​تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك
0
2019-08-15 18:05:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئىلنۇرە رەھىمبەگ

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە بىر يۈرۈش مۇھىم ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىلارنى چىقاردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ نۇرغۇن سورۇنلاردا: جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى تاقالمايدۇ، تېخىمۇ كەڭ ئېچىۋېتىلىدۇ، دەپ تەكىتلىدى.

تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنى ئوتتۇرىغا قويۇش-يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئېلىمىزنىڭ ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەلىك يۆنىلىشىنىڭ يەنە بىر قېتىم جەزمىلەشتۈرۈلۈشى بولۇپ، ھەم يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتنىڭ ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولىدۇ ھەم يەر شارىغا ئۈزلۈكسىز پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش 2018-يىلى مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدىكى ئېچىۋېتىش توغرىسىدىكى يېڭى بايان. شۇ قېتىمقى يىغىندا : ئېچىۋېتىشنى ھەر تەرەپلىمە ئىلگىرى سۈرۈش تەلەپ قىلىندى. يېڭى ۋەزىيەتكە ماسلىشىپ، يېڭى ئالاھىدىلىكنى ئىگىلەپ، تاۋار ۋە مۇھىم ئامىلنىڭ يۆتكىلىشىدىن ئىبارەت ئېچىۋېتىشتىن قائىدە قاتارلىق تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشكە قاراپ بۇرۇلۇش ياساش كېرەك. تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش دېگەن نېمە؟ تاشقى ئىقتىساد-سودا داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى تۇ شىنچۇەن مۇنداق دەپ چۈشەندۈردى: بىز ئىلگىرى دەيدىغان «ئېچىۋېتىش» ئاساسلىقى چېگرا تەدبىرىنى كۆرسىتەتتى، يەنى تاۋار، مەبلەغ سېلىش، مۇلازىمەتنىڭ بازار ئىجازىتى جەھەتتىكى ئېچىۋېتىشنى كۆرسىتەتتى. «تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش» تە ئەمەلىيەتتە چېگرا تەدبىرىدىن كېيىنكى تەدبىرلەرنى ئېچىۋېتىش تەكىتلىنىدۇ، يەنى ئوخشاش بولمىغان بازار سۇبيېكتىنىڭ دۆلەت چېگراسىغا كىرگەندىن كېيىنكى پۇقراۋى مۇئامىلە، ئادىل مۇئامىلە مەسىلىسىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ ئېلىمىزنىڭ خەلقئارا ئىقتىسادنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش دولقۇنىغا يېقىندىن ئەگىشىپ مېڭىش ئۇسۇلىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ.

ئۇنداقتا، ھازىرقى باسقۇچتا تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچى قەيەردە؟ سودا مىنىستىرلىقى تەتقىقات يۇرتى كەسىپنى خەلقئارالاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى سۈي ۋېيجې مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە مەيلى ئىسلاھات ئېچىۋېتىشنىڭ ئىچكى تەلىپى جەھەتتە بولسۇن، ۋە ياكى خەلقئارا ئىقتىساد-سودا قائىدىسىنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى جەھەتتە بولسۇن، ئېلىمىزدىن «تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش» كە تېزدىن بۇرۇلۇش ياساش تەلەپ قىلىندى.

سۈي ۋېيجې مۇنداق دېدى: بىرىنچى، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش ئېلىمىزنىڭ ئەۋزەللىكىنى ئايلاندۇرۇشنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، ئېلىمىز ئاساسلىق تاۋار ۋە مۇھىم ئامىلنى ئېچىۋېتىشنى ئاساسلىق ۋاسىتە قىلغان، بىراق ئەنئەنىۋى ئەۋزەللىكنىڭ تەدرىجىي ئاجىزلىشىشىغا ئەگىشىپ، بىز تۈزۈم قاتلىمىدىن يېڭى رىقابەت ئەۋزەللىكىنى بەرپا قىلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولدۇق؛ ئىككىنچى، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش نۆۋەتتىكى مۇلازىمەتچىلىكنى ئېچىۋېتىش ئاساس قىلىنغان يېڭى ئالاھىدىلىككە ئۇيغۇن، مۇلازىمەتچىلىكنى ئېچىۋېتىش بىلەن ئەنئەنىۋى ياسىمچىلىقنى ئېچىۋېتىش پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ. بۇنىڭدا سىستېمىلىق ئېچىۋېتىش تىپىدىكى ئىقتىسادىي يېڭى تۈزۈلمىنى تىرەك قىلىشقا توغرا كېلىدۇ؛ ئۈچىنچى، خەلقئارا ئىقتىساد-سودا قائىدىسىنىڭ يېڭى تەرەققىيات يۈزلىنىشىگە ئۇيغۇن.

«چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سېلىش قانۇنى» 2019-يىلى 3-ئايدا 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى. قانۇندا: جۇڭگو چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىغا ئىجازەتتىن بۇرۇنقى پۇقراۋى مۇئامىلە قوشۇلغان پاسسىپ تىزىملىكنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى يۈرگۈزىدۇ، دەپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بۇ ئېلىمىزنىڭ چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىدىكى تۈپ ئۆزگىرىش. چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىشىنى قانداق قىلغاندا يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرگىلى، قوغدىغىلى، ياخشى باشقۇرغىلى بولىدۇ؟ مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە ئالاقىدار تارماقلار بۇ قانۇننىڭ كېلەر يىلىدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، مۇناسىۋەتلىك يانداش قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى چىڭ تۇتۇپ تۈزۈۋېتىپتۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ 2019-يىلى 6-ئاينىڭ ئاخىرىدا يىگىرمە دۆلەت گۇرۇھى باشلىقلار يىغىنىدا بىر يۈرۈش مۇھىم تەدبىرلەرنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىلگىرى سۈرۈپ، سىرتقا ئېچىۋېتىشتە يېڭى سەۋىيەنى تېزدىن شەكىللەندۈرىمىز، دەپ جاكارلىدى. 6-ئاينىڭ 30-كۈنى،«مەملىكەت نۇسخىسى» بىلەن «ئەركىن سودا رايونى نۇسخىسى» دىكى چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ بازار ئىجازىتى پاسسىپ تىزىملىكى ئۆز مۇددىتىدە ئېلان قىلىندى. تاشقى مەبلەغنىڭ كېمە-پاراخوت ۋاكالەتچىسى، شەھەر يېقىلغۇ گازى، كىنوخانا، ئويۇن ۋاسىتىچىلىك ئاپپاراتى، قوشۇلما قىممەت تېلېگرافى، نېفىت گازىنى چارلاپ ئېچىش قاتارلىق يەتتە چوڭ ساھەگە كىرىشىگە قويۇلىدىغان چەكلىمە يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بوشىتىلدى ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئېلىمىزنىڭ پاسسىپ تىزىملىكنى قايتا-قايتا ئىخچاملىشى سىرتقا ئېچىۋېتىش، ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش قەتئىي ئىرادىسىنى ئارقا كۆرۈنۈش قىلغان. ئەنگلىيە نېفىت شىركىتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ باش مۇدىرى قوشۇمچە لىدىرى ياڭ يۇپىڭ بۇنى ماختاپ مۇنداق دېدى: سىرتقا ئېچىۋەتكەندىن كېيىن، قاتناشقۇچىلار كۆپىيىدۇ، رىقابەت تېخىمۇ كەسكىن بولىدۇ، دۇنيادىكى يېڭى تېخنىكا، يېڭى ئىدىيە، يېڭى مەبلەغنى جۇڭگوغا كىرگۈزۈپ، نېفىت گازىنى ئېچىشتا پايدىلانساق جۇڭگونىڭ نېفىت گازىنى ئېچىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشى تېخىمۇ ساغلام بولىدۇ.

گوۋۇيۈەن 2019-يىلى 8-ئايدا «جۇڭگو (شاڭخەي) ئەركىن سودا سىناق رايونى لىنگاڭ يېڭى رايونىنىڭ ئومۇمىي لايىھەسى» نى ئېلان قىلدى. لىنگاڭ يېڭى رايونى رەسمىي تەسىس قىلىندى. «لايىھە»گە ئاساسەن، يېڭى رايون ئىچىدە فىزىكىلىق قورشىما تور رايونى تەسىس قىلىنىپ، ياڭشەن ئالاھىدە ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايون قۇرۇلدى، خەلقئارا ئېتىراپ قىلىدىغان، رىقابەت كۈچى ئەڭ كۈچلۈك بولغان ئەركىن سودا باغچە رايونى قۇرۇش نىشانىنى مۇھىم گەۋدە قىلىپ، يۈكسەك دەرىجىدە ئېچىۋېتىلگەن خەلقئارا تىرانسپورتنى باشقۇرۇش يولغا قويۇلۇپ، يەر شارىدىكى تۈگۈن پورتلۇق ئىقتىدارى كېڭەيتىلدى ۋە ئۆستۈرۈلدى.

تۈرلەر بويىچە قەدەممۇ قەدەم ئىلگىرى سۈرۈلدى. جۇڭگونىڭ تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش قەدىمى پۇختا، كۈچلۈك بولدى. دۇنيا بانكىسى ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلغان «2019-يىللىق سودا مۇھىتى دوكلاتى»دا جۇڭگونىڭ سودا مۇھىتىنىڭ دۇنيادىكى ئورنى بىردىنلا 32 ئورۇن ئالدىغا ئۆتتى. ئالاقىدار ساھەلەرنىڭ ئىسلاھاتى «كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان دەرىجىدە تېز سۈرئەتتە ۋە ئۈنۈملۈك بولدى» دەپ ماختالدى. دۇنيا بانكىسىنىڭ ئالىي ئىقتىسادشۇناسى ما چىن مۇنداق دېدى: دوكلاتتىكى تەكشۈرۈش ھەر قايسى دۆلەت ياكى ھۆكۈمەتلەر تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇمات ئەمەس، بەلكى تەكشۈرگۈچىلەر تەشەببۇسكارلىق بىلەن تەكشۈرۈپ توپلىغان سانلىق مەلۇمات. ئۇ بۇ يىلقى يېڭى دوكلاتتا جۇڭگونىڭ دۇنيادىكى رەت تەرتىپىنىڭ يەنىمۇ ئالدىغا ئۆتىدىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ماچىن مۇنداق دېدى: ئالايلۇق، بېيجىڭ بىلەن شاڭخەيدە، كارخانىلىرىمىز بۇندىن بىر يىل ئىلگىرى رويخەتكە ئالدۇرماقچى بولسا 23 كۈندە پۈتەتتى، بۇ يىل سەككىز كۈندىلا پۈتىدىغان بولدى. بۇ بىر نەچچە ئايدا، بىز تېخىمۇ ھەيران قالارلىق دەرىجىدە شۇنى كۆردۇقكى، ۋاقىت تېخىمۇ قىسقىراپتۇ. بۇ يىل 11-ئايدا دۇنيا بانكىسىنىڭ يېڭى سودا مۇھىتى دوكلاتى ئېلان قىلىنىدۇ. جۇڭگونىڭ رەت تەرتىپى جەزمەن يەنە ئالدىغا سۈرۈلىدۇ، بۇ ئىگىلىك تىكلىگۈچىلەرگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم كۆرسەتكۈچ بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ تېز ئېشىشىنى ناھايىتى ياخشى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ 2-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرىدە ئېيتقاندەك، جۇڭگو بىر يۈرۈش مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، تۈزۈم تىپىدىكى، قۇرۇلمىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى كۈچەيتىپ، ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەدە ئىلگىرى سۈرىدۇ.

شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش تەدبىرى جۇڭگونىڭ ئىسلاھات، تەرەققىياتىنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆز ئالدىغا چىقارغان تاللىشى، بۇ ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە، خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇش ئىستىكىنى قاندۇرۇشقا، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى، تەرەققىياتىغا پايدىلىق. بىز شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن جۇڭگو دۇنيا بىلەن تېخىمۇ ياخشى ھەمتۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ۋە گۈللەنگەن جۇڭگونى ۋە دۇنيانى بەرپا قىلىدۇ.

1.jpg
1124876854_15658246978751n.jpg
640.webp (3).jpg
F201908071606365556703570.jpg