمگە ئېرىشتى. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم پارتىيە مەكتىپى (شىنجاڭ مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) مىللەت، دىن نەزەرىيىسى كافېدراسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، دوتسېنت گو يىخەي مۇنداق دېدى: « ئاق تاشلىق كىتابتا شىنجاڭنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش ئۆلچىمى يەنىمۇ تەكىتلەندى، كەڭچىلىك قىلىش بىلەن قاتتىق جازالاشنى بىرلەشتۈرۈش خىزمەت پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇلدى، شىنجاڭنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنىڭ خىزمەت ئالاھىدىلىكى گەۋدىلەندۈرۈلدى، بۇ بىزنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرغانلىقىمىزنىڭ مۇھىم ئىپادىسى. ئاق تاشلىق كىتابتا ھەم دۇنياۋى نەزەر بىلەن دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئۇسۇللىرى ئەينەك قىلىنىپ قوبۇل قىلىنىپتۇ، ھەم شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خىزمىتى، شىنجاڭنىڭ ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش خىزمىتىنىڭ ئەمەلىي تەجرىبىلىرى يەكۈنلىنىپ، يەر شارىدا ئەسەبىزمنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنىڭغا زەربە بېرىش جۇڭگو ئەقىل-پاراسىتى ۋە جۇڭگو لايىھەسىگە ئىگە قىلىنىپتۇ.

1124876854_15658246978751n.jpg
1.jpg