جۇڭگو ئامېرىكىنىڭ شياڭگاڭغا قاراتقان گەپ-سۆزلىرىنى ئەيىبلىدى
0
2019-07-25 15:43:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :مېھرىگۈل

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

2019-يىل 7-ئاينىڭ 23-كۈنى دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ شياڭگاڭدا تۇرۇشلۇق مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسى باياناتچىسىنىڭ 7-ئاينىڭ 22-كۈنى شياڭگاڭ مەسىلىسى توغرىسىدا قىلغان سۆزىگە قارىتا مۇنداق دېدى: بىز ئامېرىكىنىڭ خاتا پوزىتسىيەسىگە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمىز ۋە قەتئىي قارشى تۇرىمىز. شياڭگاڭ ۋەتەن قوينىغا قايتىپ كەلگەندىن بۇيان، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش»، «شياڭگاڭنى شياڭگاڭلىقلار ئىدارە قىلىش»، يۈكسەك ئاپتونومىيە ھەقىقىي ئىزچىللاشتى ۋە ئەمەلىيلەشتى. شياڭگاڭلىقلار ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان دەرىجىدە كەڭ ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكتىن قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولۇۋاتىدۇ، بۇ ھەممىگە ئايان پاكىت. ئامېرىكىنىڭ شياڭگاڭ ئاپتونومىيەسى «يىمىرىلدى» دېگەن ئاتالمىش ئىپادىسى، بىر تەرەپلىمە قاراش ئاساسىدىكى سەۋەبسىز ئەيىبلەش، سىياسىي جەھەتتىن يامان غەرەزدە قارا چاپلاشتۇر.

باياناتچى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: يېقىندا شياڭگاڭ جەمئىيىتىدە يۈز بەرگەن بىر قاتار ئەسەبىي زوراۋانلىق قىلمىشلىرى شياڭگاڭنىڭ قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش ئاساسىغا ئېغىر زەربە بېرىپ، جەمئىيەت بىخەتەرلىكى ۋە تەرتىپىگە ئېغىر تەھدىت سېلىپ، «بىر دۆلەتتە ئىككى تۈزۈم بولۇش» نىڭ ئاخىرقى چېكىنى دەپسەندە قىلدى. بىز ئامېرىكا تەرەپنى قوش ئۆلچەمنى چۆرۈپ تاشلاپ، زوراۋانلىق، قانۇنسىز قىلمىشنى دەرھال توختىتىشقا، شياڭگاڭ ئىشلىرى ۋە جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ھەرقانداق باھانە بىلەن ئارىلىشىشنى دەرھال توختىتىشقا يەنە بىر قېتىم دەۋەت قىلىمىز.

未标题-1.jpg