دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى يېتەرلىك
0
2019-08-14 09:32:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

دۆلەت كارخانىلىرى خەلق ئىگىلىكىنىڭ مۇھىم تۈۋرۈكى، باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ۋە ساغلام تەرەققىياتىغا ئىنتايىن ئەھمىيەت بەردى. ئۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: «دۆلەت كارخانىلىرى دۆلەتنىڭ ئۇنىۋېرسال ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىش، خەلقنىڭ ئورتاق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىشتىكى مۇھىم كۈچ، چوقۇم مەردانىلىك بىلەن كۈچەيتىش، سەرخىللاشتۇرۇش، زورايتىش كېرەك». دۆلەت كارخانىلىرىنى كۈچەيتىش، سەرخىللاشتۇرۇش، زورايتىشنىڭ تۈپ يولى دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى ئارقا-ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلماقتا؛ ئۆزگەرتىش، قايتا تەشكىللەش، بىرىكتۈرۈش تېخىمۇ تېز سۈرئەتتە يولغا قويۇلۇپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئۈنۈمىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىقتىسادنىڭ يېڭى ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى.

بۇلتۇر باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنتەيدە ۋەنخۇا گۇرۇھىنى كۆزدىن كەچۈرگەندە چوڭقۇر تەسىرلەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: دۆلەت كارخانىلىرى چوقۇم ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشى كېرەك. شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھات ئېلىپ بېرىشتا كەمتۈكلۈككە ئېسىلىۋېلىشقا بولمايدۇ، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھ قىلىنسا، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، دۆلەت كارخانىلىرى زامانىۋى كارخانىغا ئايلىنالايدۇ. كۆپچىلىكنىڭ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، غەيرەت قىلىپ، داۋاملىق ئىشلەپ، بەلگىلەنگەن نىشانغا قاراپ باتۇرانە ئىلگىرىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، دۆلەت كارخانىلىرىنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ تۈپ يولى ئىسلاھات. ئالدىنقى ئاينىڭ 20-كۈنى گۇاڭجۇغا جايلاشقان جەنۇب ئاۋىياتسىيەسى گۇرۇھ قاتلىمىدىن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى، گۇاڭجۇ شەھىرى، شېنجېن شەھىرىنىڭ دۆلەت كاپىتالىنى كىرگۈزۈپ، جەمئىي 30 مىليارد يۈەن مەبلەغ كۆپەيتتى. جەنۇب ئاۋىياتسىيە شىركىتىمۇ مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىق ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، گۇرۇھ پاي ھوقۇقىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىنى يولغا قويغان تۇنجى مەركەز كارخانىسى بولۇپ قالدى.

دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ۋېڭ جېمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جەنۇب ئاۋىياتسىيەسىنىڭ مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ ھەمكارلىقى مەركەز كارخانىلىرىنىڭ گۇرۇھ قاتلىمىدىن پاي ھوقۇقىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش ئىسلاھاتىدا يەنە بىر قېتىم بۆسۈش بولدى. مەركەز كارخانىلىرى گۇرۇھ قاتلىمىدىن پاي ھوقۇقىنى كۆپ مەنبەلەشتۈرۈش دۆلەت كاپىتالىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كاپىتالىنى مۇۋاپىق قوبۇل قىلىشنى كۆرسىتىدۇ. بۇ مەركەز كارخانىلىرىنىڭ ئەمەلىي كۈچىنى زورايتىش، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، رىغبەتلەندۈرۈش مېخانىزمىنى ئۆستۈرۈشتە روشەن ئەھمىيەتكە ئىگە. كېيىنكى قەدەمدە بۇ ئىسلاھات داۋاملىق پائال، پۇختا ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ.

يېڭى بۆسۈش ئۈستىدە ئىزدىنىشتا يەنە شەرقىي شىمال رايونىدىكى دۆلەت كارخانىلىرىمۇ بار. يېقىندا، گوۋۇيۈەن دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ 2-قېتىملىق يىغىنىدا قاراپ چىقىپ ماقۇللاش ئارقىلىق، شېنياڭدىكى دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ نۇقتىلىق ساھەسى ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھات مەخسۇس خىزمىتى شاڭخەي، شېنجېندىكى «دۆلەت مۈلكى، دۆلەت كارخانىلىرى ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتى سىنىقى» بىلەن تەڭ قەدەمدە رەسمىي باشلاندى. جۇڭگو كارخانا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىيات تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جىن مۇنداق دېدى: بۇ شەرقىي شىمالنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى سۈرئىتىنى تېزلىتىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، بۇ شېنياڭ ۋە پۈتكۈل شەرقىي شىمال رايونىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىشىگە، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ كۆپىنچىسى دۆلەت خەۋپسىزلىكى، ئىقتىسادىي جان تومۇرى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئاچقۇچلۇق ساھە ياكى مۇھىم ساھە، كەسكىن خەلقئارا رىقابەتتە تەشەببۇسكارلىق ئورۇنىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال دۆلەت كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، بىر تۈركۈم ھەم كۈچلۈك ھەم ئەلا، ھەم چوڭ دۆلەت كارخانىلىرى، چوڭ گۇرۇھلىرى بولۇشى كېرەك. خۇددى باش شۇجى شى جىنپىڭ تەكىتلىگەندەك، دۆلەت كارخانىلىرى ھاياتىي كۈچى، تەسىر كۈچى، خەۋپ-خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، دۆلەت مۈلكىنىڭ قىممىتىنى ساقلاش ۋە ئاشۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتى نۇرغۇن ساھەلەردە ئارقا-ئارقىدىن ئېلىپ بېرىلدى. يىلنىڭ بېشىدا «مەركەز كارخانىلىرىنىڭ مائاش ئومۇمىي سوممىسىنى باشقۇرۇش چارىسى» رەسمىي ئېلان قىلىندى؛ 4-ئايدا گوۋۇيۈەن «دۆلەت كاپىتالىنى ھوقۇق بېرىپ باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى ئىسلاھ قىلىش لايىھەسى» نى بېسىپ تارقاتتى، ئىككى ئايدىن كېيىن، دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتى يەنە «گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىغا تالوننى ئېنىقلاشنى قويۇۋېتىش ھوقۇق بېرىش تىزىملىكىنىڭ ( 2019-يىللىق نۇسخىسى)» نى بېسىپ تارقاتتى. جۇڭگو كارخانا ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى جىن مۇنداق دەپ قارىدى: بۇ بىر قاتار ھەرىكەتلەر دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئوخشاشلا «سۈرئەتنى تېزلىتىش» تىن يەنە مەركەز كارخانىلىرى قايتا تەشكىللىنىپ تەرتىپكە سېلىندى. 6-ئايدا جۇڭگو باۋۋۇ گۇرۇھى ما گاڭ گۇرۇھىنى قايتا تەشكىللىدى؛ 7-ئايدا، جەنۇب جۇڭگو كېمىسازلىق سانائىتى گۇرۇھى بىلەن شىمال جۇڭگو كېمىسازلىق ئېغىر سانائەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى قارمىقىدىكى كۆپلىگەن پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتلەر ئىستراتېگىيەلىك قايتا تەشكىللەشنى پىلانلاۋاتقانلىقى ھەققىدە بىرلىشىپ ئېلان چىقاردى. ئارىدىن بىر ھەپتە ئۆتكەندىن كېيىن، جۇڭگو باۋلى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى بىلەن جۇڭگو يىپەك گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يەنە قايتا تەشكىللەندى. بۇنىڭ بىلەن مەركەز كارخانىلىرىنىڭ قايتا تەشكىللىنىشى يەنە بىر قېتىم يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلدى. گوۋۇيۈەن دۆلەت مۈلكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ باش كاتىپى، ئاخبارات باياناتچىسى پېڭ خۇاگاڭ مۇنداق دېدى: نۆۋەتتە، ئېلىمىز بىر تەرەپتىن قايتا تەشكىللەشنى ئىلگىرى سۈرسە، يەنە بىر تەرەپتىن جابدۇق ياساش، كېمە-پاراخوت، خىمىيە سانائىتى قاتارلىق ساھەلەردىكى كارخانىلارنى ئىستراتېگىيەلىك قايتا تەشكىللەشنى پائال تەتقىق قىلماقتا. دۆلەت كاپىتالىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىنى ئۈزلۈكسىز ئەلالاشتۇرۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، پولات-تۆمۈر، دېڭىز سانائىتى جابدۇقلىرى، مۇھىت ئاسراش قاتارلىق ساھەلەردىكى كەسىپلەشتۈرۈپ بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

18-قۇرۇلتايدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ دۆلەت كارخانىلىرى ئىسلاھاتىدا باسقۇچلۇق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، ئىسلاھاتنىڭ پايدىسى تەدرىجىي قويۇپ بېرىلىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تىجارەت كىرىمى 14 تىرىللىيون 500 مىليارد يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 5.9 ئاشقان؛ ساپ پايدا 703 مىليارد 770 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن % 8.6 ئاشقان. بولۇپمۇ بۇ يىل 6-ئايدا مەركەز كارخانىلىرى 158 مىليارد 490 مىليون يۈەن ساپ پايدا يارىتىپ، 211 مىليارد 780 مىليون يۈەن پايدا يارىتىپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەسىنى ياراتقان.

F201908121426068726703841.jpg