شى جىنپىڭ يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يول-يورۇق بەردى
0
2019-07-23 16:45:00
|
مەنبەسى:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
|
تەھرىر :كۈنتېكىن ئىمام

شى جىنپىڭ يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يول-يورۇق بەردى، لى جەنشۇ يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى

جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 7-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭ خەۋىرى:

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ يېقىندا يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى خىزمىتى توغرىسىدا مۇھىم يول-يورۇق بېرىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ دائىمىي كومىتېتىنى تەسىس قىلىش خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنى راۋاجلاندۇرۇش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈشتىكى مۇھىم تەدبىر. 40 نەچچە يىلدىن بۇيان، يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە، خەلق ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيىتى ۋە مەجبۇرىيىتىنى ئادا قىلىپ، يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، يەرلىكنىڭ ئىسلاھات ۋە تەرەققىياتى، مۇقىملىق خىزمىتىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى ۋەزىيەتتىكى يېڭى ۋەزىپە خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ خىزمىتىگە يېڭىدىن تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتى ھەققىدىكى تەلىپى بويىچە، يەرلىك پارتكومنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ چوڭ سىياسەت فاڭجېنلىرىنى ئىزچىل ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەققىدىكى ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چۆرىدەپ، يەرلىكنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىجادىي ھالدا ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادىي-ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش ۋەزىپىسىگە تېخىمۇ ياخشى ياردەم بېرىشى كېرەك. ئۆزى بىلەن تەڭ دەرىجىلىك پارتكومنىڭ رەھبەرلىكىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، ئەلگە يېقىن بولۇپ، ئەل رايىنى ئىگىلەپ، ئەلنىڭ ئەقلىنى مۇجەسسەملەپ، قانۇنچىللىق ئارقىلىق خەلقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، خەلقكە تېخىمۇ بەخت يارىتىشى كېرەك. ئۆز قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قانۇن بويىچە مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئىقتىدارى ۋە سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، خىزمەتنىڭ ئومۇمىي ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا دائىمىي كومىتېت تەسىس قىلىنغانلىقىنىڭ 40 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۆھبەت يىغىنى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى لى جەنشۇ يىغىنغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى: شى جىنپىڭنىڭ يېڭى دەۋىر جۇڭگوچە سوتسىيالىزىم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يول-يورۇقىنىڭ روھى بويىچە، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكى ئاستىدا، ھەر دەرىجىلىك خەلق قۇرۇلتايلىرىنىڭ فۇنكىسىيەلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى دەۋىردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك.

لى جەنشۇ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكى، خەلق ئۆز ئۆزىگە ئىگە بولۇش، دۆلەتنى قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى ئورگانىك بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ تەجرىبىلىرىنى ئەستايىدىل خۇلاسىلاپ ۋە ئۇنىڭدا چىڭ تۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمىنىڭ ئەمەلىي ئالاھىدىلىكى، دەۋىر ئالاھىدىلىكىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش ۋە كېڭەيتىش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن ئاڭلىق ھالدا يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلاش كېرەك. پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىگە قويغان تەلىپى بويىچە، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ زور ھەل قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قانۇن چىقىرىش، نازارەت قىلىش، ۋەكىللەر قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلەپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن ئاتا قىلغان تۈرلۈك مەسئۇلىيەتنى ئۈسىتىگە ئېلىش كېرەك. خەلقنى مەركەز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، خەلق ئاممىسى بىلەن بولغان ئالاقىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىدە خەلقنىڭ مەنپەئىتىنى تىرىشىپ نامايەن قىلىپ، خەلقنىڭ ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ، خەلقكە تېخىمۇ بەخت يارىتىش كېرەك.

جۇڭگو كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ چىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يول يورۇقىنى يەتكۈزدى ھەمدە سۆھبەت يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇن كومىتېتى، 7 يەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى سۆھبەت يىغىنىدا سۆز قىلدى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقلىرىدىن ساۋ جيەنمىن، ۋەن ئېشياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.

مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ھەر قايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ھەر قايسى خىزمەت كومىتېتلىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ھەر قايسى ئۆلكە، ئاپتونۇم رايون، مەركەزگە بىۋاستە قاراشلىق شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مەسئۇللىرى قاتارلىقلار سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.