جۇڭگونىڭ سودا مۇھىتى ئۈزلۈكسىز ياخشىلانماقتا
0
2019-08-04 17:09:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئابدۇللا موللا

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 4-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

سودا مۇھىتى-كارخانىنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تەرەققىي قىلىش تۇپرىقى بولۇپ، بىر دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي رىقابەت كۈچىنى گەۋدىلەندۈرىدۇ. باش شۇجى شى جىنپىڭ سودا مۇھىتىنى ياخشىلاشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، سېلىنما ۋە بازار مۇھىتىنى ياخشىلاپ، سىرتقا ئېچىۋېتىش قەدىمىنى تېزلىتىپ، بازارنىڭ يۈرۈشۈش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، مۇقىم، ئادىل، ئېنىق، مۆلچەرلىگى بولىدىغان سودا مۇھىتىنى يارىتىش كېرەك دەپ تەكىتلىدى. بۇلتۇر، دۇنيا بانكسى ئېلان قىلغان ئېلىمىز سودا مۇھىتىنىڭ يەر شارى رەت تەرتىپى ئالدىنقى يىلدىكى 78-ئورۇندىن زور كۆلەمدە ئالدىغا ئۆتۈپ 46-ئورۇنغا چىقتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئېلىمىزدە كۈنىگە ئوتتۇرىچە يېڭىدىن تىزىمغا ئالدۇرغان كارخانا 19 مىڭ 400 گە يېتىپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش، ئىجاد قىلىش تېخىمۇ كېڭەيدى. قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان، قولايلاشقان سودا مۇھىتى مەزمۇت قەدەم بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەۋاتقان جۇڭگو ئىقتىسادىغا ئۈزلۈكسىز ھاياتىي كۈچ ئېلىپ كەلدى.

بۇلتۇر 11-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو خەلقئارانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىدۇ. جۇڭگو چەتئەللىك سودىگەرلەر مەبلەغ سېلىش قانۇن-نىزامىنى تېزدىن چىقىرىپ، ئاشكارا، ئېنىق بولغان چەتئەلگە ئالاقىدار قانۇن سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىجازەتتىن بۇرۇنقى پۇقرالار تەمىناتى قوشۇلغان پاسسىپ تىزىملىكنى باشقۇرۇش تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك، چوڭقۇر يولغا قويىدۇ. جۇڭگو خەلقئارا سودا قائىدە-يوسۇنىغا ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگو تەۋەسىدە رويخەتكە ئالدۇرغان تۈرلۈك كارخانىلارغا ئوخشاش كۆزدە قاراپ، باراۋەر مۇئامىلە قىلىدۇ. جۇڭگو چەتئەل مەبلىغى كارخانىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغدايدۇ، چەتئەللىك سودىگەرلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتى، بولۇپمۇ بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا دەخلى-تەرۇز قىلىش قىلمىشلىرىنى قانۇن بويىچە قەتئىي جازالاپ، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى تەكشۈرۈش سۈپىتى ۋە تەكشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، جازالاش خاراكتېرلىك تۆلەم تۈزۈمىنى كىرگۈزۈپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش تەننەرخىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىدۇ.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئارقىلىق، بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىجادچانلىقىنى زور دەرىجىدە ئۇرغۇتتى.

ABB جۇڭگو چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالىي مۇئاۋىن لىدىرى لارس ئېكېرلەيىن مۇنداق دېدى: كۆپ يىللاردىن بۇيان، بىز بېيجىڭ شەھىرىنىڭ ئەلا سودا مۇھىتى ۋە مەبلەغ سېلىش مۇھىتى ئېلىپ كەلگەن قولايلىقلاردىن بەھرىمەن بولدۇق، بىز ئىش بېجىرىش جەريانىدا، ئەنگە ئېلىش ۋە يەرلىك باجنى رويخەتكە ئالدۇرۇشنى رايون ھالقىپ يۆتكەپ كېلىش تەرتىپى قاتارلىق نۇرغۇن ئاددىيلاشقان تەستىقلاش تەرتىپىدىن بەھرىمەن بولدۇق.

مۇخبىرلارغا شىركىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇۋاتقان بۇ چەتئەللىك تىلغا ئالغان چەتئەل شىركەتلىرىنىڭ جۇڭگودىكى كەسىپ تەستىقلاش تەرتىپىنىڭ ئاددىيلاشقانلىقى-بېيجىڭ شەھىرى يېقىنقى يىلللاردىن بۇيان سودا مۇھىتىنى تېرىشىپ ياخشىلىغان توققۇز قوشۇلغان N يۈرۈشلۈك سىياسەت-تەدبىرلىرىنىڭ بىر ئىخچام كۆرۈنۈشى، خالاس.

بۇلتۇر، ئېلىمىز سودا مۇھىتىنىڭ رەت تەرتىپى يەر شارىدىكى 78-ئورۇندىن 46-ئورۇنغا چىقىپ، 32 ئورۇن ئالدىغا سۈرۈلۈپ، سودا مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىش كۆلىمى ئەڭ زور بولغان ئىقتىسادىي گەۋدىلەرنىڭ بىرىگە ئايلاندى. سودا مۇھىتى دېگەن نېمە؟ رەت تەرتىپنىڭ ئالدىغا ئۆتۈشى نېمىدىن دېرەك بېرىدۇ؟ جۇڭگو خەلقئارا ئىقتىساد ئالماشتۇرۇش مەركىزىنىڭ باش تەتقىقاتچىسى جاڭ يەنشېڭ مۇنداق دېدى: دۇنيا بانكىسى ئەمەلىيەتتە سىز بىر شىركەتنى رويخەتكە ئالدۇرۇشقا، سىز بىر قۇرۇلۇش قىلىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشقا، سىز بىر توك ئىشلىتىش ئىجازەتنامىسى ئېلىشقا قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ دېگەندەك بىر كارخانىنىڭ تىجارەت ۋە يۈرۈشۈشىگە چېتىلىدىغان سېلىنما مۇھىتىنى ئۆلچەم قىلىدۇ. بىز شۇنى كۆرۈپ يېتەلەيمىزكى، ئۆتكەن ئىككى يىلدا، جۇڭگو دۇنيا بانكىسىنىڭ كۆرسەتكۈچلىرىگە بىرمۇ-بىر توغرىلىنىش ئارقىلىق پەرقلەرنى تېپىپ چىقىپ، بۇلارنى قانداق ياخشىلاش ئۇسۇللىرىنى تاپتى. شۇڭا ئىككى يىلدىن كېيىن بىز 32 ئورۇن ئالدىغا ئۆتۈپ، يەر شارى رەت تەرتىپىدە 46-ئورۇنغا چىقتۇق، بۇ-بىزنىڭ تۈزۈلمىدە يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىسلاھ قىلىشىمىزنىڭ پايدىسىدىن بولدى.

سودا مۇھىتىنىڭ ياخشىلىنىشى-بىر قاتار كونكېرت تەدبىرلەرنىڭ پايدىسىدىن بولدى. مەسىلەن: تەستىقلاش تەرتىپىدە ئىش بېجىرىش ۋاقتى يەنىمۇ قىسقارتىلدى، بىر توردا بىراقلا بېجىرىش، بىر كۆزنەكتە بېجىرىش، بىر قېتىملا ماڭغۇزۇش قاتارلىق ئىسلاھاتلار مۇلازىمەتنىڭ سۈپىتىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈردى، ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق باجنى كېمەيتىش ياكى كەچۈرۈم قىلىش-تۈرلۈك بازار سۇبيېكىتلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلەتتى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھوقۇققا دەخلى-تەرۇز قىلىش، ساختىلىقنى تۈزەش كۈچەيتىلىپ، ئىنتېرنېت قوشۇلغان بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش يولغا قويۇلدى، پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىساد، بولۇپمۇ ياسىمىچىلىق كارخانىلىرى، پۇقراۋى كارخانىلار، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا ئىناۋەتلىك قەرز بېرىشىنى كېڭەيتىشىگە ئىلھام بېرىلدى، ئىككى يىلدىن بۇيان، بېيجىڭ، شاڭخەينى ۋەكىل قىلغان پۈتۈن مەملىكەتنىڭ نۇرغۇن جايلىرى ئۈزلۈكسىز قانات يايدۇرغان سودا مۇھىتىنى ياخشىلاش تەدبىرلىرى جۇڭگو ئىقتىسادىنىڭ مۇقىملىق ئىچىدە ئىلگىرىلەش، مۇقىملىق ئىچىدە ياخشىلىنىشىغا پۇختا ئاساس سېلىپ بەردى. جاڭ يەنشېڭ مۇنداق دېدى: بىرلا كۆزنەك، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش، ۋىزا، سېلىنما قاتارلىق جەھەتلەردىكى قولايلىقلار كارخانىلارنىڭ چېگرا ھالقىغان سودىسنىڭ تەننەرخىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتتى، يەنى جۇڭگو بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىدا چىڭ تۇرۇش يۆنىلىشىدە تەۋرەنمەي چىڭ تۇرىدۇ. بۇندىن باشقا يەنە بىر تەرەپ شۇكى، جۇڭگو سودا مۇھىتى، سېلىنما مۇھىتى، بازار مۇھىتى، قانۇنچىلىق مۇھىتى ھەم سىياسەت مۇھىتىنى ياخشىلاش ئارقىلىق، يەر شارىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ جۇڭگوغا كېلىپ مەبلەغ سېلىشى ھەم 3-تەرەپ بازىرىنى ئورتاق ئېچىشنى قارشى ئالدى، بۇ نۇقتىدىمۇ تەۋرىنىش بولمايدۇ.

بىر دۆلەت سودا مۇھىتىنىڭ ياخشى-يامانلىقى-كارخانىلارنى تەسىس قىلىش ۋە تىجارەت ئەھۋالىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىدۇ شۇنداقلا دۆلەتنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى، مالىيە-باج كىرىمى، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئەھۋالى قاتارلىقلارغا مۇھىم تەسىر كۆرسىتىدۇ. خەلقئارانىڭ ئالدىنقى قاتارىدىكى سودا مۇھىتىنى بەرپا قىلىش-ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى شۇنداقلا جۇڭگونىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنىڭ مۇھىم ئاساسى ھەم مۇھىم ھالقىسى. خۇددىي باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېيتقاندەك، سودا مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشىلاش كېرەك، ھەر قايسى دۆلەتلەر ئۆزلىرىنىڭ سودا مۇھىتىنى تېرىشىپ ياخشىلاپ، ئۆزلىرىدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشى لازىم، ھەمىشە ئۆزىنى پەردازلاپ، باشقىلارنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ، قولچىراغقا ئوخشاش باشقىلارنىلا يورۇتۇپ، ئۆزىنى يورۇتماسلىققا بولمايدۇ.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئېلىمىز يېڭىدىن تەسىس قىلغان چەتئەل سودىگەرلىرى مەبلەغ سالغان كارخانا 20 مىڭدىن ئېشىپ، ئەمەلىي ئىشلەتكەن چەتئەل مەبلىغى 478 مىليارد 330 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.2 ئاشتى، چەتئەل سودىگەرلىرى سالغان مەبلەغنىڭ تېزلىشىشى يۇقىرى تېخنىكا كەسىپلىرىگە مۇجەسسەملەندى. ياخشى سودا مۇھىتى بولغاندىلا، ئاندىن چەتئەل مەبلىغىنى تېخىمۇ كۆپ جەلپ قىلغىلى بولىدۇ.
تۈزۈلمە مېخانىزم توساقلىرىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مەمۇرىي قائىدىلەردىكى نۇقسانلارنى ئوڭشاپ، بازار سۇبيېكىتلىرىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، خەلق ئاممىسىغا تېخىمۇ قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، جۇڭگو ئۆزىنىڭ سودا مۇھىتىنى باشتىن-ئاخىر ئۈزلۈكسىز ياخشىلايدۇ. دۆلەتلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى جۇ شياۋفېي مۇنداق دېدى: بۇندىن كېيىن، ئىسلاھات سالمىقى تېخىمۇ زورىيىپ، توغرىلىق دەرىجىسى تېخىمۇ يۇقىرى بولىدۇ. «جۇڭگونىڭ سودا مۇھىتىنى باھالاشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنىڭ سىناق نۇسخىسى» چىقىرىپ يولغا قويۇلدى، بۇ يىل مەركەزگە بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەر، پىلانى ئايرىم شەھەرلەر، بىر قىسىم ئۆلكە مەركىزىي شەھەرلىرى ھەم ۋىلايەت، ناھىيە دەرىجىلىك شەھەرلەر سودا مۇھىتىنى باھالاشنى قانات يايدۇردى. بىز بازار سۇبيېكتلىرى بىلەن زىچ ئالاقىدار بولغان كارخانا قۇرۇش، قۇرۇلۇش ئىجازىتى بېجىرىش، ئىناۋەتلىك قەرزگە ئېرىشىش، باج تاپشۇرۇش، ۋەيران بولۇش ئىشلىرىنى بېجىرىش قاتارلىق تەرەپلەر ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق چۆرىدەپ، سودا مۇھىتىنى تېخىمۇ ياخشىلايدىغان كەسكىن تەدبىرلەرنى تېخىمۇ كۆپ چىقىرىپ، كارخانىلارنى ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، جۇڭگونى داۋاملىق جۇڭگو بىلەن چەتئەللەرنىڭ مەبلەغ سېلىپ تەرەققىي قىلىشىنىڭ قىزغىن مەنزىلىگە ئايلاندۇرىمىز.

未标题-1.jpg