جۇڭگو ئارمىيەسى ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە
0
2019-08-02 11:19:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :ئادىل ئابلەت

 

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 8-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

يېڭى دەۋر كىرىشى بىلەن خەلق ئارمىيەسى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتنىڭ تەدبىر، ئورۇنلاشتۇرمىلىرى بويىچە، شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېتەكچىلىك ئورنىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، جۇڭگوچە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش يولىغا قاراپ پۇختا قەدەم تاشلىدى.

1-ئاۋغۇست ئارمىيە بايرىمىدىن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى مەزگىل دەل ئۈچ تومۇز ۋاقتىدا توغرا كەلدى. پۇقرالار ئامال قىلىپ ئىسسىقتىن ساقلىنىۋاتقان چاغدا، جۇڭگو ئارمىيەسىنىڭ ئەمەلىي ئۇرۇش مەشىقى قىزغىنلىقى پەسەيمىدى. مەشىق مەيدانىدا ئەسكەرلەرنى مەشىق قىلدۇرۇشتا ھەقىقىي ماھارەت، ياخشى نەتىجە يارىتىش جۇڭگو ھەربىيلىرىنىڭ ئۆزىنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەشتىكى ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى. ئارمىيەمىزنىڭ ئەڭ يېڭى تىپتىكى باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلەنگەن راكېتا ئارمىيەسى مەلۇم باشقۇرۇلىدىغان بومبا لۈسىدە بىر مەيدان بارلىق خادىملار قاتناشقان، تولۇق قوراللانغان، پۈتۈن جەريان بويىچە رايون ئاتلاپ تولۇق يۈك بىلەن يۆتكەش مانېۋىرى ئۆتكۈزۈلدى. دۈشمەن ئارمىيەسىنىڭ تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشىغا تاقابىل تۇرۇش، سۈنئىي ھەمراھنىڭ رازۋېدكىسىدىن ساقلىنىش، ئۇدا ئۇزۇن يوللۇق ھەرىكەت قىلىشقىچە، تېمپېراتۇرا ئوتتەك ئىسسىق كۈندە ئۇلار خەتەرلىك، قىيىن مۈشكۈل ئەھۋالدا ئۆزىنى چېنىقتۇردى. مۇئاۋىن لۈي باشلىقى ۋېن جېڭجيې مۇنداق دېدى: ۋاقىت پەرقى، چارچاش، ئوكسىگېن يېتىشمەسلىك، ئاچارچىلىققا چىداش ھالىتىدە قويۇپ بېرىش بۆلىكى ئەمەلىي مەشغۇلاتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئوفىتسېر-ئەسكەرلەرنى جەڭ مەيدانىنىڭ مۇھىتىغا تېخىمۇ تېز ماسلىشىش، جىددىي بىر تەرەپ قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ،ئەلا نەتىجىلەر ئارقىلىق، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 92 يىللىقىغا سوۋغا تەقدىم قىلدۇق.

92 يىللىق ئارمىيە قۇرۇلۇشى تارىخىنى بېسىپ ئۆتكەن، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنى 70 يىل قوغدىغان خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەسلىي قىياپىتى ۋە ئەسلىي مەقسىتى ئۆزگەرمىدى. بۈگۈنكى كۈندە شى جىنپىڭنىڭ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇ قوشۇننىڭ ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىش يۆنىلىشى تېخىمۇ ئايدىڭلاشتى، پىكىر يولى تېخىمۇ روشەنلەشتى. يېڭىدىن ئېلان قىلىنغان «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو دۆلەت مۇداپىئەسى» ناملىق ئاق تاشلىق كىتابتا شى جىنپىڭنىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيەلىك ئىدىيەسى تۇنجى قېتىم بايان قىلىندى. مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى بىرلەشمە ئىشتاب ئۇرۇش قىلىش ئىدارىسىدىن گېنېرال سەي جىجۈن مۇنداق دېدى: ھەربىي ئىستراتېگىيە ئىدىيەسى ئارمىيەنىڭ يېتەكچىسى. رەئىس شى جىنپىڭ دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش، رېئال ھەربىي كۈرەشكە قوماندانلىق قىلىش ئۇلۇغ ئەمەلىيىتىدە، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، يېڭىلىق يارىتىپ، ھەربىي ئىشلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيە يېتەكچىلىكىدە يېڭىلىق يارىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ ھەربىي ئىستراتېگىيە ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، ماركسىزملىق ئۇرۇش قارىشى، بىخەتەرلىك قارىشى، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئىستراتېگىيەسى لايىھەسىنىڭ يېڭى مەنزىلىنى ئاچتى، بۇ ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەررەر تاللىشى، ئۇرۇش قىلىش ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجى، شۇنداقلا پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ئورتاق ئارزۇسى.

قۇرۇقلۇق ئارمىيە 78-گۇرۇپپىۋوي ئارمىيە مەلۇم بىرىكمە لۈسىدە پىيادىلەر قىسمى، توپچى قىسىمى، بىرونېۋىك قىسىمى، رازۋېدكا قىسىمى قاتارلىق كۆپ خىل ئەسكىرى تۈرلىرى ھاسىل قىلىندى، ئۇلارنىڭ جەڭگىۋارلىقى ئىسلاھاتتىن ئىلگىرىكى ئەنئەنىۋى قىسىم تۈرلىرىدىن ھەسسىلەپ يۇقىرى كۆتۈرۈلدى. بىر نەچچە يىل مەشىق قىلىش ئارقىلىق،ئىلگىرىكىدى مۇرەككەپ بولغان قورال-جابدۇقلارغا كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر ئوڭۇشلۇق ئىگىلىدى. لۈي كاپالەت بۆلۈمىنىڭ باشلىقى چېن ياجيەن مۇنداق دېدى: قىسىم تۈرگە ئايرىشقا ۋە ھالقىلارغا دەل جايىدا ئاۋاز قوشۇپ، ماددىي ئەشيا، ئوق-دورا قاچىلاش ۋە زاپاس تەييارلىقنى تېز تاماملاپ، تېز سۈرئەتتە ئاۋاز قوشۇش، ھەرىكەتچان بولۇش، تېز ئورۇنلاشتۇرۇش، تېز تاقابىل تۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.

بۇ خىل ئەمەلىي جەڭ قىلىش ئىقتىدارىنىڭ ھالقىما شەكىلدە ئۆسۈشى دەل ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش ئېلىپ كەلگەن مول نەتىجە. مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىدىن ئاساسىي قاتلام قىسىملىرىغىچە، كونىنىڭ ئورنىغا يېڭىنى دەسسىتىدىغان ئۇلۇغ ئۆزگىرىش خەلق ئارمىيەسىنى تېخىمۇ جۇشقۇن ھاياتىي كۈچكە ئىگە قىلدى. مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ئىسلاھات ۋە ئىشتات ئىشخانىسىسىدىن ۋاڭ ۋېي داشياۋ مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئومۇمىي جەھەتتىن «ئۈچ چوڭ ئۇرۇش» بويىچە ئېلىپ بېرىلدى. بىرىنچى ئۇرۇش: قوماندانلىق تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىغا رەھبەرلىك قىلىشنى باشلامچىلىق بىلەن قانات يايدۇرۇپ، تۈزۈلمە خاراكتېرلىك توسالغۇلارنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش ؛ ئىككىنچى ئۇرۇش: كۆلەم قۇرۇلمىسى ۋە كۈچ تۈزۈلۈشى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قۇرۇلمىلىق زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش ؛ ئۈچىنچى ئۇرۇش: سىياسەت، تۈزۈم ئىسلاھاتىنى زور كۈچ بىلەن چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سىياسەت خاراكتېرلىك مەسىلىنى ھەل قىلىشقا ئەھمىيەت بېرىش. پۈتۈن ئارمىيەدىكى ئوفىتسېر-ئەسكەرلەر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى ۋە رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئىسلاھات توغرىسىدىكى تەدبىر-ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشنىڭ قۇدرەتلىك كۈچىنى ئۇرغۇتتى. قان ئاققۇزۇپ شەرەپ قۇچۇپ، دۇنيادا ئالدىنقى قاتارغا قاراپ قەدەم تاشلىدى. بىرلەشمە مانېۋىر، بىرلەشمە مەشىق قىلىشتىن ئۇرۇش تەييارلىقى ئارقىلىق تۈرتكە بولۇشقىچە، چېگرا رايوننى كۈچەيتىپ، مۇداپىئەنى مۇستەھكەملەشتىن تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى ساقلاشقىچە، خەلقئارا تىنچلىقنى ساقلاشتىن يىراق ئوكياننى قوغداشقىچە، خەتەردىن، ئاپەتتىن قۇتقۇزۇشتىن نامراتلارنى يۆلەش، قىيىنچىلىقى بارلارغا ياردەم قىلىشقىچە،يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو ئارمىيەسى باشتىن-ئاخىر سەپنىڭ ئالدىدا مېڭىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، ئارمىيەنى گۈللەندۈرۈش يولىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلىمەكتە.

 

未标题-1.jpg