ئېلىمىزنىڭ شەھەرلەر توپى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولدى
0
2019-08-18 16:39:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىمىنجان ئىسمائىل

[شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە- يېڭى دەۋر، يېڭى نەتىجە، يېڭى سەھىپە] ئېلىمىزنىڭ شەھەرلەر توپى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولدى، شەھەرلەر توپىنىڭ مەركەزلىشىش ۋە تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى سىجىل كۈچەيدى، رايون ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىياتىغا تىرەك بۇلۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشىلاندى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

شەھەرلەر توپى ئېلىمىزدىكى يېڭىلىق يارىتىش ئامىللىرى مەركەزلەشكەن، نوپۇس زىچلىقى يۇقىرى، كەسىپ رىقابەت كۈچى كۈچلۈك، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى ئەڭ ياخشى رايون. بۇ يىل 7-ئاينىڭ 30-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئىقتىسادىي ۋەزىيەتنى تەھلىل قىلىپ ۋە تەتقىق قىلىپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىسادى خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇردى. يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: تۈزۈلمە، مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئاشۇرۇپ، زور ئىستراتېگىيەلەرنىڭ يولغا قويۇلۇش قەدىمىنى تېزلىتىپ، شەھەرلەر توپىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ شەھەرلەر توپى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەش بولدى، شەھەرلەر توپىنىڭ مەركەزلىشىش ۋە تۈرتكە بولۇش ئۈنۈمى سىجىل كۈچەيدى، رايونلار، ھەتتا پۈتۈن مەملىكەتنىڭ تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش ۋە مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارى تېخىمۇ ياخشىلاندى.

شەھەرلەر توپى يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇشنىڭ ئاساسىي شەكلى، پۈتۈن مەملىكەت ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا تىرەك بولىدىغان، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتى، خەلقئارا رىقابەت ۋە ھەمكارلىققا قاتنىشىشنى ئىلگىرى سۈرىدىغان مۇھىم سۇپا. باش شۇجى شى جىنپىڭ 19-قۇرۇلتاي دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: شەھەرلەر توپىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ۋە كىچىك شەھەر-بازارلار ماس تەرەققىي قىلىدىغان شەھەر-بازار ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى تېزلىتىش كېرەك. بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا پىلانلاپ، يۇقىرى ئۆلچەملىك قۇرۇپ چىقىش كېرەك.

نۆۋەتتە، « 13-بەش يىللىق پىلان پىروگراممىسى» دا ئايدىڭلاشتۇرۇلغان 19 شەھەر توپىغا ئېلىمىزنىڭ %78 نوپۇسى ماكانلاشقان، %80تىن ئارتۇق ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى ياراتتى. بۇنىڭ ئىچىدە بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي، چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنى قاتارلىق جايلاردىكى شەھەرلەر توپى %10.4 يەر كۆلىمى، %40 كە يېقىن نوپۇسى بىلەن ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ياراتتى.

دۆلەتلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مېڭ ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى : بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېي، جۇجياڭ دېلتىسى، چاڭجياڭ دېلتىسى قاتارلىق شەھەرلەر توپى جايلاشقان رايونلارنىڭ تەرەققىياتى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈلدى؛ چېڭدۇ-چۇڭچىڭ، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىنى، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك، خاربىن-چاڭچۈن، بېيبۇ قولتۇقى قاتارلىق ئۆلكە، ئاپتونوم رايون ھالقىغان شەھەرلەر توپىنىڭ خىزمەت مېخانىزمى تېخىمۇ مۇكەممەللەشتى، ئۇل ئەسلىھەلىرى تېخىمۇ راۋانلاشتى، بازارلىرى تېخىمۇ بىرلىككە كەلدى، تەرتىپلىك بولدى، ئاممىۋى مۇلازىمىتى تېخىمۇ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق بەھرىمەن بولدى، شەھەرلەر توپى ئىچىدىكى شەھەر چەمبىرىكىنىڭ تەرەققىيات قەدىمى كۆرۈنەرلىك تېزلەشتى؛ نۇرغۇن ئۆلكىلەردىكى شەھەرلەر توپى قۇرۇلۇشىمۇ تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.

بېيجىڭ، تيەنجىن، خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى دۆلەت ئىستراتېگىيەسىگە كۆتۈرۈلگەن بەش يىلدىن بۇيان، ئۈچ جاينىڭ ئەۋزەللىكى بىر-بىرىنى تولۇقلاش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئورتاق پايدا ئېلىش يېڭى ئەندىزىسىمۇ تەدرىجىي ئايدىڭلاشتى. جۇڭگو تيەنجىن چەتئەل پاراخوتى ۋاكالەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى جەي شىن مۇنداق دەپ قارىدى: ئۈچ جاينىڭ بىر تۇتاش پىلانلىنىشى رايون توسۇقىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كارخانىلارنى تېخىمۇ كۆپ ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى. جەي شىن مۇنداق دېدى: بوخەي دېڭىزى تارماق لىنىيەسى ئېچىلغاندىن كېيىن، ئامېرىكىدىن خېبېيغا مال ئىمپورت قىلغاندا، خېرىدارلار بېيجىڭ-تاڭشەن پورتىدا تاموژنا ئىشلىرىنى تاماملىسا بولىدۇ، ھەر بىر ساندۇق مالدىن 1000 يۈەندىن كۆپرەك خىراجەتنى ئازايتقىلى بولىدۇ.

شاڭخەي چاڭجياڭ دېلتىسىدىكى دۇنيا دەرىجىلىك شەھەرلەر توپىدىكى يادرولۇق شەھەر بولۇپ، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە باشلامچىلىق ۋە تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ. تەرەققىي قىلغان قاتناش ۋە ئەشيا ئوبوروت تورىنىڭ تۈرتكىسىدە، بۇلۇت ھېسابلاش، نەرسە تورى، ئاپتوموبىل توپلاشتۇرۇلغان توك يولى قاتارلىق كەسىپلەر چاڭجياڭ دېلتىسىدا پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى تېزلەتمەكتە. نەنجىڭ جياڭبېي يېڭى رايونى پارتىيە خىزمىتى كومىتېتىنىڭ مەخسۇس مۇئاۋىن شۇجىسى لو چۈن مۇنداق دېدى : كەسىپ جەھەتتە بىز ئۆزەك شەھىرى، گېن شەھىرى ۋە يېڭى پۇل مۇئامىلە مەركىزى بەرپا قىلىمىز. بىز جياڭبېي يېڭى رايونىغا تايىنىپ، يۇقىرى يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەرنى بەرپا قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، ئەتراپنى مۇلازىمەت بازىسى، ئىشلەپچىقىرىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرىمىز.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭجۇ، شېنجېن ۋە جۇجياڭ دېلتىسىدىكى ھەر قايسى چوڭ شەھەرلەر زامانىۋىلاشقان شەھەرلەر توپىنى شەكىللەندۈردى، بۇ يىل 2 - ئايدا بېسىپ تارقىتىلغان «گۇاڭدۇڭ شياڭگاڭ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ تەرەققىيات پىلان پىروگراممىسى» دا يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا گۇاڭدۇڭ شياڭگاڭ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنى خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قولتۇق رايونى ۋە دۇنيا دەرىجىلىك شەھەرلەر توپى قىلىپ قۇرۇپ چىقىش نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۆلكە باشلىقى ما شىڭرۈي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: قائىدىنى ئۆزئارا جىپسىلاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى مەخسۇس پىلانىنى تۈزۈشنى تېزلىتىپ، قول تۇتۇشۇپ خەلقئارادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان قولتۇق رايونى ۋە دۇنيا دەرىجىلىك شەھەرلەر توپىنى قۇرۇپ، مەملىكەت بويىچە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىدىغان مۇھىم ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ مەنبەسى بەرپا قىلىمىز.

مەركىزىي شەھەرلەر چەمبىرىكى شەھەرلەر توپىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەر ياكى تەسىر كۆرسىتىش، تۈرتكە بولۇش ئىقتىدارى كۈچلۈك چوڭ شەھەرلەرنى مەركەز، بىر سائەتلىك بېرىش-كېلىش چەمبىرىكىنى ئاساسىي دائىرە قىلغان شەھەر-بازارلاشتۇرۇش بوشلۇقى شەكلى. بۇ يىلنىڭ بېشىدا گوۋۇيۈەننىڭ تەستىقلاپ قوشۇلۇشى بىلەن شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ لەيۋۇ شەھىرى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى، ئۇنىڭغا قاراشلىق رايونلار جىنەن شەھىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، جىنەن شەھىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك شەھەر چەمبىرىكى شەكىللەنمەكتە. ئەسلىدىكى لەيۋۇ شەھىرىدىكى لىچۇاڭ پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ئاساسلىقى ئىسسىقلىق ئۆلچەش سائىتى ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، شىركەتنىڭ باش ئىنژېنېرى چيۇ دېخۇا مۇنداق دېدى: ئىلگىرى لەيۋۇدا كارخانا ئېھتىياجلىق بولغان توپلاشتۇرۇلغان توك يولى لايىھەلەش سۇپىسى يوق ئىدى، ھازىر كارخانا جىنەن لەيۋۇ ھەمكارلىق رايونى سۇپىسىدىن پايدىلىنىپ، تېخنىكا، مەبلەغ ۋە ئىختىساسلىقلار مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئۆزىكىنى تەتقىق قىلىپ چىقتى.

2017-يىلى 11-ئاينىڭ 10-كۈنى، رەئىس شى جىنپىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ 25-قېتىملىق رەھبەرلەر بىرەسمىي يىغىنىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى: بىز رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى مېخانىزمى، يېڭى يولى ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدىنىپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇپ، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونى،گۇاڭدۇڭ شياڭگاڭ ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى، دۇنيا دەرىجىلىك شەھەرلەر توپى قۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى بەرپا قىلىمىز.

دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى مېڭ ۋېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: كېيىنكى قەدەمدە شەھەرلەر توپىنىڭ تەرەققىياتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەرلەر توپىنىڭ ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەرنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەرلەر توپىنىڭ يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئېنېرگىيەسىنى ئۇرغۇتۇپ، يېڭى رىقابەت كۈچىنى يارىتىپ، رايونلارنىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرىمىز.

چىڭخۇا داشۆسى جۇڭگو يېڭىچە شەھەر-بازارلاشتۇرۇش تەتقىقات يۇرتىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن باشلىقى يىن جى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى : كەلگۈسى 5 يىلدىن 10 يىلغىچە چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى شەھەرلەر توپى شەھەرلەر توپى ئۆلچىمىدە رايون ھەمكارلىقىنى بىۋاسىتە ئىشقا ئاشۇرغاندىن باشقا، پىلانلىنىۋاتقان مۇتلەق كۆپ قىسىم «2+19» شەھەرلەر توپى مەركىزىي شەھەرلەرنىڭ كۈچەيتىش باسقۇچى ۋە يادرولۇق زامانىۋى مەركىزىي شەھەر چەمبىرىكىنى يېتىلدۈرۈش، ئۆستۈرۈش باسقۇچىدا تۇرماقتا، بۇ بىزنىڭ كەلگۈسى 5 يىلدىن 10 يىلغىچە بولغان ۋاقىتتىكى تەرەققىيات مۇھىم نۇقتىمىز بولۇشى مۇمكىن.

 

1.jpg
1124876854_15658246978751n.jpg
640.webp (3).jpg
F201908071606365556703570.jpg