باش شۇجى شى جىنپىڭ باشلىغان نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولى ماڭغانسېرى كېڭەيمەكتە
0
2019-08-10 11:14:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئادىل ئابلەت

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ نىڭدې شەھىرى ئىلگىرى مەملىكەت بويىچە 18 مەركەزلىك تۇتاش كەتكەن نامرات رايوننىڭ بىرى ئىدى. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىنىڭ ئاخىرىدا، يولداش شى جىنپىڭ نىڭدېدا ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولغان مەزگىلدە، شۇ جايدىكى پۇقرالارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشقا يېتەكلەشكە ئىرادە باغلاپ،«ئاجىز قۇش ئالدىن ئۇچۇش» ئىدىيەسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «سۇ تامچىلاپ تاشنى تېشىش» روھىنى تەشەببۇس قىلغان ئىدى. 30 نەچچە يىلدىن بۇيان نىڭدېدىكى كادىرلار ۋە ئامما باشتىن-ئاخىر ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇپ، ئەۋلادمۇ ئەۋلاد ئۈزۈلدۈرمەي تىرىشىپ ئىشلىدى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەدبىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، نىڭدې نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى، نامرات نوپۇس 770 مىڭدىن كۆپرەك ئازايدى، «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىش يولى» بارغانسېرى كېڭەيدى.

بۇنىڭدىن يېرىم ئاي ئىلگىرى، يۇرتداشلارنىڭ ھاۋالىسى بىلەن فۇجيەن ئۆلكىسى نىڭدې شەھىرى شوۋنىڭ ناھىيەسى شياداڭ يېزىسىدىكى ئالتە پارتىيەلىك كادىر ۋە ئامما باش شۇجى شى جىنپىڭغا بىر پارچە خەت يازدى، بۇ پۈتۈن يېزا خەلقىنىڭ چوڭقۇر مېھرى مۇھەببىتى ئىزھار قىلىنغان خەتتە شياداڭ يېزىسىنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ بېيىغانلىق خۇش خەۋىرى باش شۇجى شى جىنپىڭغا يەتكۈزۈلدى.

شياداڭ يېزىلىق پارتكومنىڭ سابىق مۇئاۋىن شۇجىسى ليۇ مىڭخۇا خەتكە قەلەم تەۋرەتكۈچىلەرنىڭ بىرى.

ليۇ مىڭخۇا مۇنداق دېدى: بىز خەتتە بىرىنچىدىن، يېزىمىزنىڭ ئىلگىرىكى نامرات ئەھۋالىنى، باش شۇجىنىڭ ئەينى يىلى بېشىغا چىغ قالپاق كىيىپ، مۈرىسىگە لۆڭگە ئارتىپ، جاپا-مۇشەققەتتىن قورقماي،تاغ-داۋانلاردىن ھالقىپ شىياداڭ يېزىسىدىكى خەلق ئاممىسىنى غەم-ئەندىشىدىن خالاس قىلغانلىقىنى ئەسلەپ ئۆتتۇق. ئىككىنچىدىن،يېزىمىزنىڭ پارتىيەنىڭ نامراتلارنى يۆلەش سىياسىتى ۋە باش شۇجىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشى ئارقىسىدا، شۇنچە كۆپ يىللاردىن بۇيان يۈز بەرگەن غايەت زور ئۆزگىرىشلىرىنى دوكلات قىلدۇق. ئۈچىنچىدىن، باش شۇجىنىڭ ۋاقىت چىقىرىپ يېزىمىزغا كېلىپ كۆرۈپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلدۇق.

شياداڭ يېزىسى فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ شەرقىي فۇجيەن رايونىدىكى تاغنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان بولۇپ، ئەينى چاغدا كىشى بېشى ساپ كىرىمى 200 يۈەنگىمۇ يەتمەيتتى،بۇ يېزا ئىلگىرى نىڭدې رايونىدىكى قىيىنچىلىقى ئېغىر تۆت يېزىنىڭ بىرى ئىدى. ھازىر نامراتلارنى يۆلەش چايزارلىقى ئارقىلىق، پۈتۈن يېزىدىكى دېھقانلارنىڭ ئىلىكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 2017-يىلى 11 مىڭ 783 يۈەنگە يېتىپ، 60 نەچچە ھەسسە ئاشتى، پۈتۈن يېزىدىكى 121 ئائىلىدىكى 500 نامرات نوپۇس ئاساسىي جەھەتتىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدى.

شياداڭ يېزىسى نامراتلارنى يۆلەشتە قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەر نىڭدېنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى. 2013-يىلى 11-ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەشنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئارقىدىن ئۇ نۇرغۇن سورۇنلاردا نىڭدېدىكى نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىدە ئوتتۇرىغا قويغان ئىدىيەنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. 2017-يىلى ئېغىر نامرات رايونلارنى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش سۆھبەت يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: مەن نىڭدېدا خىزمەت قىلغاندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى خىزمەتنىڭ ئاساسى لىنىيەسى قىلىپ، «سۇ تامچىلاپ تاشنى تېشىش» تىن ئىبارەت شەرقىي فۇجيەن روھىنى تەشەببۇس قىلىپ، «ئاجىز قۇش ئالدىن ئۇچۇش» دەيدىغان ئىنتىلىش ئېڭىنى تىكلىدىم. «ئاجىز قۇش ئالدىن ئۇچۇش» دېگەنلىك نامرات رايونلار، نامرات ئامما ئالدى بىلەن «ئۇچۇش» ئېڭى ۋە «ئالدىن ئۇچۇش» ھەرىكىتىنى كۆرسىتىدۇ. ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بولمىسا، پەقەت سىرتتىن ياردەم بېرىش، ياردەم بېرىش ھەرقانچە كۆپ بولسىمۇ، سىز «ئۇچۇش»نى خالىمىسىڭىز، مەسىلىنى تۈپتىن ھەل قىلغىلى بولمايدۇ.

سۇ تامچىلاپ تاشنى تېشىش، ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇش. 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، نەچچە نۆۋەتلىك نىڭدې شەھەرلىك پارتكوم، ھۆكۈمەت نامراتلارنى يۆلەشتە كۈچ ئۇلاش پىلانى تۈزدى. بۇ مەزگىلدە جۇڭگودىكى نامراتلارنى يۆلەشتىكى بىرىنچى كەنت دەپ ئاتالغان پەنشى بازىرى چىشى كەنتى قان قوبۇل قىلىش، مۈشكۈل ھالدا قان ئالماشتۇرۇش، ئۆزى قان ھاسىل قىلىشتەك جاپالىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. 1984-يىلى چىشى كەنتى مەملىكەت بويىچە ئەڭ ئىلگىرىكى نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتى بولۇپ قالدى، فۇدىڭ شەھەرلىك نامراتلارنى يۆلەش ئىشخانىسىنىڭ ئەينى چاغدىكى مۇدىرى تېڭ يۈ مۇنداق دېدى: 1994-يىلىنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىم يەنىلا 200 يۈەنگە يەتمەيدىغان بولۇپ، نامراتلارنى يۆلەشنىڭ 10 يىللىق ئۈنۈمى چوڭ بولمىدى.

1994-يىلى يەرلىك ھۆكۈمەت پۈتۈن كەنتنى كۆچۈرۈشنى قارار قىلىپ، تاشقى يولنى ئېچىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشقا تەشكىللەپ، جاپالىق «قان ئالماشتۇرۇش» جەريانىنى باشلىدى. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشتا ئۈنۈم ھاسىل قىلىش ئۈچۈن، قان سېلىپلا قالماي، يەنە ئۆزى قان ھاسىل قىلىشى، كەسىپ تىرىكى بولۇشى كېرەك. شۇ جاينىڭ تەبىئىي ئەۋزەللىكىگە ئاساسەن، چىشى كەنتى ئەتراپىدىكى سۈزۈك سۇ يېشىل تاغنىڭ ئەڭ قىممەتلىك تەرەققىيات بايلىقى ئىكەنلىكىنى بايقىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يەرلىك ئۆزگىچە كەسىپلەرنى بولۇپمۇ يېزا ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇردى، مەنزىرە رايونىنىڭ ئىشىك بېلىتىدىن قىلغان يىللىق كىرىمىلا 10 مىليون يۈەندىن ئاشتى.

30 يىلدىن بۇيان، چىشى كەنتىنىڭ كىشى بېشى ئوتتۇرىچە كىرىمى 1984-يىلدىكىدىن 70 نەچچە ھەسسە ئاشتى، سۇ زاۋۇتى، ئېلېكتىر ئىستانسىسى، مەكتەپ، باغچە، شىپاخانا قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تەل بولدى.

13-بەش يىللىق نامراتلارنى يۆلەش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ھەل قىلغۇچ كۆرىشىنىڭ يېتىپ كېلىشى ئالدىدا، نىڭدې نامراتلارنى يۆلەش بىلەن كەسىپ تەرەققىياتى، شەھەر-بازارلاشتۇرۇش، ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى زىچ بىرلەشتۈرۈپ، نامراتلارنى يۆلەش ئوبيېكتلىرى، نامرات كەنتلەرنى دەل جايىدا مەركەزلەشتۈردى. نىڭدې شەھەرلىك دېھقانچىلىق ئىدارىسى نامراتلارنى يۆلەش-ئېچىش بۆلۈمىنىڭ باشلىقى شيا رۈي مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «سۇ تامچىلاپ تاشنى تېشىش»، «ئاجىز قۇش ئالدىن ئۇچۇش» قاتارلىق مۇھىم نامراتلارنى يۆلەش ئىدىيەسى ۋە نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، نامراتلىقتىن دەل جايىدا قۇتۇلدۇرۇش تەلىپى بويىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك تاماملاشقا كاپالەتلىك قىلىمىز.