شى جىنپىڭ خۇپچى خەلقئارا قۇملۇق مۇنبىرىگە تەبرىك خېتى ئەۋەتتى
0
2019-07-28 11:28:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :كۈنتېكىن ئىمام

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 28-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

7-نۆۋەتلىك خۇپچى خەلقئارا قۇملۇق مۇنبىرى 7-ئاينىڭ 27-كۈنى ئىچكى موڭغۇل ئاپتونوم رايونىنىڭ ئوردوس شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ تەبرىك خېتى ئەۋەتتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: ئىنسانلارنىڭ بىرلا يەرشارى ماكانى بار. چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىنسانلارنىڭ مەڭگۈ تەرەققىي قىلىشىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇلۇغ ئىش. خەلقئارا جەمئىيەت تەڭ تىرىشىپ، قۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تىزگىنلەش خەلقئارا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، يەرشارى مۇھىتىنى تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، 2030-يىللىق ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات قارالمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەبىئەتكە ئىناقلىق ۋە گۈزەللىك ئاتا قىلىپ، خەلقنى بەختكە، خاتىرجەملىككە ئىگە كېرەك.

شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ تىزگىنلەشتە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى. خۇپچى قۇملۇقىنى تۈزەش خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى تۈزىشى، 2030-يىللىق قارالمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىنى جۇڭگونىڭ تەجرىبىلىرى بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو بىر بەلباغ بىر يول خەلقئارا ھەمكارلىقى بىلەن 2030-يىللىق قارالمىنى ئۇلاشتۇرۇشنى پائال ئىلگىرى سۈرۈۋاتىدۇ. كەلگۈسىدە، جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە، يېشىل تەرەققىيات يولىدا قەتئىي مېڭىپ، ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكىنىڭ ئاساسىنى سېلىپ، يەرشارى مۇھىتىنى تۈزەش ۋە ئاسراشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، گۈزەل، پاكىزە دۇنيا قۇرۇپ چىقىشقا پائال تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

0 (1).jpg
未标题-1.jpg