رايون ئورۇنلاشتۇرۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك
0
2019-08-14 10:57:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگونىڭ زېمىنى كەڭ، نوپۇسى كۆپ، ھەرقايسى رايونلارنىڭ تەبىئىي شارائىتى، بايلىق ئەۋزەللىكى، ئىقتىسادىي ئاساسىنىڭ پەرقى ناھايىتى چوڭ. پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگونىڭ كەلگۈسى ئىسلاھات، ئېچىۋېتىش ۋە تەرەققىيات، مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى چوڭقۇر ئويلىنىش ۋە سىستېمىلىق پىلانلاش ئاساسىدا، نۇرغۇن يېڭى رايون تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە تەدبىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى ۋە ئىلگىرى سۈردى، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش، گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشى، چاڭجياڭ دېلتىسىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتى.

باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: جۇڭگو «رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشى كېرەك». شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: شەھەرلەر توپىنى ئاساسىي گەۋدە قىلىپ، چوڭ، ئوتتۇرا، كىچىك شەھەرلەر ۋە كىچىك شەھەر-بازارلار ماس تەرەققىي قىلىدىغان شەھەر-بازار ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، يېزا ئىگىلىك يۆتكەلمە ئاھالىسىنىڭ شەھەر ئاھالىسىگە ئايلىنىشىنى تېزلىتىش كېرەك. بېيجىڭنىڭ پايتەختكە خاس بولمىغان فۇنكسىيەسىنى تارقاقلاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى يۇقىرى باشلىنىش نۇقتىسىدا پىلانلاپ، يۇقىرى ئۆلچەمدە قۇرۇپ چىقىش كېرەك. كەڭ كۆلەمدە قوغداشنى ئورتاق تۇتۇش، كەڭ كۆلەمدە ئاچماسلىقنى يېتەكچى قىلىپ، چاڭجياڭ دەرياسى ئىقتىساد بەلبېغىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

2017 يىلى 4-ئاينىڭ 1-كۈنى، يەنجاۋ زېمىنىدا باھار گۈلدۈرمامىسى ياڭرىدى، خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونى دۇنياغا كەلدى، بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇش يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىندى. خېبېي شيۇڭئەن يېڭى رايونىنى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جاڭ يۈشىن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: بۇ يىلنىڭ بېشىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن كېيىن شيۇڭئەنگە قايتا بېرىپ، يېڭى رايونىنىڭ ئالدى بىلەن يېڭى پىلانى، يېڭى قۇرۇلۇش ئىدىيەسى بولۇشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

جاڭ يۈشىن مۇنداق دېدى: باش شۇجى ناھايىتى ئىنچىكە سورىدى، شيۇڭئەننىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتىدا چوقۇم شەھەر بىلەن تەبىئەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى، شەھەر بىلەن بەيياڭديەننىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىشنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى. شيۇڭئەن بەيياڭديەننى ئاساس قىلىپ تەسىس قىلىنغان شەھەر، بۇنىڭدا ئالدى بىلەن بەيياڭديەندىن ئىبارەت بۇ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ياخشى قوغداش كېرەك.

تيەنجىن بىنخەي-جۇڭگۇەنسۈن پەن-تېخنىكا باغچىسىدا، تۆتتىن بىر قىسىم رويخەتكە ئالدۇرغان كارخانا بېيجىڭدىن كەلگەن بولۇپ، «دۆلەتنىڭ ئېغىر قورالى» دەرىجىدىن تاشقىرى كومپيۇتېرىدىن ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان قاتارلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق پەن-تېخنىكا مەھسۇلاتلىرىغىچە بېيجىڭ-تيەنجىن-خېبېينىڭ ماس تەرەققىياتى قويۇپ بەرگەن يېڭى مەھسۇلاتلارغا شاھىت بولدى. يىفېي ئەقلى ئىقتىدارلىق كونترول قىلىش پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى چى جۈنتۇڭ مىسال كەلتۈرۈپ مۇنداق دېدى: كارخانىمىزنىڭ باش ئىشتابى تيەنجىندە، تەتقىقات مەركىزى بېيجىڭدا، تەجرىبە مەيدانى خېبېيدا. چى جۈنتۇڭ مۇنداق دېدى: ھازىر دۆلەت تۈزگەن بۇ سىياسەتلەر پەن تەتقىقات خادىملىرى، تەتقىقات ئاپپاراتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ يەر كۆلىمىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى %1 كىمۇ، نوپۇسى %5 كىمۇ يەتمەيدۇ، ئىقتىساد ئومۇمىي مىقدارىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بولسا %12كە يېتىدۇ. گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى تەتقىقات يۇرتىنىڭ باش كاتىپى دېڭ جياڭنيەن مۇنداق دېدى: خەلقئارا پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى بەرپا قىلىش--گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭ مۇھىم تايىنىش نۇقتىسى.

دېڭ جياڭنيەن مۇنداق دېدى: گۇاڭدۇڭ-شياڭگاڭ-ئاۋمېن چوڭ قولتۇق رايونىدا 10 تىرىليون يۈەنلىك بازار مىقدارى، 270 كەسىپ توپى، 330 كەسپىي بازارنىڭ قاپلاش نىسبىتى بار، بۇ پەن-تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇشنى غايەت زور بازار بىلەن تەمىنلەيدۇ.

بۇلتۇر بىر يىلدا سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى، پەن-تېخنىكا مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلار ئارقا-ئارقىدىن تەدبىر چىقىرىپ، شياڭگاڭ بىلەن ئاۋمېننى دۆلەتنىڭ يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىغا كىرگۈزدى. جۇڭشەن داشۆسى گۇاڭدۇڭ شياڭگاڭ ئاۋمېن تەرەققىيات تەتقىقات يۇرتىنىڭ پىروفېسسورى ماۋ يەنخۇا مۇنداق دېدى: بىز شياڭگاڭدا دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق تەجرىبىخانىسىدىن 16 نى، ئاۋمېندا 4 نى تەسىس قىلىپ، پەن-تېخنىكا كەسپىنىڭ رىقابەت كۈچىنى ئاشۇردۇق؛ ئىچكى ئۆلكىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، شياڭگاڭ بىلەن ئاۋمېنغا تېخىمۇ ياخشى توپلاشسا، بولۇپمۇ خەلقئارادىكى يېڭىلىق يارىتىش بايلىقىغا ئېرىشسە بولىدۇ.

چاڭجياڭ دېلتىسى رايونى پۈتۈن مەملىكەت يەر كۆلىمىنىڭ %3.7نى ئىگىلەيدۇ، بۇ يەرگە پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %14 نوپۇسى مەركەزلەشكەن، 2018-يىلى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ %23.5 ئىقتىسادىي ئومۇمىي مىقدارىنى ياراتتى. ھازىر چاڭجياڭ دېلتىسىدا ئۇل ئەسلىھەلەرنىڭ ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشى ئومۇميۈزلۈك باشلاندى. يېقىندا، ئەنخۇي خېفېي ئۇنىۋېرسال دۆلەت ئىلىم-پەن مەركىزىنىڭ يادرولۇق تۈرى جىددىي قۇرۇلۇش قىلىۋاتىدۇ، دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى ئىسلاھات يېڭىلىق يارىتىش باشقارمىسىنىڭ باشلىقى جۇ دېئې مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاڭجياڭ دېلتىسى بىر گەۋدىلەشكەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، خېفېي، جاڭجياڭ دەرياسىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت ئىلىم-پەن مەركىزىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خېفېي ئىلىم-پەن مەركىزىنىڭ قۇرۇلۇش مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىشى ۋە تولۇقلىشى كېرەك.

يۇقىرى قاتلامدىكى لايىھە ئاستىدا، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا يېڭى كەيپىيات بارلىققا كەلدى، ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدا يېڭى يۈكسىلىش بولدى. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك: تەدبىرلەرنى كۈچەيتىپ، غەربىي رايوننى كەڭ-كۆلەمدە ئېچىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئەندىزە شەكىللەندۈرۈپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شەرقىي شىمال قاتارلىق كونا سانائەت بازىلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى تېزلىتىپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، ئوتتۇرا رايوننىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىپ، شەرقىي رايوننى سەرخىللاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇشنى باشلامچىلىق بىلەن ئىشقا ئاشۇرۇپ، رايونلارنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يېڭى مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش كېرەك.

F201908091454434036703709.jpg
F201908121426068726703841.jpg