مەركەزئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى يىغىن ئاچتى
0
2019-07-25 15:15:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :پاتىگۈل ، ئادىل

شى جىنپىڭ مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، «ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش» باش تېمىلىق تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھاتتىكى كەمتۈكلەرنى تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇشنى تەكىتلىدى

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇدىرى شى جىنپىڭ 7-ئاينىڭ 24-كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ 9-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەمدە مۇھىم سۆز قىلدى، ئۇ مۇنداق دەپ تەكىتلىدى: ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش پارتىيەمىزنىڭ ئەسلى مەقسەتكە ئەمەل قىلىپ، بۇرچنى زىممىسىگە ئېلىشتىكى مۇھىم ئىپادىسى. ئىسلاھات قانچە چوڭقۇرلاشقانسېرى مەسئۇلىيەتنى شۇنچە زىممىمىزگە ئېلىپ، پۇختا قەدەم بىلەن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە توغرا كېلىدۇ، ئازراقمۇ توختاپ قېلىشقا، بوشاڭلىق قىلىشقا بولمايدۇ، ئەسلى مەقسەتنى ئۇنتۇماي، بۇرچنى ئەستە چىڭ ساقلاش باش تېمىلىق تەربىيەسىگە زىچ بىرلەشتۈرۈپ، ئىسلاھات ئىدىيەسى ۋە ئاڭلىقلىقى، سىياسىي ئاڭلىقلىق، ھەرىكەت ئاڭلىقلىقىنى ئاشۇرۇپ، قىيىنچىلىقنى يېڭىپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، جاپانى يېڭىپ، كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، ئاجىز تۈرلەرنى كۈچەيتىپ، ھاياتى كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چىڭ تۇتۇپ، مەنپەئەت مۇقىملىشىپ قېلىشنى، تەرەققىياتقا توسالغۇ بولىدىغان تۈزۈلمە-مېخانىزمنى قەتئىي تەۋرەنمەي تۈگىتىش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى كېچياڭ، ۋاڭ خۇنىڭ، خەن جېڭ يىغىنغا قاتناشتى.

يىغىندا «دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا ئېتىكىسى كومىتېتى قۇرۇش لايىھەسى»، «بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى پىكىر»، «يېزىلارنىڭ ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش، قوغداش تۈزۈلمىسى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «سەددىچىن سېپىلى، بۈيۈك قانال، ئۇزۇن سەپەر دۆلەتلىك مەدەنىيەت باغچىسى قۇرۇش لايىھەسى»، «دۆلەت زېمىنى بوشلۇقى يىرىك پىلانىدا ئۈچ تىزگىنلەش لىنىيەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ بېكىتىش ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»، «تورنى ئۇنىۋېرسال تۈزەش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىش توغرىسىدىكى پىكىر»، «رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشى سىناق خىزمىتى لايىھەسى»، «دۆلەتنىڭ كەسىپ بىلەن مائارىپنىڭ يۇغۇرۇلما قۇرۇلۇشىنى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇش لايىھەسى»، «شېنجېندا جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالدىن يولغا قويۇش، ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشنى قوللاش ھەققىدىكى پىكىر»، «جۇڭگو-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەرلىكلەر ئىقتىساد سودا ھەمكارلىقى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇلۇشى ئومۇمىي لايىھەسى» قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پەن تېخنىكا ئېتىكىسى پەن-تېخنىكا پائالىيىتىدە رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك قىممەت مىزانى. دۆلەتلىك پەن-تېخنىكا ئېتىكىسى كومىتېتى قۇرۇشتىكى مەقسەت بىر تۇتاش پىلانلاپ قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يېتەكچىلىك قىلىپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك قاپلىغان، يۆنىلىشى ئېنىق، قېلىپلاشقان، تەرتىپلىك، بىردەك ماسلاشقان پەن-تېخنىكا ئېتىكىسى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش. تۈزۈمنى قېلىپلاشتۇرۇشنى چىڭ تۇتۇپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىدارە قىلىش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئېتىكىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار قانۇن-نىزاملار ۋە ئېتىكا تەكشۈرۈش قائىدىسىنى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، تۈرلۈك پەن تەتقىقات پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىپ، ھوقۇق بېرىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش، مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش، ئەدلىيە جەھەتتىن قوغداش، كېسىم ئارقىلىق مۇرەسسە قىلىش، كەسىپتە تەلەپچان بولۇش قاتارلىق ھالقىلاردىن قوغداش خىزمىتى سىستېمىسىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇن، مەمۇرىيەت، ئىقتىساد، تېخنىكا، جەمئىيەت ئىدارە قىلىش ۋاسىتىلىرىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىپ قوغداشنى كۈچەيتىپ، قوغداش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جۇڭگو تېبابىتى بىلەن غەرب تېبابىتىگە تەڭ ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى بىلەن غەرب تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ ئۆزئارا تولۇقلاش، ماس تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئېلىمىزنىڭ سەھىيە ۋە ساغلاملىق ئىشلىرىنىڭ كۆرۈنەرلىك ئەۋزەللىكى. جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ئىشلىرى ۋە كەسىپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىگە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى ئېچىۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمە مېخانىزمىنى ئىسلاھ قىلىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكىنىڭ كېسەللىكنى داۋالاش ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشتىكى ئالاھىدە رولىنى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: يېزىلارنىڭ ئۇل ئەسلىھەلىرى يېزىلارنىڭ ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلىرىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم تىرەك، يېزاـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇھىم ماددىي ئاساسى. شەھەر-يېزىلارنىڭ ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ باشقۇرۇش، قوغداشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى يۆنىلىش قىلىپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىك قىلىش، بازار يۈرۈشلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەتتىكى تۈرلۈك سۇبيېكتلارنى يېزا ئاممىۋىي ئۇل ئەسلىھەلىرىنى باشقۇرۇش-قوغداشقا قاتنىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، مۈلۈك ھوقۇقى تەۋەلىكى بويىچە باشقۇرۇش-قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باشقۇرۇش-قوغداش ئۆلچىمى ۋە قائىدىسىنى ئىلمىي تۈزۈپ، باشقۇرۇش-قوغداش ئەندىزىسىنى مۇۋاپىق تاللاش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سەددىچىن سېپىلى، بۈيۈك قانال، ئۇزۇن سەپەر دۆلەتلىك مەدەنىيەت باغچىسى قۇرۇش مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش، جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك تەسىر كۈچى، ئىنقىلابىي مەدەنىيەتنىڭ كۈچلۈك چاقىرىق كۈچىنى نامايەن قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىغا بىرلەشتۈرۈپ، قوغداشنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ۋارىسلىق قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلۈك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى گەۋدىسى ۋە مۇھىتىنى قاتتىق قوغداپ ھەمدە باشقۇرۇپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت ئېكولوگىيەسىنى مۇۋاپىق ساقلاپ، مەدەنىيەت ساياھىتى، ئۆزگىچە ئېكولوگىيە كەسپىنى مۇۋاپىق راۋاجلاندۇرۇش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئېكولوگىيەنى قوغداش چېكى، مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىز-ئېرىق، شەھەر-بازارلارنى ئېچىش چېگراسىدىكى ئۈچ تىزگىنلەش لىنىيەسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ بېكىتىپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بايلىق، مۇھىتنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارى ۋە زېمىن بوشلۇقىنى ئېچىشنىڭ مۇۋاپىقلىقىنى باھالاشنى ئاساس قىلىپ، ئېكولوگىيە، يېزا ئىگىلىكى، شەھەر بازار قاتارلىق فۇنكسىيەلىك بوشلۇقنى ئىلمىي، تەرتىپلىك، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، بىر تۇتاش خەرىتە لايىھەسى، بىر تۇتاش ئۆلچەم، بىر تۇتاش پىلانلاش، بىر تۇتاش سەھنە تەلىپى بويىچە، تۈرگە ئايرىپ باشقۇرۇش-تىزگىنلەش مېخانىزمىنى بەرپا قىلىش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىنتېرنېت مەزمۇنى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، تورنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ساپ تور بوشلۇقى يارىتىش پارتىيە19-قۇرۇلتىيىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىستراتېگىيەلىك زور ئورۇنلاشتۇرۇش. سىستېمىلىق پىلانلاش، ئۇنىۋېرسال تۈزەش، سىستېمىلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلىك قىلىش، باشقۇرۇش، ئاكتىپ كۈچ تارقىتىش، مەزمۇننى باشقۇرۇش تىزگىنلەش،جەمئىيەت ماسلاشتۇرۇش، تورنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىش، تېخنىكا ئارقىلىق تورنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش سىستېمىسىنى تەدرىجىي بەرپا قىلىپ، تورنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش ئىقتىدارىنى ھەر تەرەپلىمە ئۆستۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇلۇشىنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشتىكى ئاساسلىق ۋەزىپە بېيجىڭ، شاڭخەي قاتارلىق داۋالاش بايلىقى مول رايونلاردا بىر قانچە ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش ئاپپاراتىنى تاللاپ، شۆبە، تارماق ئاپپارات قۇرۇش ئارقىلىق، دوختۇرلارنىڭ كۆپ نۇقتىدا كەسىپ بىلەن شۇغۇللىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق، بىمارلار كۆپ، داۋالاش بايلىقى نىسبەتەن ئاجىز رايونلاردا رايون داۋالاش مەركىزى قۇرۇپ، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، بۈيۈك مەلۇمات قاتارلىق ئىلغار تېخنىكىلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئەلا سۈپەتلىك داۋالاش بايلىقىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ تەرەققىي قىلدۇرۇپ، ئاممىنىڭ داۋالاش مۇلازىمىتى ئېھتىياجىنى تېخىمۇ ياخشى قاندۇرۇش.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئىشلەپچىقىرىش بىلەن مائارىپنى بىرلەشتۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش مائارىپنى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىياتقا يېتەكلەش، كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك تەدبىر. مەسىلىنى ھەل قىلىش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، نۇقتىدا سىناق قىلىشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، شەھەرلەرنىڭ بەرداشلىق بېرىشچانلىقى،كەسىپلەرنىڭ بىرىكىشى، كارخانىلارنىڭ سۇبيېكتلىق رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، مائارىپ قانۇنىيىتى ۋە ئىقتىسادىي قانۇنىيەتكە ھۆرمەت قىلىپ، بازارنىڭ بايلىق تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولى ۋە ھۆكۈمەتنىڭ بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇپ، ماسلاشتۇرۇپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: شېنجېننىڭ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك ئالدىن ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇشىنى قوللاشتا پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئىقتىسادىي ئالاھىدە رايون قۇرۇش ئىستراتېگىيەلىك مۇددىئاسىنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىدا قەتئىي تەۋرەنمەي مېڭىپ، ئىسلاھات، ئېچىۋېتىشتە چىڭ تۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، گۇاڭدۇڭ شياڭگاڭ ئاۋمېن چوڭ قولتۇقى رايونى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت شەھەر ئۈلگىسىنى تىرىشىپ بەرپا قىلىش كېرەك.

يىغىندا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: چىڭداۋدا جۇڭگو-شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى يەرلىك ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىدا ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى قۇرۇش، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق يېڭى سۇپىسى بەرپا قىلىپ، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى، زامانىۋى سودا، قوش يۆنىلىشلىك مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقى، سودا-ساياھەت مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، چىڭداۋنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يېڭى ئاسىيا-ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇق كۆۋرۈكى ئىقتىساد كارىدورى قۇرۇلۇشى ۋە دېڭىز ئۈستى ھەمكارلىقىدىكى رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئېلىمىزنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن ئالاقىنى راۋانلاشتۇرۇشىنى كۈچەيتىپ، شەرق بىلەن غەربنىڭ ئۆزئارا ياردەم بېرىش، قۇرۇقلۇق، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى ھەمتۈرتكە ئېچىۋېتىش ئەندىزىسىنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشقا بولغان يېڭى ئارزۇسىنى چۆرىدەپ، تېخىمۇ قاراتمىلىققا ئىگە، ئېچىۋېتىش خاراكتېرلىك ئىسلاھات تەدبىرلىرىنى يولغا قويۇش كېرەك. تۆۋەنگە نەزەر سېلىش، تۆۋەنگە چۈشۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاساسىي قاتلاملارنى تېخىمۇ كۆپ ئىجادىي ئىسلاھات، پەرقلىق ئىسلاھات ئۈستىدە ئىزدىنىشىگە ئىلھام ۋە مەدەت بېرىپ، ئاساسىي قاتلامنىڭ ئىزدىنىش، يېڭىلىق يارىتىشتىكى ياخشى تەجرىبە، ياخشى ئۇسۇللىرىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. بارلىق پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار «تۆت ئاڭ» نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ» نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش» نى ھەرىكىتىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەش ئىستىلىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ھەقىقىي پۇختا ئىشلەپ، قاتتىق قول بولۇپ، مەسىلىنى ھەل قىلىشتا چاقماقتەك چاققان بولۇپ، تېگى تەكتىدىن ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، مىخ مىخلاش روھى بىلەن ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش قىيىن، تەسىر دائىرىسى كەڭ، پۇقرالار بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ئىسلاھات ۋەزىپىسىنى چىڭ تۇتۇشى كېرەك. ئىسلاھ قىلىش، يېڭىلىق يارىتىش، ئالدىن يولغا قويۇش، ئالدىن سىناق قىلىش داۋامىدا كۆرۈلگەن سەۋەنلىكلەرگە كەڭ قورساق بولۇپ،كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ ئاكتىپلىقى، تەشەببۇسكارلىقى، ئىجادچانلىقىنى ئەڭ زور دەرىجىدە قوزغاش كېرەك. ئىسلاھاتتىكى گەۋدىلىك شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىق مەسىلىلىرىنى قەتئىي تۈگىتىش كېرەك.

مەركەز ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇش كومىتېتىنىڭ ئەزالىرى يىغىنغا قاتناشتى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.

未标题-1.jpg