شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئۆگىنىش تەلىم تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى كۆزىتىش، تۈزىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، باش تېمىلىق تەربىيەنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولدى
0
2019-08-18 17:03:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئادىل ئابلەت

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەسى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، مۇھىم نۇقتىنى شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۆگىنىش تەلىم-تەربىيە، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، مەسىلىلەرنى كۆزىتىش، تۈزىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈپ، باش تېمىلىق تەربىيەنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى چىڭ ۋە ئەمەلىي تۇتتى.

باش تېمىلىق تەربىيەنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، قەلبتىن چوڭقۇر ئورۇن ئېلىشى، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلىشىگە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى باش بولۇپ، بىر ھەپتىلىك يېپىق شەكىلدىكى كوللېكتىپ ئۆگىنىشنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، تۇنجى تۈركۈمدىكى 94 ئورۇن، 86 مىڭ پارتىيە ئەزاسىغا باشلامچى بولۇپ، ئاڭلىق تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆگىنىش، ۋاقتىدا ئەگىشىپ ئۆگىنىش، ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ ئۆگىنىش، چىن كۆڭلىدىن قېتىرقىنىپ ئۆگىنىشنى ھەقىقىي ئىشقا ئاشۇردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو مۇنۇلارنى بىلدۈردى: يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پۈتۈن پارتىيەدە «ئەسلىي مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى قارار قىلغانلىقى ئىنتايىن زۆرۈر، ۋە ئىنتايىن دەل ۋاقتىدا بولدى. بىز شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىپ چۈشىنىش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئەمەلىي ئىشلەشنى مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىش، ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇش، قائىدىنى چۈشىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، «تۆت ئاڭ»نى تېخىمۇ مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇردۇق.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىگە بىرلەشتۈرۈپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش، پارتىيەنىڭ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئاساسىنى پۇختىلاش قاتارلىق 12 جەھەتتىكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش مۇھىم نۇقتىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى؛ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ئاساسلىق مەسئۇللىرى شەھەر-بازار، يېزا-كەنت ۋە كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش 1-سېپىگە بېرىپ، مۇقىملىق ۋە تەرەققىياتنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان قىيىن مەسىلىلەرنى نەق مەيداندا ئىگىلەپ، تىرىشىش يۆنىلىشى ۋە ياخشىلاش تەدبىرلىرىنى ئايدىڭلاشتۇردى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى چېن چۈەنگو مۇنداق دېدى: بىز مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق مەسىلىسى ھەمدە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش ئەمەلىيلەشتۈرۈش جايىدا بولماسلىق مەسىلىسىنى يەنىمۇ تۈزىدۇق. بىز ئىدىيەۋى مەسىلە بىلەن خىزمەت مەسىلىسىنى تەڭ ئۆزگەرتىشتە چىڭ تۇرۇپ، كونا مەسىلىلەر بىلەن يېڭى مەسىلىلەرنى تەڭ تۈزىتىپ، بىر تەرەپتىن تەكشۈرۈپ، بىر تەرەپتىن تۈزىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلقى ئاممىسىغا باش تېمىلىق تەربىيەنىڭ نەتىجىلىرىنى ھېس قىلدۇردۇق.

باش تېمىلىق تەربىيەدە، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ يېزىلىرىدىكى ئارتۇق ئەمگەك كۈچلىرىنى يۆتكەشنى چۆرىدەپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى دېھقان ئىشلەمچىلەر خىزمىتى باشقارمىسىنىڭ باشلىقى لى خۇڭۋۇ مۇنداق دېدى: بىرىنچىدىن، يېزىلىرىمىزدىكى ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش ماھارىتى يەنىلا ئاجىز. ئىككىنچىدىن، ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالىتىنىڭ ئۆلچەملىشىش ۋە جايلىشىشىنى ئىگىلەش مەلۇم دەرىجىدە كېچىكىش خاراكتېرىگە ئىگە.

بايقالغان مەسىلىلەرگە قارىتا، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى مەسىلە تىزىملىكىنى شەكىللەندۈرۈپ، بىر تەرەپتىن بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن زاكاز قىلىش، ئىش ئورنىنى بېكىتىش، نىشانلىق تەربىيەلەشنى قانات يايدۇردى؛ يەنە بىر تەرەپتىن يېزا ئەمگەك كۈچلىرى سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇپ، يۆتكەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئۆلچەملەشتۈرۈپ باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى. قاراقاش ناھىيەسىدىكى ئابدۇللا قارى يېقىندا ماھارەت جەھەتتىن تەربىيەلىنىش ئارقىلىق ئۈرۈمچىدە لاياقەتلىك شوپۇر بولدى.

ھازىرغىچە شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى باش تېمىلىق تەربىيەگە قاتناشقان ئورۇنلار 2600دىن ئارتۇق مەخسۇس تۈزەش مەسىلىسىنى بېكىتىپ، 3600 دىن ئارتۇق تۈزىتىش تەدبىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.










1.jpg
1124876854_15658246978751n.jpg
640.webp (3).jpg
F201908071606365556703570.jpg