شى جىنپىڭ بولسونارو بىلەن ئۆز-ئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللاشتى
0
2019-08-16 11:03:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :گۈزەلنۇر روزى

شى جىنپىڭ بولسونارو بىلەن ئۆز-ئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى تەبرىكلىدى

دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تۈنۈگۈن بىرازىلىيە فېدېراتسىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ زۇڭتۇڭى بولسونارو بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى يوللىشىپ، ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 45 يىللىقىنى تەبرىكلىدى.

شى جىنپىڭ تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر ۋە مۇھىم گۈللەنمە بازار دۆلەتلىرى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 45 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتى تارىخنىڭ سىناقلىرىدىن ئۆتۈپ، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقتا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە ئەمەلىي نەپ ئېلىپ كەلدى، شۇنداقلا تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ھەمكارلىشىشى، بىرلىكتە تەرەققىي قىلىشىدىكى ئۈلگىگە ئايلاندى. ھازىر جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيە دۆلەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرماقتا، ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور، ئىستىقبالى ئىنتايىن پارلاق. مەن جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنى راۋاجلاندۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىمەن، زۇڭتۇڭ بولسونارو بىلەن جۇڭگو-بىرازىلىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پىلانىنى بىرلىكتە تۈزۈپ، جۇڭگو بىلەن بىرازىلىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، گۈللىنىشىنى قوغداش ئۈچۈن يېڭى تۆھپە قوشۇشنى خالايمەن.

بولسونارو تەبرىك تېلېگراممىسىدا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەت ئورتاق تەرەققىيات نىشانىغا باشتىن-ئاخىر ئەمەل قىلىپ كەلدى، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقى كۆپ مەنبەلىشىپ پىشىپ يېتىلدى، ھەمكارلىق مېخانىزمى كۈنسېرى مۇكەممەللەشتى، بىز بۇنىڭدىن ئىپتىخارلىنىمىز. ئىككى دۆلەتنىڭ سودا ۋە ئۆزئارا مەبلەغ سېلىشى سىجىل ئاشتى، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى ياخشى بولدى، بۇ بىرازىلىيە-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ماھىيىتىنى تولۇق نامايان قىلدى. بۇ يىل ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى قاتلام ئالاقىسى كۆپەيدى، ھۆكۈمەتلەر ئارا سۆزلىشىش راۋان بولدى. مەن رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن بىرلىكتە بىرازىلىيە بىلەن جۇڭگونىڭ شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى يولىنى بىرلىكتە پىلانلاپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىشنى خالايمەن.

 

1.jpg
1124876854_15658246978751n.jpg
640.webp (3).jpg
F201908071606365556703570.jpg