پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدىن يېڭى ئۈنۈم كۆرۈلدى
0
2019-07-24 10:59:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :پاتىگۈل مۇھەممەد

پۇل مۇئامىلە ئىسلاھاتىدىن يېڭى ئۈنۈم كۆرۈلدى، تاشقى پېرېۋود بازىرى مۇقىم يۈرۈشتى

بۇ يىل 2-ئايدا باش شۇجى شى جىنپىڭ جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ 13-قېتىملىق كوللېكتىپ ئۆگىنىشىگە رىياسەتچىلىك قىلغاندا ۋە سۆز قىلغاندا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پۇل مۇئامىلىنى ئىسلاھ قىلىش ۋە ئېچىۋېتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۇل مۇئامىلىنىڭ ئەمەلىي ئىقتىسادقا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە خەۋپ خەتىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور خەۋپ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى قەتئىي ياخشى قىلىپ، ئېلىمىز پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، ئېلىمىزنىڭ پۇل كىرېدىتى ۋە ئىجتىمائىي مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش كۆلىمى مۇۋاپىق ئاشتى، پۇل مۇئامىلىنىڭ پۇقراۋىي كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا مەدەت بېرىشىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم كۆرۈلدى، پۇل مۇئامىلە خەۋپ خەتىرى ۋەقەلىرى تەرتىپلىك تۈگىتىلدى، تاشقى پېرېۋود بازىرىدا تەمىنات بىلەن ئېھتىياج ئاساسەن تەڭپۇڭ بولۇپ، ئېلىمىز ئىقتىسادىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشى، سىجىل ئېشىشىغا مۇستەھكەم كۈچ قوشتى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۆلكە، مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ئاساسلىق رەھبىرىي كادىرلارنىڭ تۆۋەن چەك تەپەككۇرى بىلەن زور خەۋپ خەتەرنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش مەخسۇس مۇھاكىمە كۇرسىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا مۇھىم سۆز قىلغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، كارخانىلارغا ياردەم بېرىش، ئىش ئورنىنى مۇقىملاشتۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش سىياسىتىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.

بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن بۇيان، ئېلىمىزنىڭ بانكا، سۇغۇرتا كەسپى داۋاملىق تەمىنات قۇرۇلمىسىنى سەرخىللاشتۇردى، بولۇپمۇ پۇقراۋىي كارخانىلار ۋە كىچىك، مىكرو كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى كۈچەپ ھەل قىلىپ، كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم ھاسىل قىلدى.

ۋاڭ جىجېنىڭ جېجياڭ ئۆلكىسى لىنخەي شەھىرىدە بىر كابېل كارخانىسى بار. ئالدىنقى يېرىم يىلدا ۋاڭ جىجېنىڭ شىركىتى بانكىدىن 3مىليون يۈەن يۆتكەلمە قەرز پۇلغا ئىگە بولدى، ئۇنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى بۇ قېتىمقى قەرز پۇلنىڭ مۇددىتى بىر يىلدىن ئۈچ يىلغا ئۇزارتىلدى، ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ ئۈچ يىل ۋاقىت ئىچىدە بىز قەرز قايتۇرۇش ئىشىنى ئويلىمايدىغان بولدۇق، كېيىنكى ئىشلاردىن ئەندىشە قىلمايدىغان بولدۇق.

5-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە ئېلىمىزدە ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق كىچىك، مىكرو كارخانىلار قەرز قالدۇق سوممىسى10 تىرىليون يۈەنگە يېتىپ، ئېشىش سۈرئىتى تۈرلۈك قەرز پۇللارنىڭ ئېشىش سۈرئىتىدىن تېز بولدى. جۇڭگو خەلق بانكىسى پۇل مۇئامىلە بازىرى مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى زوۋ لەن مۇنداق دېدى: دۆلەت ئىلىكىدىكى بەش چوڭ بانكىنىڭ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا بەرگەن قەرز پۇلى ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىدىكىدىن %23.7 ئاشتى، ئىشىنىمىزكى ھەرقايسى تەرەپلەر ئورتاق تىرىشسىلا، ھۆكۈمەت خىزمىتى دوكلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان نىشان تەلەپلەرنى ئۆز قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ.

باش شۇجى شى جىنپىڭ ئوتتۇرا كىچىك كارخانىلارنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشى قىيىن بولۇش، قىممەت بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەكىتلەشتىن باشقا يەنە «مۇردا كارخانىلار»نى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا باشلاش، يولغا قويۇش، خادىملارنى ئورۇنلاشتۇرۇش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى كۈچەپ، مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىپ، بازارنى تازىلاپ، بېسىلىپ قالغان زور مىقداردىكى بايلىقىنى قېزىشنى تەكىتلىدى.

ئالدىنقى يېرىم يىلدا، نازارەت باشقۇرۇش تارماقلىرى پۇل مۇئامىلىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرۈپ، ئوتتۇرا ئۇزاق مەزگىللىك قەرز پۇل ۋە ئىناۋەتلىك قەرز پۇل سېلىنمىسىنى كۆپەيتىپ، پەن تېخنىكا ئىگىلىك تىكلەش كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى پائال كېڭەيتىپ، تىرىشىپ، دەل توغرا يۆلەش، كونترول قىلىشنى پۇل مۇئامىلە مۇلازىمىتى بىلەن تەمىن ئېتىشتە چىڭ تۇردى. بانكا سۇغۇرتا نازارەتچىلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جۇ لياڭ مۇنداق دېدى: «مۇردا كارخانا»لارنى ئازايتىپ، ئۈنۈمسىز، ئۈنۈمى تۆۋەن ئىگەللىۋېلىنغان ئىناۋەتلىك قەرز پۇل بايلىقىنى قېزىپ چىقىپ، تەرەققىياتقا ئېھتىياجلىق ساھەلەرنى قوللىشىمىز كېرەك. ئالايلۇق ياسىمىچىلىق قەرز پۇلى بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا يېڭىدىن 1تىرىليون 320 مىليارد يۈەن ئاشتى، پەن تېخنىكا مۇلازىمەتچىلىكى ۋە ئۇچۇر تېخنىكا مۇلازىمەتچىلىكىدە قەرز پۇلنىڭ ئېشىش سۈرئىتى %15دىن يۇقىرى بولۇپ كەلدى.

دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇ يىل 5-ئايدا، باۋتۇ سودا بانكىسىدا ئېغىر ئىناۋەت خەۋپ-خەتىرى كۆرۈلدى، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارماقلىرى ئۆتكۈزۈۋېلىش خىزمىتىنى تەرتىپلىك ئىلگىرى سۈرۈش ۋە ئومۇميۈزلۈك، مۇقىم بىر تەرەپ قىلىش ئارقىلىق بازارنىڭ ئەندىشىسىنى پەسەيتتى، ھەمدە بازارنىڭ قاتتىق نەقلەشتۈرۈشنى بۇزۇپ تاشلاپ، ياخشى يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولدى. جۇڭگو خەلق بانكىسى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى جۇ شۆدۇڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قاتتىق نەقلەشتۈرۈش بۇزۇپ تاشلانغاندىن كېيىن، ئىلگىرىكى ئوتتۇرا كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرىنىڭ كەسىپداشلار بىلەن كەسپىنى قانات يايدۇرۇشتىكى، سودا رەقىبى ۋە پۇل مۇئامىلە مەھسۇلاتلىرىدىكى خەۋپ-خەتەرنى پەرق ئېتىش شۇنداقلا خەۋپ-خەتەر ئۆرلىگەن باھانى پەرق ئېتىشكە سەل قارايدىغان بەزى رادىكال ئۇسۇللارنى داۋاملاشتۇرۇشى قىيىنلاشتى، بۇ بازاردىكى بىر خىل ئېغىشنى تۈزىتىش ھەرىكىتى.

تاشقى پېرېۋوت بازىرىنىڭ يۈرۈشۈشى جەھەتتە، دۆلەتلىك تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1-ئايدىن 6-ئايغىچە، بانكىنىڭ جەمئىي 224 مىليارد 800 مىليون يۈەن تاشقى پېرېۋوتنى راسچوت قىلىش-سېتىش پاسسىپ بالانسى 224 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولۇپ، ئالدىنقى يېرىم يىلدا بانكىنىڭ خېرىدارلارغا ۋاكالىتەن چەت ئەل بىلەن قىلغان كىرىم-چىقىم ئاكتىپ بالانسى 210 مىليارد 800 مىليون يۈەن بولغان. 6-ئاينىڭ ئاخىرىغا قەدەر، ئېلىمىزنىڭ تاشقى پېرېۋوت زاپىسى 3 تىرىليون 119 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان مۇقىم ئاشقان. دۆلەتلىك تاشقى پېرېۋوت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى، باش ئىقتىسادچىسى ۋاڭ چۈنيىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئېلىمىزنىڭ چېگرا ھالقىغان مەبلەغنىڭ يۆتكىلىشى مۇقىم بولدى، چېگرا ئىچىدىكى تاشقى پېرېۋوت بازىرىدا تەمىنات بىلەن ئېھتىياج ئاساسىي جەھەتتىن تەڭپۇڭ بولدى، كېيىنكى يېرىم يىلدىمۇ ئومۇمىي جەھەتتىن مۇقىم بولۇش مۆلچەرلەنمەكتە.

未标题-1.jpg