خېبېي ئەلا سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېشىل موتورىنى بەرپا قىلماقتا
0
2019-07-29 20:07:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :پاتىگۈل مۇھەممەد

خېبېي ئۆلكىسى دېڭىز بويى ئىقتىساد بەلبېغى قۇرۇپ، ئەلا سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ يېشىل موتورىنى بەرپا قىلماقتا

2016-يىلى 7-ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ خېبېي ئۆلكىسىنىڭ تاڭشەن شەھىرىگە بېرىپ خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۈچنى تىرىشىپ قۇرۇش نىشانىغا ئاساسەن، غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، بوشاشماي تىرىشىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، تەرەققىيات ئۇسۇلىدا بۇرۇلۇش ياساش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە تىرىشىپ ئالدىدا مېڭىش كېرەك، بىرقانچە يىلدىن بېرى خېبېي ئۆلكىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم كۆرسەتمىسى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، زامانىۋىلاشقان پورت توپى، دېڭىز ئوكيان ئىقتىسادى گۈللەنمە تەرەققىيات رايونى، يېڭىچە سانائەتلەشكەن بازا، دېڭىز ساھىلى ئېكولوگىيە تۇرالغۇ رايونى بەرپا قىلىپ، دېڭىز بويىدا يېڭىلىق يارىتىشچان تەرەققىيات، يېشىل تەرەققىيات، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئىقتىساد بەلبېغىنى شەكىللەندۈردى.

7-ئاينىڭ 28-كۈنى تاڭشەندە يەر تەۋرىگەنلىكىنىڭ 43 يىللىقىدا، جۇڭگو تاڭشەن خەلقئارا جىددىي ۋەقەلەرنى بىر تەرەپ قىلىشنى باشقۇرۇش يىغىنى شۇ جايدا ئېچىلدى، خېبېي تاڭشەندىكى پارتلاشنىڭ ئالدىنى ئېلىش پەن تېخنىكا شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ساۋ لېي يىغىنغا قاتناشقان مېھمانلارغا شىركەتنىڭ ئەڭ يېڭى تېخنىكىسىنى تونۇشتۇردى، ساۋ لېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: پارتلاشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش تېخنىكىسى مەزكۇر شىركەت مۇستەقىل تەتقىق قىلىپ چىققان پاتېنت، ئۇ دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بوشلۇقنى تولدۇردى. بۇ ماي قاچىلاش پونكىتىدىكى باكنىڭ ئىچىگە پارتلاشنىڭ ئۇنىۋېرسال ئالدىنى ئېلىش ماتېرىيالى قاچىلاش تېخنىكىسى بولۇپ، ماي باكلىرى ئوق تېگىش، ئوت كېتىش، چاقماق چېقىۋېتىش قاتارلىقلاردا پارتلىمايدۇ.

تاڭشەن شەھەرلىك سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن تەكشۈرۈش تەتقىق قىلىش خادىمى جاڭ جۈن مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش كەسپى تاڭشەن سانائىتىدىكى يېڭى ئىقتىسادىي ئېشىش نۇقتىسىغا ئايلاندى، نۆۋەتتە شەھەر بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش كارخانىلىرى 138 گە يېتىپ، جىددىي ۋەقەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تەييارلىق قىلىش، نازارەت قىلىش ۋە ئالدىن سىگنال بېرىش، بىر تەرەپ قىلىش ۋە قۇتقۇزۇش قاتارلىق بارلىق ئىشلەپچىقىرىش زەنجىرىدە قاپلىنىپ، تاڭشەننىڭ يېڭى كونا ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئالمىشىشىغا تۈرتكە بولدى.

دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىنىڭ جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش كەسپىنىڭ تاڭشەنگە ئورۇنلىشىشى بۇ يەردىكى سانائەت ئاساسىنى چىقىش قىلغانلىق بولۇپلا قالماي تېخىمۇ مۇھىمى تاڭشەننىڭ زور ئىمپورت ئېكسپورت ئىقتىدارىغا ئىگە پورت ئۈستۈنلۈكىدىن بولدى. نۆۋەتتە تاڭشەن پورتىنىڭ دوستلار چەمبىرىكى بارغانسېرى چوڭايدى، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تۇتىشىدىغان 228 سۇ يولى ئېچىلدى، ئۆتكەن يىلى بۇ يەردىن كىرگەن ۋە چىقىرىلغان تاۋار مىقدارى 637 مىليون توننىغا يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئۈچىنچى ئورۇندا تۇردى، پورتنىڭ تېز تەرەققىياتى يەنە پورت ئەتراپىنىڭ دېڭىز ئوكيان كەسپىگە پۇرسەت ئېلىپ كەلدى.

تاڭشەندىن باشقا يەنە خېبېي ئۆلكىسىنىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىدىن چىڭخۇاڭداۋ، ساڭجۇدىن ئىبارەت ئىككى ۋىلايەت دەرىجىلىك شەھەر بار، بۇ ئۈچ جاينىڭ يەر كۆلىمى پۈتۈن ئۆلكىنىڭ 5دىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ، ئەمما مىللىي ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن ئۈلكىنىڭ 3دىن بىرىنى ئىگىلەيدۇ، بۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ ئۈچ جايدا ئەنئەنىۋىي كەسىپلەرنىڭ ئىگىلىگەن سالىمىقى بىرقەدەر چوڭ بولغاچقا دېڭىز بويىدىكى بايلىق مۇھىت ئۈستۈنلىكى تولۇق جارى قىلدۇرۇلمىغان، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەش قىيىنچىلىقى چوڭ ئىدى، بۇنىڭغا قارىتا خېبېي ئۆلكىسى زامانىۋىلاشقان بوخەي دېڭىزى بويى پورتى قۇرۇش ۋە پورتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئاشۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئۆزگىچە دېڭىز ئوكيان ئىقتىسادى ۋە پورت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، مۇھىتى گۈزەل دېڭىز بويى شەھەر بازار بەرپا قىلىش قاتارلىق بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەم ئىقتىسادنى تەرەققىي قىلدۇردى ھەم مۇھىتنى قوغدىدى.

خېبېي پورتىنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىش جېڭىنىڭ مۇقەددىمىسى باشلاندى، ئىلگىرى كۆمۈر تىرانسپورتنى ئاساس قىلغان چىڭخۇاڭداۋ پورتى يۈك ساندۇقى تىرانسپورتى ۋە پوچتا پاراخوتى پورتىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇشقا باشلىدى. چىڭخۇاڭداۋ پورتى شىنگاڭۋەن يۈك ساندۇقى پىرىستان شىركىتىنىڭ باش دىرېكتور ياردەمچىسى چىڭ فېڭ مۇنداق دېدى: خەلقئارا يۈك ساندۇقى دېڭىز تۆمۈر يولىدا نۆۋەتچى پويىز قاتنىغاندىن باشقا يەنە چىڭخۇاڭداۋ پورتىدا كورېيەنىڭ ئىنچونغا، فىلىپپىننىڭ داۋوۋغا بارىدىغان خەلقئارا يۈك ساندۇقى لىنىيەسىدە كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ يۈك ساندۇقى لىنىيەلىرى ئېچىلىپ، دۆلەتنىڭ «بىر بەلباغ بىر يول» قۇرۇلۇشىغا سىڭىشىپ، چىڭخۇاڭداۋ ئىقتىسادىنى يەر شارى كەسىپ زەنجىرى ۋە قىممەت زەنجىرىگە ئۇلايدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە چىڭخۇاڭداۋ تەرەققىيات رايونى ئەڭ دەسلەپكى 1.9 كىۋادرات كىلومېتىردىن كېڭىيىپ، 128 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتتى، چىڭخۇاڭداۋ ئىقتىساد تېخنىكا تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى ليۇ خوڭجۇ مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: زور بىر تۈركۈم دۇنيادىكى 500 كۈچلۈك كارخانا ئىسلاھات شامىلىغا ئەگىشىپ بۇ يەرگە يىغىلدى.

دېڭىز بويىدىكى رايونلارنىڭ تەرەققىياتى چوقۇم يېشىل تەرەققىيات بولۇشى كېرەك. ساڭجۇ بوخەي يېڭى رايونىدا ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى ئەقىل پاراسەت بىلەن باشقۇرۇش، كونترول قىلىش سۇپىسى پورت رايونىنىڭ مۇھىتىنى يىراقتىن ھەر ۋاقىت نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ. ئۆتكەن يىلىلا پورت رايونى 591 مىڭ كۇب مېتىر كايۇتىغا بېسىلغان سۇنى قايتا يىغىپ، 995 مىڭ كۇب مېتىر پاسكىنا سۇدىن قايتا پايدىلىنىپ، جەمئىي 8 مىليون يۈەن سۇ ئىشلىتىش تەننەرخىنى تېجەپ قالدى. دۆلەتلىك ئېنېرگىيە گۇرۇھى شىنخۇا خۇاڭخۇا پورت ئىشلىرى شىركىتى ئۇچۇر مەركىزىدىن لى نا مۇنداق دېدى: نەق مەيداندىكى 31 پومپا پونكىتىغا قارىتا ھەر ۋاقىت ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەڭشەش ئېلىپ بېرىپ ، پۈتكۈل دۆۋىلەش مەيدانىدا چاڭ توزان چىقارماي مۇھىت ئاسرىغان ئەھۋالدا سۇ ئىشلىتىش تەننەرخىنى مۇۋاپىق تۆۋەنلىتىشنى ئىشقا ئاشۇردۇق.

دېڭىز بويى نۆۋەتتە خېبېيدىكى ئەڭ ھاياتى كۈچكە ئىگە يېشىل تەرەققىيات ئورنىغا ئايلاندى، تاڭشەن سەرخىل پولات بازىسى، ساڭجۇ يېشىل نېفىت خىمىيە بازىسى، چىڭخۇاڭداۋ يۇقىرى تېخنىكىلىق جابدۇق كەسپى بازىسى تېز قۇرۇلماقتا، يېڭى بىر ئەۋلاد ئۇچۇر تېخنىكىسى، ماشىنا ئادەم ۋە ئەقلىي ئىقتىدارلىق جابدۇق، ھاياتلىق چوڭ ساغلاملىقى قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك گۈللەنمە كەسىپلەر خېبېينىڭ دېڭىز بويىدىكى رايونلارغا تېز ئورۇنلاشتى، 2022-يىلىغا بارغاندا خېبېينىڭ دېڭىز بويى رايونلىرىنىڭ ئىقتىسادى ئومۇمىي مىقدارىنىڭ پۈتۈن ئۆلكىدە ئىگىلىگەن نىسبىتى 2018-يىلىدىكىدىن ئىككى پوئىنتتىن ئارتۇق ئاشىدۇ، ئوتتۇرىچە رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پۈتۈن ئۆلكىنىڭكىدىن %40 دىن كۆپرەك يۇقىرى بولىدۇ.

0 (1).jpg
F201907261746214866702761 (1).jpg
1124803062_15641265557521n.jpg