ئېلىمىز مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىغا ياخشى مۇھىت ياراتتى
0
2019-08-09 14:45:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئوسمانجان يۈسۈپ

پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى مال باھاسىنىڭ مۇقىملىقىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تۈرلۈك سىياسەتلەرنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، مال باھاسىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغا ياخشى مۇھىت ياراتتى، كۆپ تۈرلۈك ئىسلاھاتلارنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ مال باھاسىنىڭ مۇقىم ئايلىنىشىغا پۇختا ئاساس سالدى. ئالدىنقى يېرىم يىلدا، جايلار كۆپ تۈرلۈك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بازار تەمىناتى تەدرىجىي ئاشتى، مۇتەخەسسىسلەر تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېدى: كېيىنكى يېرىم يىلدا پەسىل ئامىلىنىڭ يوقىلىشىغا ئەگىشىپ، پۈتۈن بىر يىللىق مال باھاسىنىڭ مۇقىم بولۇشىدىن ئۈمىد بار، پۈتۈن بىر يىلدا %3 ئىچىدە تىزگىنلەش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا شارائىتى ھازىرلاندى.

شەندۇڭ ئۆلكىسىنىڭ زىبودىكى بىر يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بازىرىدا ھەر خىل يېڭى كۆكتات، پەسىللىك مېۋىلەر تولۇق بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ كۆكتاتلىرى مول ھەم رەڭدار ئىدى. كۆكتات باھاسى ھەر ھالدا مۇۋاپىق بولۇپ, شەھەر ئاھالىلىرى قوبۇل قىلالايتتى. تۈرلىرىمۇ ناھايىتى كۆپ ئىدى، ھەممىسىنى سېتىۋالغىلى بولاتتى ھەم ناھايىتى قولايلىق ئىدى، نېمە يېگۈڭىز بولسا مەيلى قايسى پەسىل بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سېتىۋالالايسىز. كۆكتات ۋە قوشۇمچە يېمەكلىكلەر، ئاشلىق، مېۋە-چىۋىلەرنىڭ مۇقىم بولۇش-بولماسلىقى مىڭلىغان-ئون مىڭلىغان ئائىلىنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، شۇنداقلا ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشىغا مۇناسىۋەتلىك.

7-ئاينىڭ 30-كۈنى باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا كېيىنكى يېرىم يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ئورۇنلاشتۇرغاندا بازارنى تەمىنلەش ۋە مال باھاسىنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىدى.

بۇ يىل 6-ئايدا، مەملىكەت بويىچە ئاھالىلەر ئىستېمال باھاسى CPI ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.7 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى ئالدىنقى ئايدىكى بىلەن تەڭلەشتى ؛ لېكىن ئالدىنقى ئايدىكىدىن %0.1 تۆۋەنلىدى. ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى دۇنيا ئىقتىساد ۋە سىياسىي تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى شۈ چىيۈەن مۇنداق دېدى: سېلىشتۇرما سانلىق مەلۇماتنىڭ تۆۋەنلىشى مال باھاسىنىڭ مۇقىملىشىۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ: نۆۋەتتە بىز %3 كە يېقىنلاشقان چەكتىن تەڭلىشىش، مۇقىملىشىشقا يۈزلىنىش ئالامەتلىرىنى كۆردۇق، شۇڭا بۇ بىر قەدەر ئاكتىپ سىگنال.

پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن پۇقرالارنىڭ كىرىمى ۋە مال باھا سەۋىيەسىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى. «مۇقىم بولۇش»نىڭ مۇھىم نۇقتىسىنى ئىقتىسادىي ھەرىكەتكە قارىتىپ، باھانى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئالدىنقى يېرىم يىلدا، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن ئارقا-ئارقىدىن سىياسەت چىقاردى. قاتناش بانكىسىنىڭ باش ئىقتىسادشۇناسى ليەن پىڭ مۇنداق دەپ قارىدى: كۆكتات، مېۋە-چېۋە باھاسى تەدرىجىي تۆۋەنلەيدۇ، كېيىنكى يېرىم يىلدا مال باھاسى بەك يۇقىرى بولمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، بۇ يىل يازلىق ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش مۇقىملاشتى، بۇمۇ ئومۇمىي باھا مۇقىملىقىغا ياخشى ئاساس سالىدۇ. دۆلەت ئىستاتىستىكا ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى ماۋ شېڭيۇڭ پۈتۈن بىر يىلدا مال باھاسىنى % 3 ئىچىدە تىزگىنلەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا شارائىت بار دېدى.