شى جىنپىڭ مەملىكەتلىك سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى يىغىنى ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى
0
2019-07-27 16:49:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :كۈنتېكىن ئىمام

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 26-كۈنى بېيجىڭدا مەملىكەتلىك سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى يىغىنىغا قاتناشقان بارلىق ۋەكىللەر بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلاردىن سەمىمىي ھال سورىدى، ئۇلارنى ئەسلى مەقسەتنى ئۇنۇتماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، ئېلىمىزنىڭ سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئېچىشقا ئىلھاملاندۇردى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ خۇنىڭ كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11دا، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار جىڭشى مېھمانخانىسى يىغىن بىناسىنىڭ ئالدى زالىغا كەلدى، زالدىن قىزغىن چاۋاك ئاۋازى كۆتۈرۈلدى. شى جىنپىڭ قاتارلىقلار ۋەكىللەر بىلەن سەمىمىي قول ئېلىشىپ كۆرۈشتى، ۋەكىللەر باش شۇجىدىن بەس-بەستە ھال سورىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ 94 ياشقا كىرگەن پېشقەدەم قەھرىمان جاڭ فۇچىڭنى كۆرۈپ، جاڭ فۇچىڭنىڭ قولىنى ئىككى قولى بىلەن چىڭ تۇتۇپ، ئۇنىڭ بىلەن سەمىمىي سۆزلەشتى ھەمدە سەمىمىي ھال سورىدى. ئارقىدىن، شى جىنپىڭ قاتارلىقلار كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى سۈن چۈنلەن كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەمدە مەملىكەتلىك سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى يىغىنىدا سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى ھەققىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىگە بولغان مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، ياخشى ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ، ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئەھمىيەت بېرىش؛ سىياسەت، قانۇن-قائىدىلەرنى كۈچەپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام ۋە كادىلار قوشۇنىنى كۈچەيتىش؛ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش، ياخشى مۇئامىلە قىلىش، ھوقۇق مەنپەئەتنى قوغداش، مۇلازىمەت باشقۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەرنىڭ خىزمىتى ۋە تۇرمۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، ئۇلارنى ئىسلاھات، تەرەققىيات ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا پائال تۆھپە قوشۇشقا ئىلھاملاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا 401 مەملىكەتلىك سەپتىن چېكىنگەن نەمۇنىچى ھەربىي، 91 مەملىكەتلىك سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتىدىكى ئۈلگىلىك ئورۇن ۋە 76 مەملىكەتلىك سەپتىن چېكىنگەن ھەربىيلەر خىزمىتى نەمۇنىچىسى تەقدىرلەندى.

دىڭ شۆشياڭ، جاڭ يۇشيا، چېن شى، گو شىڭكۇن، خۇاڭ كۇنمىڭ، شاۋ جې، جاۋ كېجى قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ ئەزاسى مياۋ خۇا كۆرۈشۈشكە قاتناشتى ھەمدە 1-ئومۇمىي يىغىنغا قاتناشتى.

0 (1).jpg
未标题-1.jpg