ئېلىمىز «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلىك قىلىش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىدۇ
0
2019-08-17 15:51:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئادىل ئابلەت

نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنىڭ ھالقىلىق مەزگىلىگە كىردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭدا «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلىك قىلىش» گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جايلار، تارماقلار چوقۇم يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، غەيرەت قىلىپ، بارغانسېرى قەيسەرلىك باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلىك قىلىش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، بۇ يىل ۋە كېلەر يىلى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىنى پۇختا ئىشلەپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە ئۆز ۋاقتىدا ئومۇميۈزلۈك غەلىبە قىلىش، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن يېڭىدىن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك. جايلار «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلىك قىلىش»قا تەسىر كۆرسىتىدىغان گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە قاتتىق دىققەت قىلىپ، نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىدە غەلىبىنى ئۆز قەرەلىدە قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.

جياڭشى ئۆلكىسى گەنجۇ شەھىرى ئەنيۈەن ناھىيەسى جېنگاڭ يېزىلىق شىپاخانىسىغا بارسىڭىز، بۇ يەرنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى تولۇق، داۋالاش ئىقتىدارى مۇكەممەل، تازىلىق مۇھىتى ئىلگىرىكى كونا، ئاددىي داۋالاش مۇھىتى بىلەن روشەن سېلىشتۇرما ئىكەنلىكىنى بايقايسىز. ئەنيۈەن ناھىيەسى ئىلگىرى دۆلەت دەرىجىلىك نامرات ناھىيە ئىدى.2014-يىلىدىن باشلاپ، ئەنيۈەن ناھىيەسى 1 مىليارد 112 مىليون يۈەن مەبلەغ سېلىپ، ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرىنى ئۆلچەملەشتۈرۈش قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، داۋالاش مۇھىتىنى ئۈزۈل-كېسىل ياخشىلىدى.

قانداق قىلىپ «كېسەل يىلتىزى»نى «نامراتلىق يىلتىزى»غا ئايلاندۇرمىدى؟ جياڭشى ئۆلكىسىنىڭ گەنجۇ شەھىرى «شەھەر-يېزا ئاھالىلىرى داۋالىنىش سۇغۇرتىسى»، «ئېغىر كېسەللەر سۇغۇرتىسى»، «نامرات ئاھالىنىڭ داۋالىنىش تولۇقلىما سۇغۇرتىسى»، «داۋالاش-قۇتقۇزۇش»تىن ئىبارەت تۆت خىل داۋالىنىش كاپالىتىنى بەرپا قىلدى؛ تولۇقلىما بېرىلگەندىن كېيىن شەخسلەر ئۈستىگە ئېلىش نىسبىتى %9.07 بولدى.

ھازىرغىچە 2019-يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، مەملىكەت بويىچە نامرات بىمارلارنىڭ داۋالىنىش خىراجىتىدە شەخسلەر ئوتتۇرىچە ئۆزى تۆلەش نىسبىتى %10 ئەتراپىدا كونترول قىلىندى. ئېغىر كېسەللەرنى مەخسۇس داۋالاش تۈرى مەملىكەت بويىچە 25 خىلغا كېڭەيتىلدى. دۆلەتلىك سەھىيە ساغلاملىق كومىتېتى نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى خې جىنگو مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ ئاخىرىغىچە يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئىككى دەرىجىلىك داۋالاش ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملىرى كەمچىل بولۇش مەسىلىسى ئومۇميۈزلۈك تۈگىتىلدۇ.

2020-يىلىغا بارغاندا، يېزىلاردىكى نامرات ئاھالىلەر يېمەك-ئىچمەك، كىيىم-كېچەكتىن غەم قىلمايدىغان بولىدۇ؛ مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئاساسىي داۋالىنىش، تۇرالغۇ ئۆي بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئىگە قىلىنىدۇ، مانا بۇ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلىك قىلىش»، نامرات ئاھالىنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئاساسىي تەلىپى ۋە يادرولۇق كۆرسەتكۈچى بولۇپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنىڭ سۈپىتىگە بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك. بۇ يىل 4-ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ چۇڭچىڭدا «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلىك قىلىش»تىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچقاندا ئېنىق يوليورۇق بەردى.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ تەتقىق قىلىپ ۋە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بۇ قېتىمقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش مەخسۇس كۆزىتىش ۋە ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈشتە نۇرغۇن گەۋدىلىك مەسىلىلەر ۋە ئورتاق مەسىلىلەر بايقالدى. جايلار، تارماقلار ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈپ ۋە تۈزىتىپ، تۈرلۈك مەسىلىلەرنى دەل جايىدا تۈزىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، كېلەر يىللىق خىزمەتلەرگە ياخشى ئاساس سېلىشى كېرەك.

گۇيجۇ ئۆلكىسى چيەندۇڭنەن ئوبلاستى جېنيۈەن ناھىيەسى چىڭشى بازىرى خۇشەن باشلانغۇچ مەكتىپىدە ئائىلىسىدە قالغان 200 دىن ئارتۇق بالا بار. 6-يىللىقتىكى ليۇ شياۋتىڭنىڭ ئاتا-ئانىسى سىرتقا ئىشلىگىلى چىقىپ كەتكەچكە، ھەر كۈنى چۈشلۈك تاماقنى مەكتەپتە يەيدۇ،چۈنكى چۈشتە تاغ يولىدا مېڭىپ ئۆيگە بارمىسا بىر سائەتتىن كۆپرەك ۋاقتى تېجىلىپ قالىدۇ.

جېنيۈەن ناھىيەلىك مائارىپ-پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ياڭ ئەنپىڭ مۇنداق دېدى: 2014-يىلىدىن بۇيان، جېنيۈەن ناھىيەسىدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوزۇقلۇقىنى ياخشىلاش پىلانى ياردەم پۇلى 70 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، يېزىلاردىكى 120 مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇغۇچىغا نەپ يەتكۈزۈلدى.

ھازىر ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا يەنە ئىككى يىل ۋاقىت قالدى، نامرات ئاھالىنىڭ «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلىك قىلىشى»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ۋاقتى قىس، ۋەزىپە ئېغىر. گوۋۇيۈەن نامراتلارنى يۆلەش تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يېقىندا پىكىر تارقىتىپ، جايلار، تارماقلار مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش، قويۇۋېتىش بىلەن باشقۇرۇشنى بىرلەشتۈرۈش تەلىپى بويىچە، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق، ئۈچتە كاپالەتلىك قىلىش» تۈرىنى تەستىقلاش ھوقۇق دائىرىسىنى تۆۋەنگە چۈشۈرۈپ، تەستىقلاش ھالقىلىرىنى ئازايتىپ ۋە ئاددىيلاشتۇرۇپ، خىزمەت تەرتىپىنى ياخشىلاپ، تۈرلەرنى يولغا قويۇش سۈرئىتىنى تېزلىتىشى كېرەك، دەپ ئېنىق كۆرسەتتى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھالقىلىق باسقۇچقا كىردى، خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، تولۇق غەلىبە قىلمىغىچە ھەرگىز چېكىنىشكە بولمايدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، «ئىككىدىن غەم قىلدۇرماسلىق» ئاساسىي جەھەتتىن ھەل بولدى، «ئۈچتە كاپالەتلىك قىلىش»تا يەنە نۇرغۇن ئاجىز ھالقىلار مەۋجۇت. جايلار، تارماقلار يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. تېگى-تەكتىنى ئېنىقلاپ، دىققەتنى گەۋدىلىك مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ۋاقىت جەدۋىلى ۋە پىلاننى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، خىزمەت سالمىقىنى زورايتىپ، قاتتىق تەدبىر ۋە چارىلەرنى چىقىرىپ، ۋەزىپىنى ئۆز قەرەلىدە تاماملاشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

 

1.jpg
1124876854_15658246978751n.jpg
640.webp (3).jpg
F201908071606365556703570.jpg